Friday May 26, 2017

Donate
News Feeds:

 

12-نويابىر كانادادا 1933- ۋە 1944-يىللىرى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى خاتىرىلەندى.

ئۇيغۇرلار 1933-يىلى قەشقەردە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرغان بولسا، 1944-يىلى غۇلجىدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرغان.

گەرچە، ھەر ئىككىلا جۇمھۇرىيەت ئەينى يىللاردىكى سىياسىي ۋەزىيەت تۈپەيلى ئۇزۇن دەۋر سۈرەلمىگەن بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىغا شانلىق تامغىسىنى باسقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

خاتىرىلەش مۇراسىمىنى كانادادا تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى تەشكىللىشى بىلەن سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتىگە ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

خاتىرىلەش مۇراسىمى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى. مۇراسىمغا قاتناشقۇچىلار، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن قۇربان بەرگەن شېھىتلارغا، ھاياتىنى ئۇيغۇر ھەق-ھوقۇقلىرىغا، ئەركىنلىكىگە، مۇستەقىللىقىغا بېغىشلاپ خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان قەھرىمانلارغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزدى.

مۇراسىمدا سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىمنىڭ تەبرىك سۆزى ئوقۇپ ئۆتۈلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ھاجىمامۇت ئەپەندىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى.

سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى باش مىنىستىر مەسلىھەتچىسى غۇلام ئوسمان ئەپەندىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى ماقالىسى، مىللەت ۋەكىلى ئادىل ئابباس تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

ئامېرىكىدىن تەكلىپ بىلەن كېلىپ بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان دوكتور قاھار بارات، ئىككىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت ۋەكىللىرىنىڭ سىرلىق ئايروپىلان ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدىكى گۇمان ۋە پاكىتلار توغرىسىدا ئىزدىنىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەنگلىيەدىن كېلىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان دوكتور ئەنۋەر توختى ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇش ئۈچۈن چۈشىنىشكە تېگىشلىك خەلقئارالىق شەرتلەر توغرىسىدا ئۆزىنىڭ تەتقىقات ماقالىسىنى سۇندى.

بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا يەنە ئەنگلىيەدىن كەلگەن لوندون ئۇيغۇر مۇزىكا ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى رەھىمە مەخمۇت مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىغا ۋەتەنپەرۋەر خەلق ناخشىلىرىنى تەقدىم قىلدى.

 

مۇراسىم يېڭىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشردىن چىققان شوتلاندىيەلىك نىك ھولدستوكنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى «قان تامچىۋاتقان دەرەخ» ناملىق كىتابىنى مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىغا تارقىتىپ بېرىش بىلەن ئاياغلاشتى.

Hits: 1359
Copyright © 2017. East Turkistan Government-in-Exile. Designed by