2018-يىل، 26-28 – ئۆكتەبىر، مۇغلا، تۈركىيە.

 

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن بۈگۈنكى ئالاھىدە ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئالاھىدە ۋەزىيەتكە قارىتا ئىستراتېگىيە بەلگىلەش ئۈچۈن بۇ يىل 26-ئۆتەبىردە تۈركىيەنىڭ مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى مۇغلا شەھرىدە بىر ئارىغا كېلىپ، سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ 8-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىردى.

بىرىنچى كۈنىدىكى تەييارلىق يىغىنىدا رەسمىي پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ باش قوشۇشى بىلەن، ئىلگىرى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش زۆرۈرىيىتى بىلەن چىقىرىلغان — ئەخمەتجان ئوسمان (ياكى قانۇنىي ئىسمى بىلەن ئارمان راستېر)نى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى — قارار قاراپ چىقىلىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ يۈز تۇرانە پىكىرلىشىشى نەتىجىسىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بۇندىن باشقا، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئابلاجان لەيلىنامان، پارلامېنت ئەزاسى ماھىرە غوپۇرلارنىڭ كىرىزس مەزگىلىدە ھۆكۈمەتكە قارشى مەيدان ئىپادىلىگەنلىكى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ۋەزىپىسىدىن شۇنداقلا پارلامېنت ئەزالىقىدىن رەسمىي قالدۇرۇلدى.شۇنداقلا، مۇقەددەس نۇرنىڭ ھۆكۈمەتتىن چېكىنىش ھەققىدىكى ئىستىپانامىسى رەسمىي تەستىقلاندى.

پارلامېنت ئەزالىرىدىن مەمتىمىن پوسما، نەپىسەلەرنىڭ پارلامېنتتىن چېكىنىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىندى.

ۋاپات بولغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن زەپەر ئالى قىزىلئاي، سۇلتان ساۋاش ئەزالار رويخېتىدىن چىقىرىلدى.

ئۈچ يىلدىن بېرى ھىچقانداق پائالىيەتكە سەۋەپسىز قاتناشمىغان ۋە مەۋجۇتلۇقى بىلىنمىگەن پارلامېنت ئەزالىرىدىن:

جەمىلە چاقماق

سەمەت گۈدەر

ئايدىن

ئابدۇلقادىر شەھىم قاتارلىقلارنىڭ پارلامېنت ئەزاسىلىق سالاھىيىتى ئاپتوماتىك ھالدا ئەمەلدىن قالغانلىقى ئېلان قىلىندى.

كۈنتەرتىپنىڭ ئىككىنچى موھىم مەزمۇنى، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان رەئىسجۇمھۇرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ياكى مۇئاۋىن رەئىسجۇمھۇر كېيىنكى قېتىمقى قۇرۇلتايغا قەدەر بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش مەسىلىسىدە قىزغىن تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن مۇئاۋى نرەئىسجۇمھۇر خىزىربەك غەيرەتۇللاھنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر تىلى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكى نەزەرگە ئېلىنىپ، رەئىسجۇمھۇرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش قارارى ئېلىندى.

قاراردىن كېيىن نامزات كۆرسۈتۈلۈپ، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تولۇق ئاۋازى بىلەن غۇلام ئوسمان ياغما كېلەركى قېتىملىق قۇرۇلتايغا قەدەر رەئىسجۇمھۇرلۇققا سايلاندى ۋە قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالدى.

بۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنتىغا ئەزا بولۇشنى خالايدىغان ۋە رەسمىي ئىلتىماس قىلغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسى، سالاھىيەتلىرى، تونۇشتۇرغۇچى ۋە كېپىللىك قىلغۇچىلارنىڭ ئىزاھاتلىرى بىر-بىرلەپ مۇزاكىرە قىلىنىپ، تەستىقلاندى.

يىغىننىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى داۋامىدا بارلىق ۋەكىللەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن داغدۇغىلىق ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

1) يىغىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن باشلىنىپ، سۈكۈتتە تۇرۇلدى. قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ، شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىندى.

2) مۇئاۋىن رەئىسجۇمھۇر خىزىربەك غەيرەتۇللاھ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، يىغىن ئىشتراكچىلىرىنى — رەسمىي پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مىھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا سۈرگۈندى ھۆكۈمەت بېسىپ ئۆتكەن جاپالىق، شۇنداقلا كۆرەشكە تولغان مۇساپىنى، بولۇپمۇ دۈشمەنلىك ئىچىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشتەك ئەگرى-توقاي كەچمىشى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

3) يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋەكىللەردىن بەزىلىرى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. بۇلار:

شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم، تۈركىستانلىقلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر ياسا، نوغاي جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ۋەيسەل دەمسىز، بۈيۈك تۈرك قۇرۇلتىيى خەلقارالىق چاقىرىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئىبراھىم خېلىل بالاي ئوغۇللارى، پروففىسسور ئىسمائىل دوغان، ئۇيغۇر سەھىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇلغاپپار تام ئۇيغۇر، تۈركچە سۆزلۈشۈدىغان مۇخبىرلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى گۈنگۆر ياۋۇز ئاسلان، دۇنيا تۈركىستانلىقلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ ئاقيول، مۇخبىر ھۈسەيىن ئاتىلخان، مىرزاخان بايبىلوف (قازاقىستان)، ئابدۇللاھ تۇرسۇن قاتارلىقلار.

نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر بىردەك سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ تارىخىي رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ۋەتەن سىرتىدىكى سىياسىي داۋانىڭ ئەڭ توغرا تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

4) پارلامېنت رەئىسى كۆرەش ئاتاخان ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئىليار شەمسىددىن ئەپەندىلەرنىڭ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا يوللىغان ئوتلۇق سالىمى، تىلەكلىرى يەتكۈزۈلدى.

5) سۈرگۈندى ھۆكۈمەت باش مىنىستېرى ئىسمائىل چىڭگىز ئۆتكەن بىر مەزگىل ئىچىدە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ھەققىدە دوكلات بەردى. شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ موھىم نۇقتىلىرى ھەققىدە توختالدى.

6) پارلامېنتقا ئەزالىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئەزالارنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. يېڭى ئەزالار تۆۋەندىكىچە:

  1. تۇرمۇھەممەت ھاشىم (شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، ياپونىيە)
  2. ئالىمجان مۇھەممەد (شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى، گېرمانىيە)
  3. ئوسمانجان تۇرسۇن (شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى، گېرمانىيە)
  4. يارمۇھەممەد بارات (ئامېرىكا)
  5. ئابدۇلئەھەد نۇر (كانادا، ئالبېرتا ئۇيغۇر كۈلتۈر مەركىزىنىڭ رەئىسى)
  6. نەجمىددىن (تۈركىيە)
  7. ئابدۇللاھ تۇرسۇن (تۈركىيە)
  8. ئابدۇلغاپپار تام ئۇيغۇر (ئۇيغۇر سەھىيە، مائارىپ-مەدەنىيەت جەمىيىتىنىڭ رەئىسى، ئىستانبۇل)
  9. تىبەت بۇجەتۇر
  10. خەمىد چوڭ
  11. ئاتىللا گۈۋەن (قىرغىز)
  12. ئابدۇسالام ساۋاش
  13. ۋەيسەل دېمىر (نوغاي)
  14. بۇلبۇل ئابدۇكېرىم (قازاق، تاشقى موڭغۇلىيەدىن)

15 . ئابدۇللاھ ئاقيول (دۇنيا تۈركىستانلىقلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى)

  1. غوپۇرچوڭ ئابدۇراھمان

بۇ يېڭى ئەزالاردىن 12 نەپىرى بۇ قېتىمقى يىغىنغا كەلگەنلەر بولۇپ، قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا داخىل بولدى، كېلەلمىگەنلەر قەسىمى كېيىنگە قالدۇرۇلدى.

7) شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى نامىدىن بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىغا يېزىلغان مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى مۇزاكىرە قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى، بىزنىڭ مەجسىدىمىز دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى رەسمىي يوسۇندا بىلدۈرۈپ قويۇش بېكىتىلدى ۋە مەكتۇپنى دەرھال يوللاش قارار قىلىندى.

8) پارلامېنت ئەزالىرىنى قوبۇل قىلىش، كۆپەيتىش شەرتلىرى (مۇئاۋىن پارلامېنت رەئىسى ئىليار شەمسىددىن سۇنغان لايىھە ئاساسىدا) مۇزاكىرە قىلىندى.

9) ئاساسىي قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش ھەققىدە قارار ئېلىنىپ، تۈزۈتۈش ئىشى بارلىق ئەزالار ئىشتراك قىلغان ھالدا تور ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان بولدى.

10) باش مىنىستېر ئىسمائىل چىڭگىز ئەپەندىنىڭ نامزات كۆرسۈتۈشى ۋە كۆپچۈلۈكنىڭ ماقۇللىشى بىلەن موھىم دەپ قارالغان بوش ئورۇنلارغا ئادەم سەپلەندى:

مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىككە: ھاجى مامۇت؛

دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكىگە: ئابدۇلئەھەد نۇر؛

تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىگە: يەملىبىكە فاتخولىن؛

ياپونىيەدىكى دىپلوماتىيە ۋەكىللىكىگە: تۇرمۇھەممەد ھاشىم؛

مۇھاجىرلار خىزمىتىگە: ئابدۇللاھ ئاقيول؛

ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت — ئاممىۋىي خىزمەتلىرىگە: ئابدۇللاھ تۇرسۇن قاتارلىقلار تەيىن قىلىندى.

11) بۇندىن باشقا تەشۋىقات-تەرغىبات ئىشلىرىنىڭ زۆرۈرىيىتى ئۈچۈن توربەتچىلىك ۋە ئاممىۋىي توربەتلەردىكى ھۆكۈمەت ھىسابىنى باشقۇرۇش ئىشى ئۈمىت ئۇيغۇرغا تاپشۇرۇلدى.

سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز تېلىۋىزىيە سىتودىيىسىنى قۇرۇپ چىقىش، تور تېلىۋىزىيىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ئەركىن سابىت، غوپۇرچوڭ ئابدۇراھمان قاتارلىقلار تەيىنلەندى.

12) ئىقتىسادىي ھىسابات كۆرۈپ چىقىلدى ۋە بۇندىن كېيىن ئىقتىسادىي مەنبەنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

13) شەرقىي تۈركىستان سۈگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر يىلى ئېچىلىدىغان قۇرۇلتىيى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەش، يىغىننىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى ھەل قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بىرلىكتە، كېلەر يىلقى قۇرۇلتاينىڭ پەۋقۇلئاددە بولۇشى، پارلامېنتنى كېڭەيتىپ قۇرۇشقا ماددىي ۋە مەنەۋىي جەھەتلەردە تەييار بولۇش تەلەپ قىلىندى.

14) يىغىندىن كېيىن مۇغلا خىتاپنامىسى ئېلان قىلىش بېكىتىلدى.

Pin It

Comments powered by CComment