بېسىپ چىقىرىش
يوللانما تۈرى: بارلىق يوللانمىلار
چېكىلىش سانى: 6233

دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا بىرىنجى ئورۇندا كېتىپ بارغان ئامېرىكا ۋە گىرمانىيە دۆلەتلىرى، سىلەرگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن سالام!
سىلەرنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىڭلار 2019. يىلى 7. ئاينىڭ 2. كۈنى سەيشەنبە ب د ت دا ئېچىلغان ئاسىيا كۈنتەرتەۋىدىكى يېپىق يىغىندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن قەتلىئام، ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە تۈرلىك زۇلۇملارنى جىنايەتچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇپتۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشنى تەكلىپ قىپتۇ؛ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە گىرمانىيەگە ئاپېرىن ئوقۇيدۇ ۋە رەھمەت ئەيتىدۇ. سىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىڭلاردەك، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئېلىنىدىغان قارارلار بىلەن ھەل قىلىنمىسا شەرقىي تۈركىستاندىكى قەتلىئاملار ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىقلار توختىمايدۇ, شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى سىلەرنىڭ بۇ پىكرىڭلارنى جانۇ-دىلدىم قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە يەنە شۇنى بىلىپ قېلىشىڭلارنى ئوچۇق جاكارلايدۇكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس چۈنكى شەرقىي تۈركىستان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ئايرىم بىر دۆلەت, شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىسە شەرقىي تۈركىستان خەلقى يوقۇلۇپ كېتىشتىن قۇتۇلالمايدۇ ۋە دۇنيا خەلقىمۇ خىتاي تەھلىكىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

Comments powered by CComment