قارارنىڭ ئېلكىتاپ نۇسقىسى (PDF) 

(2019-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ماقۇللانغان)

 

پەۋقۇلئاددە يىغىن— يېڭى سىستېمنى بەرقارار قىلىش، كىرىزىسقا جىددىي جاۋاپ بېرىش، شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى خىزمەت-ۋەزىپىلەر ھەققىدە تۆۋەندىكىچە قارارلارنى چىقاردى:

  1. ھۆكۈمەتتىكى بىرلىكنى تەسىس قىلىش ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن، قۇتۇپلۇشۇشقا سەۋەپ بولغان ئىسمائىل چىڭگىزنى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش؛
  2. بۇ مەسىلىلەردە تەرەپبازلىق تۈپەيلى قانۇننى كۆزىگە ئىلماي، بۇ خاتالارغا سۈكۈت قىلغانلارنىمۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش؛
  3. تۈركىيەدىن يېڭى قوبۇل قىلىنغان مىللەت ۋەكىلى ئابدۇغوپۇر قاراخاننىڭ سىياسىي كىملىكى ھەققىدە سەلبىي ئۇچۇرلار بولغانلىقى ئۈچۈن؛ ئالدۇلغاففار تامئۇيغۇرنىڭ شەخسىي پەزىلەتلىرى ھەققىدە ئاممىۋىي تورلاردا سەلبىي ئىنكاسلار بولغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش مەخسىدىدە مىللەت ۋەكىللىكى سالاھىيىتىنى قالدۇرۇش؛
  4. سالىھ خۇدايارنى سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكىدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلەش؛
  5. ئەركىن ئابلىمىتنى سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ فرانسىيىدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلەش؛
  6. نۆۋەتتىكى قۇرۇلتاينى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭتوندا ئېچىش؛
  7. ئالىي كېڭەشنى ئادەم تولۇقلاپ رەتكە سېلىش.

 

(بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە)

Pin It

Comments powered by CComment