شەرقى تۈركىستان سۈرگۇندى ھۆكۈمىتى 23. ئىيۇن زۇم يىغىن ئاخباراتى

(Washington DC June 23, 2019)



شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ 23.چىسلا ئۆتكۈزگەن پارلامېنت زۇم يىغىنىدا 84 پارلامېنت ئەزاسىدىن تېخنىكىلىق سەۋەپتىن ئۇلىنالمىغانلار، خىزمەت سەۋەپلىك قاتنىشالمىغانلار ۋە بىتەرەپ تۇرۇشنى تاللىغانلاردىن سىرت 59 قېرىندىشىمىز نەخ مەيدانغا قاتناشتى. يىغىنغا قېرىندىشىمىز تالىپ ئاتاجان رياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ۋاشىڭگىتون ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:30 دا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۇندى ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىشلار مىنىستىرى ۋە باياناتچىسى ئابدۇل ئەھەت نۇر ھاجىمنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى شېھىتلىرىمىزنىڭ رۇھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇپ دۇئا قىلىشى بىلەن باشلاندى، ئاندىن شەرقى تۈركىستان مىللى مارشى ئوقۇلدى. پارلامېنت ئەزالىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، قوللىرىنى يۈرىكىگە قويۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تۇردى.
شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۇمىتى پرېزىدىنتى غۇلام ئوسمان ئەپەندىم ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى، ئاندىن مۇئاۋىن باش مىنىستىر ھاجى مامۇت ئەپەندىم ۋە دىنى ئىشلار مىنىستىرى ۋە باياناتچىسى ئابدۇل ئەھەت نۇر ھاجىم يىغىن ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىن تېخىنىكا مەسئۇلى ئۈمۈت ئۇيغۇر ئەپەندىم كومپىيۇتىردا قانداق قىلىپ بەلەت تاشلاش ياكى ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلىنى كۆپچىلىككە چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، يىغىن رىياسەتچىسى كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرنى نۆۋەت بىلەن ئوقۇپ چۇشەندۇردى.
كۈنتەرتەپتىكى مەسىلىلەر يىغىن رىياسەتچىسى تەرىپىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلغان ۋە كۆپچىلىكنىڭ قايتا-قايتا مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرە جەريانىدا ئۈچ قېتىم ئۆزگەرتىلىپ تۈزۈتىلگەن.
بۈگۈنكى يىغىن ئاساسەن ئاۋاز بېرىشكە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ لېكىن قېرىنداشلىرىمىز بەزى ئىنچىكە مەسىلىلەردە ناھايىتى قىزغىن تالاش- تارتىش قىلدى. ئىككى سائەت دەپ پىلانلانغان يىغىن تۆرت يېرىم سائەت ئەتىراپىدا داۋام قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان 7 مەسىلىنىڭ ئالتىسى قوبۇل قىلىنىپ، بىرى ئالى كىڭەشنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇزاكىرە قىلىشىغا قالدۇرۇلدى. يەنى تۆۋەندىكىدەك ئالتە مۇھىم قارار ئېلىندى:
1. سالىھ خۇدايار قېرىندىشىمىز1 گە قارىشى 58 ئاۋاز بىلەن شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىرىگە ۋاقىتلىق يەنى 11-ئايغىچە ياردەمچىلىككە سايلاندى ۋە ۋەزىپىنى شەرەپ بىلەن تاپشۇرۇپ ئالدى.
2. ئالى كىڭەش ئەزالىرى، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھەر قايسى دۆۋلەتتىكى يەرلىك سايلام مەسئۇللىرىدن تەركىپ تاپقان 8-قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتىتى قۇرۇلدى
3. تەييارلىق كومىتىت رەئىسلىكىگە تالىپ ئاتاجان 4 ئاۋازغا قارشى 55 ئاۋاز بىلەن سايلاندى ۋە ۋەزىپىنى شەرەپ بىلەن تاپشۇرۇپ ئالدى.
4. ھەر دۆلەتتىن ئەڭ ئاز دىگەندە بىر ئادەمدىن تەركىپ تاپقان سىياسى مەسلىھەتچىلەر گروۇپپىسى قۇرۇش. (يەرلىك ئۆز ئالدىغا سايلاپ چىقىدۇ)
5. مەركىزى ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى ھەرقايسى دۆلەت تىلىدا ۋاقتىدا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتتىن بىردىن يارىدەمچى باياناتچى تۇرغۇزۇش. (يەرلىك ئۆز ئالدىغا سايلاپ چىقىدۇ)
6. پارلامېنت توپىغا قويۇلغان ھەرقانداق تەكلىپ ياكى سۇئاللارغا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ياكى پارلامېنت ئەزالىرى چوقۇم 24 سائەت ئىچىدە جاۋاپ بېرىش.
پىشقەدەم پارلامېنت ئەزالىرى بۇ يىغىننى شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ جىق پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشقان ۋە ئەڭ دېمۇكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلغان يىغىن بولدى دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى ۋە سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ھەقىقى ۋەكىل بولۇپ ئىگە چىقالايدىغانلىقىغا چۇڭقۇر ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

Pin It

Comments powered by CComment