Friday May 26, 2017

Donate
News Feeds:

Articles

 

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈن ھۆكۈمېتى مۇۋەققەت جۇمھۇر رەئىسى

ھۆرمەتلىك ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى جانابلىرى:

سىزلەرنىڭ 12 - نويابىردا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ خاتىرە كۈنلىرىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقىڭىزلاردىن خەۋەردار بولۇپ، ئىنتايىن خۇش بولدۇم.

گەرچە بۇ  تارىختا ئۆتكەن جۇمھۇرىيەتلىرىمىزنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان قان - ياشلىق تەجرىبە - ساۋاقلىرى ئىنتايىن مول ۋە ئەھمىيەتلىك. ئۇ بىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق داۋايىمىزنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس ئىلھام بەخش ئەتكۈچى مەنبەسى ھەم كۆرەشچان ئىنقىلابىي تارىخىمىزنىڭ يىقىلماس، مەڭگۈلۈك ئابىدىسىدۇر. ئۇ شۇنداق بولۇپ كەلدى ۋە مەڭگۈ شۇنداق بولغۇسىدۇر. بىز ئۇنىڭدىن چوقۇم ئۆگىنىپ، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇستەقىللىق يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قەھرىمان ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە ئامانەت قالدۇرغان ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە مۇستەقىل، ھۆر - ئەركىن 3 - جۇمھۇرىيىتىمىزنى - "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى"نى قۇرۇشتەك ئىزگۈ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جان پيدالىق بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز لازىم!

ئاخىرىدا، مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان يىغىن رىياسەتچىلىرى، يىغىن ئەھلى، يىغىنغا يىراق - يېقىندىن كەلگەن ئەزىز مېھمان ۋە سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىمىزنى چىن دىلىمدىن قىزغىن تەبرىكلەپ، يىغىنغا كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن.

قايناق سۆيگۈم ھەم سالاملىرىم بىلەن:

 

ئەخمەت ئىگەمبەردى

Hits: 2209

ETGE Menu

Copyright © 2017. East Turkistan Government-in-Exile. Designed by