Sunday November 19, 2017

Donate
News Feeds:

 

 

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى مائارىپ نازارىتىنىڭ 2017-يىللىق 10-نومۇرلۇق ھۆججىتى نامىدا ئېلان قىلىنغان "ئاپتونۇم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇش دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى" ناملىق ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن ئىجرا قىلىۋاتقان "2017-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن

باشلاپ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ بارلىق دەرسلەر خىتاي تىلى ئارقىلىق ئۆتىلىدۇ"  ناملىق قارارى توغرىلىق ۋە خىتاينى تاجاۋۇزچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت تىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى بولغان قەدىمىي ۋە مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىپ، مىللەتنى ئاسىملاتسىيە قىلىشتەك قەبىھ جىنايىتى بىلەن قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.

 

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى ئالدى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداشقا، خىتاينىڭ ئانا تىلىمىزنى يوقىتىش ئارقىلىق كىملىكىمىزنى يىلتىزىدىن قۇرىتىشتەك ۋەھشىي جىنايى قىلمىشىغا يول قويماسلىققا چاقىرىدۇ.

 

شۇنداقلا، خەلقئارا جەمئىيەتنى، دۇنيا جامائىتىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، دۇنيادىكى ھەر دۆلەت ھەر ساھەدىكى دوستلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشتەك بۇنداق تارىخىي جىنايىتىگە كۆز يۇمىۋالماي، دۇنيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشكە بۈيۈك تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن ھەققانىيەتتە تۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.

 

ئۇيغۇر  تىلىنى قوغداش ئۆزىمىزنى قوغدىغانلىق، ئەجداتلىرىمىز ۋە تارىخىمىزنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزگەنلىك!

 

شەرقىي تۈركسىتان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئانا تىلنى قوغداش خەلقئارا ئىمزا توپلاش چاقىرىقىغا پۈتۈن قېرىنداشلارنى ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىدۇ. سۈرگۈن ھۆكۈمەت ئانا تىلنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى دەپ قارايدۇ. ۋەتەن، خەلق بىلەن  بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىپ ئۇيغۇر مىللىتىنى يىلتىزىدىن قۇرىتىشتەك خام خيىالىغا مەڭگۈ يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ!

Hits: 17715
Copyright © 2017. East Turkistan Government-in-Exile. Designed by