دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا بىرىنجى ئورۇندا كېتىپ بارغان ئامېرىكا ۋە گىرمانىيە دۆلەتلىرى، سىلەرگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن سالام!
سىلەرنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىڭلار 2019. يىلى 7. ئاينىڭ 2. كۈنى سەيشەنبە ب د ت دا ئېچىلغان ئاسىيا كۈنتەرتەۋىدىكى يېپىق يىغىندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن قەتلىئام، ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە تۈرلىك زۇلۇملارنى جىنايەتچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇپتۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشنى تەكلىپ قىپتۇ؛ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە گىرمانىيەگە ئاپېرىن ئوقۇيدۇ ۋە رەھمەت ئەيتىدۇ. سىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىڭلاردەك، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئېلىنىدىغان قارارلار بىلەن ھەل قىلىنمىسا شەرقىي تۈركىستاندىكى قەتلىئاملار ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىقلار توختىمايدۇ, شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى سىلەرنىڭ بۇ پىكرىڭلارنى جانۇ-دىلدىم قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە يەنە شۇنى بىلىپ قېلىشىڭلارنى ئوچۇق جاكارلايدۇكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس چۈنكى شەرقىي تۈركىستان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ئايرىم بىر دۆلەت, شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىسە شەرقىي تۈركىستان خەلقى يوقۇلۇپ كېتىشتىن قۇتۇلالمايدۇ ۋە دۇنيا خەلقىمۇ خىتاي تەھلىكىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

ئىنكاس يېزىڭ (0 ئىنكاسلار)

(بۇ تېمىنىڭ ئېلكىتاپ نۇسقىسى)

بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار دىققىتىگە:

 

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 20- 21 –كۈنلىرى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شەھرىدە چاقىرغان پەۋقۇلئاددە يىغىندا ئومۇمىي ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان ئىسمائىل چىڭگىز تۈركىيەدە بەزى فائىلى مەجھۇل ئادەملەرنى يادرو قىلىپ، ئاندىن كىملىك ھۆججەتلىرى تولۇق بولمىغان، مۇھتاجلىقتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆزىگە قارىتا تاماھلىرىدىن پايدىلىنىپ، تېرىپ تۆشەلگەن بىر گورۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇنى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى دەپ كۆتۈرۈپ چىقتى. ئەسلىدە ئىسمائىل چىڭگىز ئۆتكۈزگەن خاتالارنىڭ پاكىتلىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ۋىجدانلىق شەرقىي تۈركىستانلىق ئىسمائىلنى داۋانىڭ بېشىغا مۇناسىپ بىرى دەپ بىلىش ئەمەس، لەنەت ئوقۇشى كېرەك بولسىمۇ، تۈرلۈك ساغلام بولمىغان سەۋەپ، ساغلام بولمىغان نىيەتلەر تۈپەيلى بىر تۈركۈم ئادەم يەنىلا بۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ، بىر داۋا مونوپولىغا، بىر داۋانى تىجارەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان شەخسكە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي داۋاسىغا يەنە بىر كىرىزىس ئېلىپ كەلمەكتە. ئىسمائىل چىڭگىز بۇ بۇزغۇنچىلىق مەخسەتلىك گورۇھنى تەشكىل قىلىشتا خۇددى ئىلگىرى ئەنۋەر يۈسۈپنىڭ قىلغىنىدەك ئىشتىن خەۋىرى بولمىغان بىر مۇنچە ئادەملەرنىمۇ بۇ ئاتالمىش ھۆكۈمەتنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزىۋالغان. مەسىلەن: ياپونىيەدە ئۆزۈر سوراپ بۇ خىزمەتتىن چېكىنگەن سابىق رەئىسجۇمھۇر ئەخمەت ئىگەمبەردى ۋە سابىق باش مىنىستېر دېمىيان راھمان قاتارلىقلارنى ئۆزلىرىنىڭ خەۋىرى بولمىغان ھالدا كىرگۈزۈۋېلىپ، بىچارىلىكىنى ئىسپاتلاپلا قالماي، تېخىمۇ مەسخىرىلىك بولغىنى رەسمىي شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ شۇندىكى مىللەت ۋەكىللىرىدىن بىر قىسمىنىمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزىۋېلىپ يەنە بىر شەرمەندىلىككە ئىمزا قويغان.

ھال بۇ ئىكەن، بەزى قىتىغۇر دۈشمەنلەر بۇ بۇزغۇنچى توپنىڭ ھەددى ھەركەتلىرىنى خۇددى بىر رەسمىي ئىش سۈپىتىدە ھېساپلاپ ياكى قەستەن ئۇقماسلىققا سېلىپ، ھۆكۈمەت ئىككىمۇ؟ ئۈچمۇ دېگەندەك پىتنىلەرنى تارقاتماقتا. قېرىنداشلار، بۈگۈن مىللىتىمىز كەلگەن مەنزىل، يۈزلىشىۋاتقان ترادېگىيىلىك قىسمەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا بۇنداق سوئاللارنى سوراپ ئۆز ئىشىنى ئۆزى كۈلكە قىلىش نومۇس قىلارلىق بىر ئىش. ئەگەر بۇنداق ئېچىتقۇ سوئاللارنى خىتاي ئايغاقچىلىرى سورىغان تەقدىردىمۇ «بۇنىڭدىن ساڭا نېمە پايدا؟ بۇنىڭدىن سەن نېمە خۇشاللىق تاپتىڭ؟... » دېيىشى كېرەك بولسىمۇ، سىياسىي ئېڭىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى، مىللىي سەزگۈرلىكىمىزنىڭ ئۇيقۇلۇق ھالىتىدە بولۇشى تۈپەيلى بىلىپ-بىلمەي دۈشمەننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناۋاتقانلار مەۋجۇت. بىلىڭلاركى، ھۆكۈمەت بىر! خەۋىرى يوق ئادەملەرنىڭ ئىسمىنى يېزىۋېلىپ، خۇددى قويمىچىلارنىڭ «سومكا شىركى» ئۇسلۇبىدا پەيدا قىلىنغان ئاتالمىش ھۆكۈمەت ياكى ھۆكۈمەتلەر پەقەتلا دۈشمەننىڭ بۇزغۇنچۇلۇق ئوپېراتسىيىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

 

 

(قوشۇمچە: تۆۋەندىكى ئۇلۇنۇشتا ئىسمائىل چىڭگىز تېرىپ-تۆشەپ پەيدا قىلغان ئاتالمىش ھۆكۈمەتكە ئۆزلىرىنىڭ خەۋىرىسىز ئىسمىنى كىرگۈزىۋالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ باياتى بېرىلدى.)

بايانات

ئىنكاس يېزىڭ (0 ئىنكاسلار)

 

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى جۇمھۇررەئىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكىي مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش، مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىش، كىرىزىسقا قارشى تەدبىر ئېلىش  مەخسىدىدە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭتوندا چاقىرىلغان پەۋقۇلئاددە يىغىن 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 20 -كۈنى ئېچىلىپ، 21-كۈنى كۆزلەنگەن مەخسەتلىرىگە مۇۋەپپىقىيەتلىك يېتىپ ئاخىرلاشتى.

ئىنكاس يېزىڭ (0 ئىنكاسلار)