ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۇھتەرەم قېرىنداشلار، ئىگىمىز ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئۆمرىنى بەرىكەتلىك ۋە ھەممە ۋاقتىمىزنى خەيرلىك قىلىپ بەرسۇن، ئامىن!
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى سابىق باش مېنىستىرى ئىسمائىل چىڭگىز 2019. يىلى 4. ئاينىڭ 20. كۈنى ۋاشىڭگىتوندا ئېچىلغان پەۋقۇلئاددە يىغىندا باش مېنىستىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى جۇمھۇر باشقانى غۇلام ئوسمان 2019. يىلى 6. ئاينىڭ 28. كۈنى باش مېنىستىرنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن پارلامېنتىمىز ئىچىدىن ئىككى نامزات كۆرسۈتۈپ سايلام چاقىرىقى قىلغان ئىدى، بۇ بۇيرۇققا ئاساسەن 2019. يىلى 7. ئاينىڭ 1. كۈنى پارلامېنتىمىز مەخپى ئاۋاز بېرىش شەكلىدە سايلام ئېلىپ باردى، ئىككى نامزاتنىڭ بىرى بولغان ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندىم نازاكەت كۆرسۈتۈپ نامزاتلىقتىن چېكىنگەنلىكى ئۈچۈن يانا بىر نامزات ئابدۇلئەھەت نۇر ئەپەندىم پارلامېنتنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋازى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مېنىستىرلىكىگە سايلاندى ۋە جۇمھۇر باشقانى غۇلام ئوسمان تەرىپىدىن سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مېنىستىرلار كابېنتىنى قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسى بېرىلدى، يېڭى باش مېنىستىرىمىزنى تەبرىكلەيمەن ۋە ئىشلىرىغا مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن،
دەپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى جۇمھۇر باشقانى غۇلام ئوسمان.

Pin It

Comments powered by CComment