ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ھەممىمىزنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىمىز مۇبارەك بولسۇن، ئىگىمىز ئاللاھ بۇ بايرامدا قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئازاتلىق ۋە مۇستەقىللىق نېسىپ قىلسۇن، ئامىن!!!
ئەزىز قېرىنداشلار، "قۇربان" كەلىمىسى يېقىنلىشىش دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەبۇدنىڭ كوڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئابىدنىڭ تۆلىگەن بەدىلىگە قۇربان دېيىلىدۇ، مەشۇقنىڭ كوڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ئاشىقنىڭ تارتقان جاپا - مۇشەققەتلىرىگىمۇ قۇربان دېيىلىدۇ، يەنى مەتلۇبىمىزغا يېتىش ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدەللەرگە قۇربان دېيىلىدۇ، بەدەل تۆلىمەي مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ، قۇربان بەرمەي تۇرۇپ مەھبۇبقا ئېرىشكىلى بولمايدۇ، قۇربان بەرمەي تۇرۇپ بايرام قىلغىلىمۇ بولمايدۇ، قۇربانلىق قىلمىغانلار بۇ دۇنيادا قۇربانلىق قىلغانلارنىڭ قولىغا تەلمۈرۈپ قالىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بۇ دۇنيادىكى بىر قانۇنىيىتى، شۇڭا ئاللاھ بىزگە قۇربانلىق قىلىشنى ئەمىر قىلدى ۋە ئاجىزلارغا يارىدەمچى بولۇشىمىزنى ۋاجىب قىلدى، قۇربان بەرمەي تۇرۇپ ئاللاھقا يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ، قۇربان بەرمەي تۇرۇپ كۈچلەنگىلى بولمايدۇ، قۇربان بەرمەي تۇرۇپ مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ، قۇربان بەرمەي تۇرۇپ مەشۇقىمىزنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگىلى بولمايدۇ؛ ئەزىز قېرىنداشلار، قۇربان بېرەيلى، ئاللاھقا يېقىنلىشايلى، قۇربان بېرەيلى، بىر - بىرىمىزگە يېقىنلىشايلى، ۋاقتىمىزدىن قۇربان بېرەيلى، ئۆمرىمىزدىن قۇربان بېرەيلى، ئۆمرىمىز بەرىكەتلىك بولسۇن، پۇل - مېلىمىزدىن قۇربان بېرەيلى، پۇل - مېلىمىز بەرىكەتلىك بولسۇن، قولىمىزدا نىمە بولسا شۇ ساھەدە قۇربان بېرەيلى، ئىشلىرىمىز بەرىكەتلىك بولسۇن.
قېرىنداشلار، ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى، قولۇمدىن نىمە ئىش كېلەتتى دېمەيلى، قولىمىزدىن ھەممە ئىش كېلىدۇ، يېتەركى تىرىشايلى ۋە ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى ۋە ئىرادىنى ئىشلىتەيلى، كىچىك بالىمۇ تۇغۇلۇپلا ماڭمايدۇ، ئاستا - ئاستا چوڭ بولىدۇ، بىزمۇ ئاز بولسىمۇ ھەرىكەت قىلايلى، مەسەلەن: ئۆز بېشىمىزغا كەلگەن خىتاي زۇلمىنى ئاڭلىتاىلى، ئائىلىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ياكى قوشنىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ياكى تونۇش - بىلىشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن خىتاي زۇلمىنى ئاڭلىتايلى، دۈشمىنىمىز خىتايغا قارشى ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادە قىلغان بولىمىز، خىتايغا قارشى گۇۋاھلىق بېرەيلى، خىتايغا قارشى نامايىشقا چىقىپ دۆلىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇيىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىپادە قىلايلى، "شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق!" دېگەن شۇئارنى كۆتۈرۈپ رەسىمگە چۈشۈپ تاراتقۇلاردا تارقىتايلى، مۇستەقىللىق ئىرادىمىزنىڭ ۋە ئارزۇيىمىزنىڭ بارلىقىنى دۇنياغا جاكارلايلى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ سۈرەتتىلا ئەمەس بەلكى ماھىيەتتىمۇ ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنى ئىزھار قىلايلى، قۇربان بولالايدىغانلىقىمىزنى ۋە قۇربان بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى ئىگىمىز ئاللاھ ئالدىدا ۋە خەلقئالەم ئالدىدىمۇ ئىسپات قىلايلى، شۇندىلا ئاللاھقا يېقىنلاشقان بولىمىز، ئۆزىمىزگىمۇ يېقىنلاشقان بولىمىز، ئاللاھ ئالدىدىمۇ ۋە خەلق ئالدىدىمۇ يۈزىمىز يورۇق بولىدۇ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كېلىدۇ ۋە خەلقنىڭمۇ ھېسداشلىقى كېلىدۇ، دېمەك بىز قۇربانلىق قىلالىساق ۋە قۇربان بېرەلىسەك بىزگىمۇ ھېيت - بايرام بولىدۇ.
قۇربان بولۇپ ۋە قۇربان بېرىپ ئالدىمىزدىكى قۇربان ھېيت بايرىمىنى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا ئۆتكۈزۈش ئارزۇسى بىلەن
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى
2019. يىلى 8. ئاينىڭ 11. كۈنى يەكشەنبە

Pin It

Comments powered by CComment