Sunday November 19, 2017

Donate
News Feeds:

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن تۈرلۈك ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ياردىمى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي مۇددىئاسىنىڭ تۈرتكىسىدە تولۇق ئىشغال قىلىۋېلىنغان كۈندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە، ۋەتەن ئىچى ۋە سۈرگۈندىكى ئىلغار ئىدىيىلىك زىيالىلىرىمىزنى ۋە سىياسىي، دىنىي ئەربابلىرىمىزنى، ئىلغار پىكىرلىك ياش ئەۋلاتلىرىمىزنى،

ئىقتىساد ساھەسىدىكى تۈرلۈك تىجارىي خادىملىرىمىزنى... ھەر خىل تۆھمەت-باھانىلەر بىلەن خالىغانچە قولغا ئېلىپ، تۈرمىلەرگە تاشلاپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىل ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى قىيناپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.

 

ئىلگىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتالمىش پان تۈركىزمگە قارشى سىياسىتىدىن ئۇستىلىق بىلەن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سۈرگۈندىكى بىگۇناھ خەلقىمىزنى "پان تۈركىست" دەپ ئەيىپلەپ جازالىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، خەلقئارانىڭ تېرورىزمغا قارشى ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادىنى باھانە قىلىپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز  مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانىي داۋاسىنى، مۇستەملىچىلىككە قارشى ئاۋازىنى ئاتالمىش تېرورىزم بىلەن باغلاپ ۋە ئۇلارنى تېرورىست قىلىپ قارىلاپ كېلىۋاتىدۇ ھەم بۇ سەپسەتىسىنى خەلقئارادا بازارغا سېلىپ، پۈتكۈل تېرورىزمغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ  قانۇنسىز ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللىشىنىى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

 

شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ ئەزەلدىنلا خىتاي تۇپرىقىنىڭ بىر قىسمى ئەمەس  ئىكەنلىكىنى تولۇق بىلىپ تۇرۇغلۇق، ئۆز مۇستەقىللىقىنى قايتا قولغا كالتۈرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك شەكىلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى "بۆلگۈنچى"، ئۇلارنىڭ يوللۇق پائالىيەتلىرىنى بولسا "تېرورلۇق ھەرىكەت" دەپ قارىلاپ، ۋەتىنىمىز ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن ھالدا قانۇنسىزلارچە قولغا ئېلىپ، ھايۋانلارچە قىيناپ -سوراق قىلىپ، ئۇلارنى ئېغىر تەن جازاسى بېرىش يولى بىلەن قانداقتۇر بىر جىنايەتلەرگە ئىقرار قىلدۇرۇش ئارقىلىق قانۇنسىز جازالاۋاتقان بولسا، چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئۆز مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن تېنچ يول بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇلار تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە ھەر خىل شەكىلدە، يەنى، ئۆزئارا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردە پەۋقۇلئاددە يول قويۇش ياكى ئىنتايىن كۆپ ھەق بېرىش يوللىرى بىلەن ئۇلاردىن قايتۇرۇپ ئەلىپ، ۋەتەن ئىچىگە ئاپىرىۋالغاندىن كېيىن،  بىر قىسىملىرىغا ئۆلۈم جازاسى يەنە بىر قىسىملىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشتەك قانۇنسىز ۋە رەھىمسىزلىكى ئارقىلىق ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئەركىنلىك-ئازاتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقىمىزگە قورقاق سېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

 

بۇ قېتىم يەنى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىسى ۋە داڭلىق جامائەت ئاربابى ئابدۇلقادىر ياپچان نامەلۇم سەۋەب بىلەن نەزەربەند ئاستىغا ئېلىندى. ئۇ، خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، خىتاي پۇقراسى بولۇشنى ۋە خىتاي دۆلەت تەۋەلىكىنى رەت قىلىپ، تۈركىيەدە ۋەتەنسىز مىللەت سۈپىتىدە ياشىماقتا. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە خىتاي ھۆكۈمېتىنىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالغان بىر سىياسىي زات. خىتاي ھۆكۈمېتى بۇ قېتىملىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ياپچان ئەپەندىنى تۈركىيەدىن خىتايغا يۆتكەش سۈيقەستىنى پىلانلىشى مۇمكىن. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمېتىنىڭ بۇ سۈيقەستى ئەمەلگە ئاشسا ياپچان ئەپەندىنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك كۈرىشىدە ئورنىنى تولدۇرۇپ بولغۇسىز چوڭ بىر يوقىتىش بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى تۈركىيە ھۆكۈمېتىدىن بۇ ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى جىددىي ۋە كەسكىن مۇراجىئەت قىلىدۇ.

 

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى قېرىندىشىمىز تۈركىيە ھۆكۈمېتى ۋە تۈركىيە خەلقىدىن ۋەتەنپەرۋەر زات ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندىنىڭ ھاياتىنى قوغدىشىنى،  خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ بىگۇناھ قەتلى قىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقلا، تۈركىيە قانۇن ۋە ئەدلىيە ساھەلىرىنىڭ قارىلانغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىسىنى ئادىللىق بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

Hits: 11315
Copyright © 2017. East Turkistan Government-in-Exile. Designed by