Sunday November 19, 2017

Donate
News Feeds:

 

1964-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ 1996-يىلغىچە بولغان 32 يىلدا، خىتاي ھۆكۈمېتى شەرقىي تۈركىستان لوپنۇردا ئاتوم سىناقلىرى ئېلىپ باردى. خىتاي ھۆكۈمېتى 46 قېتىم سىناق قىلدۇق دەپ رەسمىي ئېلان قىلغان بولسىمۇ،كىچىك تىپتىكى سىناقلارنىمۇ قوشقاندا ئاتۇم سىناقلىرىنىڭ سانى 50 قېتىمدىن ئاشىدۇ.

 

خىتاي ھۆكۈمېتى، ئاتۇم سىناقلىرى ئېلىپ كەلگەن مۇھىت بۇلغىنىش ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان زىيانكەشلىكنى ئىنكار قىلىدۇ. شۇنداقلا ئەتراپتىكى ئاھالىلەر بىلەن كارى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاتۇم سىناقلىرىنى  داۋاملاشتۇرىدۇ. شەرقىي تۇركىستانلىقلارغا  ھەتتا بۇ ئاتۇم سىناقلىرى  ۋە ئاتۇم سىناقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە قانداق تەسىرى بارلىقى توغرىلىقمۇ ھېچقانداق مەلۇمات بەرىلمىگەن.

 1980-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەڭ ئاخىرقى ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئاتۇم سىنىقى، 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەڭ ئاخىرقى يەر ئاستى سىنىقى ئۆتكۈزۈلدى. خىتاينىڭ ئاتۇم سىنىقىنىڭ بۇزغۇنچىلىق كۈچى ياپونىيە ھېروشىمادىكى 120000 دىن 140000 غا قەدەر ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى دەپ قارىلىدىغان ئاتۇمنىڭ بۇزغۇنچىلىق كۈچىدىن 1300 دىن 1400 ھەسسە ئارتۇق.

 1994-يىلى ئۇيغۇر دوختۇر ئەنۋەر توختى ئۆزى ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تۇرىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىدىكى يامان خاراكتېرلىق ئۆسمە يەنى راكنىڭ ئىنتايىن كۆپلىنى بايقاپ تەكشۇرۇشكە باشلايدۇ.

ئۇندىن كېيىن، ئەنگىلىيەنىڭ ھۆججەتلىك فىلىم ئەترىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاتۇم سىناقلىرىنىڭ زىيانكلكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى بىۋاستە تەكشۈرەيدۇ. "يىپەك يولىدىكى ئۆلۈم ئىلاھى" دېگەن ھۆججەتلىك  فىلىم 1998-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ "چانېل 4" تە قويۇلۇپ دۇنيا خەلقىگە خىتاي ئاتۇم سىناقلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرىنى تونۇتىدۇ.

ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىك سىناقلار  بەدىلىگە ئاتۇم قورالىغا ئىگە بولغان خىتاي ھۆكۈمېتى پاكىستان،شىمالىي كورىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئاتۇم تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

ھازىر ئىقتىسادى تەرەققىياتقا ئېرىشكەن  خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ۋە ئاتۇم تەھدىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىدىن ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە زېمىنلارنى بېسىۋېلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ يېقىنقى بىر يۈرۈش ھەرىكەتلىرى دۇنيا ۋە ئاسىيانىڭ تېنچلىقىغا تەھدىت سالىدۇ.

 خىتاي ھۆكۈمېتى ئېلىپ بارغان  ئاتۇم سىناقلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىش  ۋە يادرو قوراللىرىدىن خالى  تېنچ دۇنياغا دەۋەت قىلىش  ئۈچۈن ئىككى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى خەلقئارادا قانات يايدۇرماقچى:

 "خىتاي ئاتۇم سىناقلىرى زىيانكەشلىكىنى يۇنېسكونىڭ ئەس مىراسى قىلايلى"

 "10-ئاينىڭ 16-كۈنىنى خىتاي ئاتۇم سىناقلىرى زىيانكەشلىكىنىڭ مۇسىبەت كۈنى قىلىپ بەلگىلەيلى"

 

 

ئىمزا قويۇش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ...

 

  

ئىمزا توپلاشقا چاقىرىق قىلغۇچىلار:

 

دوكتور ئەنۋەر توختى

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسمان

 

 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىمزا توپلاش رەسمىي باشلاندى.

 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ياپونىيە توكيودا "خىتاينىڭ ئاتۇم تەھدىتى"

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدۇ.

Hits: 7460
Copyright © 2017. East Turkistan Government-in-Exile. Designed by