ئاساسىي قانۇنغا قوشۇمچە نىزامنامە (PDF) 

(2019يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، ۋاشىڭتون پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا ماقۇللانغان)

 

  1. ماددا: بۇ نىزامنامىدىكى ماددىلارنى ئاساسىي قانۇندىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇن بەزى ماددىلارنىڭ دىئاسپورادىكى سۈرگۈندى ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ۋارىيانتى دېيىشكە بولۇدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ نىزامنامە ياكى بۇ نىزامنامىدىكى بەزى ماددىلار مۇستەقىللىقىمىز ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئەمەلدىن قالىدۇ ياكى ئاساسىي قانۇن بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىلىدۇ.

 

  1. ماددا: ھۆكۈمەتنىڭ نامىدىن ئېلان قىلىنىدىغان ھەرقانداق يازما بايانلار ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي تىلى ۋە رەسمىي يېزىقى بىلەن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا تىللاردىكى نۇسقىسى ئېلان قىلىنىدۇ ياكى بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدۇ. يەنى، ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي تىلىدا ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن باشقا تىل ۋە باشقا يېزىقتا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. شۇنداقلا رەسمىي يېزىقىمىزدىن باشقا يېزىقلاردا «ئۇيغۇرچە» دېيىلگەن نۇسقىلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا قەتئىي بولمايدۇ.

 

  1. ماددا: ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بىر رەسمىي توربەتتىن باشقا ھۆكۈمەت نامى بىلەن توربەت ئېچىشقا قەتئىي بولمايدۇ. شۇنداقلا بۇ توربەت ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن خادىملار تەرىپىدىنلا باشقۇرۇلۇدۇ.

 

  1. ماددا: خىتاي بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بولغان ھەرقانداق شەرقىي تۈركىستانلىقنى پارلامېنت ئەزاسى ۋە مىنىستېر قىلىپ سايلاشقا بولمايدۇ ھەمدە پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇددەت ئىچىدە ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن خىتايغا ۋە خىتاي مۇستەملىكىسىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
  2. ماددا. ئاساسىي قانۇننىڭ 17-ماددىسىدا پارلامېنت ئەزالىرىنى خەلق سايلايدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ چەتئەللەردىكى ئەمەلىي ئەھۋاللار كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھەر دۆلەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللەت ۋەكىللىرىنى سايلاپ بېرىدۇ ياكى بۇنى ئىجرا قىلغىلى بولمىغان ئەھۋالدا ئىلتىماس قىلىش، كېپىل كۆرسۈتۈش، سىناق مۇددىتىنى باشتىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈشلەرنى قوبۇل قىلىشلار ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. يەنى، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئىزچىل سىياسىي پائالىيەتلەردە بولغان، ھەققىدە ھەرقانداق شۈبھىلىك ھىكايىلەر بولمىغان، شەخسىي كىشىلىك پەزىلەتلىرى دۇرۇست بولغان كىشىلەر تاللىنىدۇ. ئەگەر مىللەت ۋەكىللىرى خاتا تاللانغانلىقى سېزىلسە، يەنى، پارلامېنتقا كىرگەندىن كېيىن ھەققىدە سەلبىي مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش ئۈچۈن بۇنداق كىشىلەر دەرھال مىللەت ۋەكىللىكىدىن قالدۇرۇلۇدۇ.
  3. ماددا: ئىلتىماس قىلىپ مىللەت ۋەكىللىكى قوبۇل قىلىنغان ۋە شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىگە كىرگەنلەر ئاساسىي قانۇننى قوبۇل قىلغان ھېساپلىنىدۇ. ھۆكۈمەتكە كىرىپ بولغاندىن «ئوخشىمىغان قارىشىم» دەپ، ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ پىكىر، ئىدىيە، قاراشلارنى تەرغىپ قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپىق قىلىش ھىساپلىنىدۇ. بۇ خاتالىقنى سادىر قىلغانلار ئاگاھلاندۇرۇلۇدۇ. تۈزەتمەستىن خاتاسىدا چىڭ تۇرغانلار مىللەت ۋەكىللىكىدىن قالدۇرۇلۇدۇ.
  4. ماددا: شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئومۇمىي قۇرۇلتىيى. قۇرۇلتاي ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغانلىقى ئاساسىي قانۇندا كۆرسۈتۈلگەندەك بولۇدۇ. قۇرۇلتاينىڭ ۋاقتى، ئورنى ۋە تەييارلىق كومىتېتى ياكى گورۇپپىسىنىڭ تىزىملىكى پارلامېنت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، رەئىسنىڭ تەستىقى بىلەن ئىجراغا قويۇلۇدۇ. تەييارلىق گورۇپپىسىغا تاللانغانلار تەييارلىق جەريانىدىمۇ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى يەنىلا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن سۆزلۈشۈپ تۇرۇدۇ.
  5. ماددا: ھۆكۈمەتكە تەۋە بىر توربەت بولۇدۇ. بۇ توربەت ئىمكانىيەتكە كۆرە باشقا تىللاردا بولۇدۇ. باشقۇرغۇچى: تەشۋىقات مىنىستېرى، بىر مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە باياناتچى بولۇدۇ. بۇندىن باشقا توربەتنىڭ تېخنىكىلىق تەرەپلىرى ئۈچۈن بىر باشقۇرغۇچى تەيىن قىلىنىدۇ. بۇندىن باشقا ئاممىۋىي توربەتلەردىمۇ پەقەت بىرلا ھېساپ بولۇدۇ. بۇنىمۇ يۇقارقى ئۇسۇلدا باشقۇرۇدۇ. يەنە باشقا ئاممىۋىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا (ۋاتساپ) پارلامېنتنىڭ بىر توپى بولۇدۇ. بۇنى پارلامېنت رەئىسلىرى باشقۇرۇدۇ. بۇ يەردە مەسىلە ھەل قىلىش ئۈچۈن پىكىر يوللۇنۇش بىلەن بىرگە تور يىغىنلىرى ئېچىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. خەۋەر، رەسىم، رېكلام قاتارلىقلار يوللانماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا ئىشقا مۇناسىۋەتسىز ھەرقانداق گەپ-سۆز، تېكىست يوللانماسلىقى كېرەك.
  6. ماددا: بىر قېتىم مىللەت ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندا كۆرۈنگەندىن باشقا، ھىچقانداق ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىدە، يىغىن قۇرۇلتايلاردا قايتا كۆرۈلمىگەنلەر، ئىككى قېتىم ئۇدا ھۆكۈمەت يىغىنىنى سەۋەپسىز تەرك ئەتكەنلەر ئاپتوماتىك ھالدا مىللەت ۋەكىللىكىدىن قالۇدۇ.
  7. ماددا: يېڭى مىللەت ۋەكىللىرى 6 ئايلىق كاندىداتلىق مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئەگەر بۇ جەرياندا مەسىلە كۆرۈلمىسە ئاندىن رەسمىيلىشىدۇ. كاندىداتلىق مەزگىلى يەنە ئەينى ۋاقىتتا سىناق مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە تەكشۈرۈش، جامائەت پىكرىنى ئېلىش داۋاملىشىدۇ. ئەگەر سەلبىي ئىنكاسلار ئېلىنسا، رەسمىيلەشمەستىنلا مىللەت ۋەكىللىكىن قالدۇرۇلۇدۇ.
  8. ماددا: كاندىدات مىللەت ۋەكىللىرى بىر شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سالاھىيىتىدە سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇدۇ، ئەمما سايلىنىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
  9. ماددا: مىللەت ۋەكىلى بولغۇچىلار ئاساسىي قانۇندىكى ئەڭ مۇقەددەس پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تەرەپلىرى بولغان تەشكىلاتلارغا ئەزا بولغان ۋەزىپە ئالغان بولسا بولمايدۇ.
  10. ماددا: ئاساسى قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت ئىچىدىكى تالاش-تارتىشلار، زىددىيەتلەرنى كېلىشتۈرۈش، كېلىشىلمىگەندە كېسىم قىلىش ھوقۇقى ئەدلىيەدە بولۇدۇ.

 

(ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە)

 

Pin It

Comments powered by CComment