بېسىپ چىقىرىش
يوللانما تۈرى: ھۆكۈمەت باياناتلىرى
چېكىلىش سانى: 4152

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكىمىتى باياناتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك شەرقىي تۈركىستان ۋەتەنداشلىرى، ھەممىمىزنىڭ ھەممە ۋاقتىمىز خەيرلىك ۋە بەرىكەتلىك بولسۇن، جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ھاياتىمىزدا ئىسلامدىن ۋە ئۆلۈم زامانىمىزدا ئىماندىن ئايرىمىسۇن، ئامىن!

شەرقى تۈركىستانلىق ئېزىز قېرىنداشلار، ئامېرىكا سەناتورلىرىدىن 24 كىشى ۋە قانۇنچىلاردىن 19 كىشى، جەمئى 43 كىشى 2019. يىلى 4. ئاينىڭ 3. كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق خەت يېزىپ جەللات خىتاي شى جىن فىڭ ۋە گۇماشتىسى چۈەن چوڭ گۇغا ئېمبارگۇ يۈرگۈزۈپ جازالاش توغرىسىدا قانۇن تەكلىپى سۇندى ۋە بۇ تەكلىپنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئومۇمى خەلق ئارىسىدا بىر ئىمزا كامپانىيەسى (پەتىشىن) باشلاتتى، ئۇلار بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ داۋاگەر سۈپىتىدە بۇنىڭغا ئىمزا ئېتىشىمىزنى كۈتمەكتە.
بۇ قانۇن تەكلىپىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچى شەرقى تۈركىستانلىقلار ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار شەرقى تۈركىستاندىكى ئەمەلى ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە تۆۋەن بولسىمۇ، بۇنى شەرقى تۈركىستان ھەققىدە ئېتىلغان ھەققانى ۋە ئىجابى بىر قەدەم دەپ ھىساپلاپ بۇ قەدەمنى باسقان ئامېرىكا سەناتورلىرىغا ۋە قانۇنچىلىرىغا سەمىمى تەشەككۈر ئەيتىمىز ۋە شەرقى تۈركىستان ۋەتەنداشلىرىنى بۇ پەتىشىنغا ئاكتىپلىق بىلەن ئىمزا ئېتىشقا دەۋەت قىلىمىز، دەپ شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى باياناتچىسى
ئابدۇلئەھەد نۇر.

Comments powered by CComment