بېسىپ چىقىرىش
يوللانما تۈرى: ھۆكۈمەت باياناتلىرى
چېكىلىش سانى: 14236

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك شەرقىي تۈركىستان ۋەتەنداشلىرى، ھەممىمىزنىڭ ھەممە ۋاقتىمىز خەيرلىك ۋە بەرىكەتلىك بولسۇن، جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ھاياتىمىزدا ئىسلامدىن ۋە ئۆلۈم زامانىمىزدا ئىماندىن ئايرىمىسۇن، ئامىن!.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەرىپسىز زۇلۇمغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىگە ھەر بىر شەرقىي تۈركىستان پۇقراسىنىڭ قارشى تۇرىشى، ئۆز خەلقىنى قوغدىشى ۋە بۇ يولدا قولىدىن  كېلىشىچە كۆرەش قىلىشى ئىسلامىي نۇقتىدىن پەرزدۇر، ئىنسانىي، ۋىجدانىي ۋە ئەخلاقىي نۇقتىدىن قەرزدۇر.  تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ زۇلۇمغا ۋە بۇ خورلۇققا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئازاتلىق ۋە مۇستەقىللىق كۆرىشىمىزنىڭ تەسىرلىك ۋە نەتىجىلىك بولىشى ئۈچۈن ھەممىمىز بىردەك ئىتتىپاق بولىشىمىز شەرتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى 2019. يىلى 2. ئاينىڭ 23. كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزىلمەكچى بولغان ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىگى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋىي نامايىشنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە تەبرىكلەيدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر شەرقىي تۈركىستان پۇقراسىنى قايسى تەشكىلات، قايسى دەرنەك ۋە قايسى ئېدىلوگىيىگە تەۋە بولىشىدىن قەتئى نەزەر بۇ نامايىشقا قېتىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. قېرىنداشلار، بىزنىڭ داۋايىمىز خەلقىمىزنىڭ ئازاتلىقى ۋە ھۆرلىكى ئۈچۈن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋاسىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىمقى نامايىشتا داۋايىمىزنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى ئىكەنلىكىنى ئپادىلەيدىغان شۇئار ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ چىقايلى، چۈنكى مۇستەقىللىق داۋاسى ئۇيغۇرلۇق داۋاسىنىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىنىمۇ، دېموكراتىيە داۋاسىنىمۇ، ئەركىنلىك داۋاسىنىمۇ،  ئىنسان ھەقلىرى داۋاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە بۇ داۋالارنىڭ كاپالىتى؛ بىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنى دۇنيادا ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ ئەمما بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىمىزنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى ھېچكىم ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ، بۇنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىز، پائالىيەتلىرىمىز، شۇئارلىرىمىز، لوزۇنكىلىرىمىز ۋە باياناتلىرىمىز بۇ ھەقتە بولىشى كېرەك!

ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ئابدۇلئەھەد نۇر.

Comments powered by CComment