ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك شەرقىي تۈركىستان خەلقى،
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى شۇنى جاكارلايدۇكى، سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ رەسمى ۋە قانۇنلۇق بىرلا تور بېتى بار، بۇ تور بەت www.etge.org دۇر؛


شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىگە ئائىت بارلىق پائالىيەتلەر، باياناتلار، خەۋەرلەر، ھۆججەتلەر، نىزامنامىلەر ۋە قانۇنلار بۇ تور بەتتە ئىلان قىلىنىدۇ؛
بۇ توربېتىدىن باشقا يەرلەردە شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى نامىدىن ئېلان قىلىنغان بارلىق پائالىيەتلەر، خەۋەرلەر ۋە ئۇچۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىسى يوقتۇر، شۇنداقلا بۇ تور بېتى مەنبە كۆرسىتىلمىگەن ھەرقانداق خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنى ھۆكۈمىتىمىز تونۇمايدۇ، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى نامىدىن تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ۋە باياناتلارنىڭ سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقتۇر.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ئابدۇلئەھەد نۇر.


بۇ توربېتىنىڭ ئىسمىدىكى etge دېگەن سۆز East Turkistan Government in Exile نىڭ قىسقارتىلغان باش ھەرپلىرى.

Pin It

Comments powered by CComment