بېسىپ چىقىرىش
يوللانما تۈرى: ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشلىرى
چېكىلىش سانى: 6751

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئەزالىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ھەممىمىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىز خەيرلىك بولسۇن ۋە جانابى ئاللاھ قىلغان خەيرلىك ئىشلىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن، ئامىن!
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، جۇمھۇر باشقانىمىز غۇلام ئوسمان تەرىپىدىن بېرىلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرلار كابېنتىنى قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسى باش مىنىستىر ئابدۇلئەھەد نۇر ۋە يارىدەمچىلىرى ھاجى مامۇت ۋە سالىھ خۇدايارلار تەرىپىدىن بۈگۈن مۇنداق تاماملاندى ۋە جۇمھۇر باشقانى غۇلام ئوسمان تەرىپىدىن تەستىقلاندى:
1. باش مېنىستىر يارىدەمچىسى ۋە ئامېرىكا باش ۋەكىلىمىز سالىھ خۇدايار تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىكىگە تەيىنلەندى (ئۈچ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ).
2. پارلامېنت ئەزاسى ئادىل ئابباس ئىچكى ئىشلار مېنىستىرلىكىگە تەيىنلەندى.
3. پارلامېنت ئەزاسى ئۈمۈت ئۇيغۇر مالىيە مېنىستىرلىكىگە تەيىنلەندى.
4. خەلق ۋەكىلىمىز دىلمۇارت رۇسىيە باش ۋەكىللىكىگە تەيىنلەندى.
5. خەلق ۋەكىلىمىز ئۆتكۈر مەخموتۇۋ قازاقىستان باش ۋەكىللىكىگە تەيىنلەندى.
6. خەلق ۋەكىلىمىز ئىسمائىل تاھىروۋ قىرغىزىستان باش ۋەكىللىكىگە تەيىنلەندى.
ھەممىمىزنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىگە ئىگىمىز ئاللاھ مۇۋەپپەقىيەتلەر بەرسۇن ۋە مۇبارەك بولسۇن!
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋاقىتلىق باش مېنىستىرى ئابدۇلئەھەد نۇر.
ئەسكەرتىش: باشقا مېنىستىرلىكلەر يەنە تەيىنلىنىدۇ.

Comments powered by CComment