شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكىمىتىدىن 5. ئىيۇل ئۈرۈمچى ئېتنىك قىرغىنچىلىقىنى لەنەتلەش ئۈچۈن خىتاي تاجاۋۇزۋىلىرىغا قارشى ئومۇميۈزلىك نامايىش قىلىش چاقىرىقى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك شەرقىي تۈركىستان ۋەتەنداشلىرى، ھەممىمىزنىڭ ھەممە ۋاقتىمىز خەيرلىك ۋە بەرىكەتلىك بولسۇن، جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ھاياتىمىزدا ئىسلامدىن ۋە ئۆلۈم زامانىمىزدا ئىماندىن ئايرىمىسۇن، ئامىن!.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا تاجاۋۇزچى ۋە تېررورىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەرىپسىز زۇلۇمغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىگە ھەر بىر شەرقىي تۈركىستان پۇقراسىنىڭ قارشى تۇرىشى، ئۆز خەلقىنى قوغدىشى ۋە بۇ يولدا قولىدىن كېلىشىچە كۆرەش قىلىشى ئىسلامىي نۇقتىدىن پەرزدۇر، شۇنداقلا ئىنسانىي، ۋىجدانىي ۋە ئەخلاقىي نۇقتىدىن قەرزدۇر. ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ زۇلۇمغا ۋە بۇ خورلۇققا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئازاتلىق ۋە مۇستەقىللىق كۆرىشىمىزنىڭ تەسىرلىك ۋە نەتىجىلىك بولىشى ئۈچۈن ھەممىمىز بىردەك ئىتتىپاق بولىشىمىز شەرتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلىتىش ۋە تەكرار تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن 2019. يىلى 7. ئاينىڭ 5.كۈنى سائەت 11 دىن 14 ئارىسىدا ئامېرىكا پايىتەختى ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزىلمەكچى بولغان، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋىي نامايىشنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە چاقىرىدۇ ۋە شۇنداقلا ھەر بىر شەرقىي تۈركىستان پۇقراسىنى قايسى تەشكىلات، قايسى دەرنەك ۋە قايسى ئېدىلوگىيىگە تەۋە بولىشىدىن قەتئى نەزەر بۇ نامايىشقا قېتىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. قېرىنداشلار، بىزنىڭ داۋايىمىز خەلقىمىزنىڭ ئازاتلىقى ۋە ھۆرلىكى ئۈچۈن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋاسىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىمقى نامايىشتا داۋايىمىزنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى ئىكەنلىكىنى ئپادىلەيدىغان شۇئار ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ چىقايلى، چۈنكى مۇستەقىللىق داۋاسى ئۇيغۇرلۇق داۋاسىنىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىنىمۇ، دىنىي ئەركىنلىك داۋاسىنىمۇ، دېموكراتىيە داۋاسىنىمۇ، ئەركىنلىك داۋاسىنىمۇ، ئىنسان ھەقلىرى داۋاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە بۇ داۋالارنىڭ كاپالىتى؛ بىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنى دۇنيادا ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ ئەمما بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىمىزنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى ھېچكىم ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ، بۇنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىز، پائالىيەتلىرىمىز، شۇئارلىرىمىز، لوزۇنكىلىرىمىز ۋە باياناتلىرىمىز مۇستەقىللىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇيىمىز ۋە ئىرادىمىزنىڭ بارلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلەدىغان بولىشى كېرەك!
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى يەنە سۈرگۈندى ھۆكۈمەت مىللەت ۋەكىللىرىدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى، ھەر بىر مىللەت ۋەكىلى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەتەنداشلىرىنى ۋە بىزگە ھېسداشلىق قىلىدىغان باشقا دوست خەلقلەرنى تەشكىللەپ 2019. يىلى 7. ئاينىڭ 5. كۈنىدىكى نامايىشقا ئامېرىكا كونسۇلى ۋە ياكى ئۆزى تۇرىۋاتقان دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا ئاپىرىپ نامايىش قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە بۇنى مىللەت ۋەكىلى بولۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەجبۇرىيىتى دەپ قارايدۇ.
ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ئابدۇلئەھەد نۇر.

Pin It

Comments powered by CComment