Saturday September 23, 2017

Donate
News Feeds:

 

2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ تارىخىي كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمغا كانادادىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر سىياسىي تەتقىقاتچىلىرى، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ۋە سەنئەتكارلار قاتناشتى.

خاتىرىلەش مۇراسىمى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى ھەمدە مۇراسىمغا قاتناشقۇچىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن قۇربان بولغان شېھىدلارغا، ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىگە، مۇستەقىللىقىغا بېغىشلاپ خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان قەھرىمانلارغا بېغىشلاپ دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزدى.

مۇراسىمدا ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخى تونۇشتۇرۇلۇپ، مەغلۇب بولۇش سەۋەبلىرى، ئۆز ۋاقتىدىكى جۇغراپىيىلىك ستراتېگىيىلىك شەرت-شارائىتلار تەپسىلى تەھلىل قىلىنىپ، تەجرىبە-ساۋاقلار يەكۈنلەندى.

گەرچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىر دۆلەت سۈپىتىدە 1933 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ۋە 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئىككى قېتىم غەلىبىلىك مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ھەر ئىككى قېتىمدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان.

بۇ ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئىمپېرىيە، خانلىق ۋە دۆلەت قۇرغان خەلق بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇز قىلىشتىن بۇرۇن 1876 - يىلى مانجۇ ئىمپېرىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە ئۆز ۋاقتىدىكى قەشقەرىيە دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر دۆلىتى ۋەيران قىلىنىپ، 1884 - يىلى شەرقىي تۈركىستان مانجۇ ئىپمېرىيىسى تەرىپىىدىن قېتىۋېلىنغان ۋە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ نامى شىنجاڭ يەنى يېڭىدىن قېتىۋېلىنغان زېمىن دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

قەشقەرىيە دۆلىتى ياقۇپبەك باشچىلىقىدا قۇرۇلغان مۇستەقىل مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى بولۇپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسى، بېرىتانىيە ئىمپېرىيىسى ۋە چارۇسىيە ئىپپېرىيىسى تەرىپىدىن تونۇلغان.

1911 - يىلىغا كەلگەندە، خىتاي دۆلىتىدىكى خىتاي مىللەتچىلىرى قوزغۇلۇپ، سۇنجوڭسەن باشچىلىقىدا مانجۇ ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خىتاي جۇمھۇرىيىتىنى قۇرىدۇ. گەرچە مانجۇ ئىمپېرىيىسى بىلەن خىتاي جۇمھۇرىيىتى پۈتۈنلەي ئىككى دۆلەت ۋە خىتاي مىللىتى بىلەن مانجۇ مىللىتى پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان ئىككى مىللەت بولىشىغا قارىماي، خىتاي جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. نەتىجىدە، قەھرىمان شەرقىي تۈركىستان خەلقى  ئۆز مۇستەقىللىق ئۈچۈن توختىماي قان تۆكۈپ كۈرەش قىلىپ، 1933 - يىلى بىرىنچى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەمما بۇ جۇمھۇرىيەت خىتاي تاجاۋۇزچى مىللىتارىستلىرى تەرىپىىدىن قانلىق باستۇرۇلۇپ يوق قىلىنىدۇ. خەلقىمىز ئۆلۈم ئالدىدا تېز پۈكمىگەن ھالدا قارشىلىقنى ھېچ توختاتماي  ئاخىرى 1944 - يىلى ئىككىنچى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ.

1949 - يىلى، خىتاي كوممۇنىستلىرى خىتاي مىللەتچىلىرىنى يوقىتىپ، ھازىرقى خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ شۇنداقلا كوممۇنىست سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە كابىنېت ئەزالىرىنىڭ سىرلىق ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە ئۆلتۈرىلىشىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىدۇ ۋە نۇرغۇن بەدەل تۆلەپ قۇرۇلغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى مۇستەملىكە قىلىۋالىدۇ. بۇ دەل دۇنيادىكى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىغا توغرا كەلگەن ۋاقىتلار بولسىمۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆز يۇمۇشى ۋە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي مەنپەئەت ئويۇنلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر خەلقى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ ۋە شۇندىن بېرى ئۇيغۇر خەلقى بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

مۇستەملىكىچىلىك دەستىدىن ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلار ھازىرغا قەدەر ھەر ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتىگە قارشى بىر نامايىش سۈپىتىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن توختىماي خاتىرىلەپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەخمەتجان ئوسمان بۇ قېتىملىق خاتىرىلەش پائالىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: "ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە خاتىرىلەيدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت قۇرغان بىر مىللەت بولغىنىدىن پەخىرلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمېتى داۋاملىق 'شەرقىي تۈركىستان دېگەن بىر دۆلەت مەۋجۇت بولمىغان ۋە بۇ يەرنىڭ نامى شىنجاڭ، شىنجاڭ بىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىمىز' دەپ تەشۋىق قىلماقتا. لېكىن ئۇلار تارىخنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ. خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتلىرى ھەمدە مىليونلاپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىلا ئەمەس بەلكى خىتاي ئەسكەرلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا تۆكۈۋېتىشىنىڭ ئۆزىلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇنلىغان بىڭتۇەنلەردىن باشقا خىتاي ھۆكۈمېتى تېخى ئۆتكەن ئايدىلا  شەرقىي تۈركىستانغا يەنە يۈز مىڭ ئەسكەر يۆتكىدى. ئەگەر بۇ زېمىن خىتاينىڭ بولسا، خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇ زېمىننى دۆلەت تېرورلۇقى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، قورال ۋە ئەسكەر كۈچى بىلەن كونترول قىلىدۇ؟! خىتاي مەيلى قانداق تەشۋىق قىلسۇن، خىتاي ھۆكۈمېتىنىڭ بىزنىڭ دۆلىتىمىزنى بېسىۋالغانلىقى بىر پاكىت، بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىمىز ۋە ھامان بىر كۈنى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز".

 

11 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تېنچ، دېموكراتىك ۋە مۇستەقىل بىر دۆلەتكە بولغان جىددىي ئېھتىياجىنى ئىپادىلەپلا قالماي، خىتاي ھۆكۈمېتىدىن ئىبارەت بىر مۇستاملىكىچىنىڭ ئاياق ئاستىدا مەجبۇر بولىۋاتقان قان تۆكۈلۈش پاجىئەلىرىگە، خىتاينىڭ دۆلەت تېرورلۇقىغا، قانلىق باستۇرىشىغا زادىلا چىدۇغۇچىلىقى قالمىغانلىقىنى، تېنچلىققا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشىنى نامايەندە قىلدى، شۇنداقلا، كەلگۈسىدە مۇستەقىل، دېموكراتىك شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا بولغان كۈچلۈك ئارزۇسى ۋە مۇستەھكەم ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

Hits: 1750
Copyright © 2017. East Turkistan Government-in-Exile. Designed by