شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى سايلىمى ھەققىدىكى قارارى

(مۇغلا يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ، قوبۇل قىلىنغان مەزمۇنلارغا ئاساسەن رەتلەندى).

تېكستنىڭ PDF نۇسقىسى

شەرقى تۈركىستان پارلامىنتى ۋە ھۈكۈمىتى 2004 يىل شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبەك قاتارلىق ۋەكىللىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە موبارەك شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئاسساسى قانۇنى تۈزۈپ چىقىلغان. ھۆكۈمەت كابىنىتى ۋە پارلامېنتى مەزكۇر قانۇنىمىزغا ئاسساسەن تەسىس قىلىنغان.

ئاساسىي قانۇنىمىزغا كۆرە ھەر 4 يىلدا سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھۆكۈمەت يىڭى پارلامېنت تەرىپىدىن بارلىققا كىلىدۇ.

2015ـ يىلى ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتىيىمىزدا خەلقىمىزگە ئومۇميۈزلۈك چاقىرىق بېرىلگەن بولسىمۇ ئشتراك قىلغانلار 33 كىشى بىلەن چەكلىنىپ قالغانىدى.
نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلىك ئەھۋالىمىز مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى يۈكسەلتتى. خەلقىمىزدىن كەلگەن تەلەپلەرگە ئاساسەن پارلامېنتىمىزنى زورايتىش ۋە كېڭەيتىش بىردەك ماقۇللاندى.

ئىشەنچلىك ۋە پاكىز (قانۇنىي ياكى ئەخلاقىي خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئابرۇيىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدىغان) ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ پارلامېنتقا كىرىشىنى ئاسساسى ئۆلچەم قىلغان ھالدا، ھەربىر دۆلەتتە شۆبە پارلامېنتلار تەسىس قىلىنىىشى توغرا كۆرۈلدى. شۆبە پارلامېنتلار ئەزا تەشكىللەپ ئەھۋالىغا قاراپ بەدەل پۇلى يىغسا بولىدۇ.
بۇ يىلقى قۇرۇلتىيىمىزنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى قوللايدىغان بارلىق تەشكىلات ۋە جامائەت ئەرباپلىرىنىڭ ھەركەتكە ئۆتۈپ، مەزكۇر دۆلەتلەردىكى شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدىن مىللەت ۋەكىلى سايلاپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلىمىز.
مىللەت ۋەكىللىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەتەنداشلىرى ياشاۋاتقان ھەر دۆلەتتىن مۇۋاپىق مىقداردا چىقىشى كېرەكلىكىنى، بىرلا دۆلەتكە ئېغىرلىق بېرىلمەسلىكىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ھەر دۆلەتتىن چىقىدىغان مىللەت ۋەكىلى سانىنىڭ ئوندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى قارارلاشتۇرۇلدى.
مىللەت ۋەكىللىرى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە سايلىنىپ بولغان بولۇشى كىرەك. سايلانغان ھەر بىر مىللەت ۋەكىلىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى نامزاتى بولۇش ھەققى بار. رەئىسى جۇمھۇر، قۇرۇلتايدا مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ كۆپسانلىقىنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق سايلىنىدۇ.
ئەزالارنىڭ لاياقەت بەلگىلىمىلىىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1- يېشى 21 دىن ئاشقان بولۇشى؛
2-شەرقى تۈركىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىدە ئىرادىسى مۇستەھكەم بولۇشى؛
3. ئىشغالىيەتچىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە مۇستەقىللىقتىن باشقا پىچىمدا بىتىم تۈزۈشنى قەتئي رەت قىلىدىغان بولۇشى؛
4. ۋەتەندىن ئايرىلىپ مەزكۇر دۆلەتكە ماكانلاشقىنىغا ئەڭ ئاز 5 يىل بولغان بولۇشى؛
5- ئىسىم ـ پامىلىسىنى ۋە ئۆز مىللىتىنى قانۇنلۇق كىملىكى بىلەت ئىسپاتلىيالىشى،
6- شەرقى تۈركىسيان جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنىغاشەرتسىز بويسۇنۇشى كىرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپلارنى تولۇق مېنىڭسىگەن بولۇشى، تەلەپ قىلىنىدۇ.
ھەرقايسى دەۋلەتلەردىكى مۇستەققىللىق كۆرىشىنى قوللايدىغان تەشكىلات، مەشرەب ۋە جامائەتلەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ كۈرەشكە ئىگە بولۇپ تەشكىللىنىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى
2019-يىلى 16-مارت

Pin It

Comments powered by CComment