Wednesday April 26, 2017

Donate
News Feeds:

غۇلام ئوسمان ياغما (شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى باش مىنىستېر مەسلىھەتچىسى)

 

بىرىنچى جۇمھۇرىيەت يەنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدە كۆپ ماتىرىياللار بار، گەرچە قىسمەن زىتلىقلار بولسىمۇ يەنىلا توغرا ئەھۋاللارنى خۇلاسىلاپ چىقىشقا يېتىدۇ. شۇڭا مەن بۇ ماقالەمدە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە ئالاقىدار ۋەقەلەرنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. مەن بۇ يەردە ھازىرغىچە تىلغا ئېلىنماي كەلگەن، بەلكىم سەل قارالغان تەرەپلەر ھەققىدە — بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ سىياسىي تارىخىمزدىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.

 

مېنىڭچە بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەڭ موھىم ئەھمىيىتى دېيىشكە بولىدىغان نۇقتىلار تۆۋەندىكىدەك:

- سىياسىي داۋامىز ئۈچۈن يېمىرىلمەس دەلىل يارىتىپ بەرگەنلىكى؛

- شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاخىرقى ھىساپتا بىر گەۋدە بولۇشىنىڭ مەنىۋىي ئاساسى — «مەڭگۈلۈك بىرلىكتە»لىكىمىز — ئۈچۈن «مۇما» تىكلەپ بەرگەنلىكى؛

- تارىخىمىزدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ تارىخىدىمۇ تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش بىلەن، ئىسلامنىڭ كېڭەش پىرىنسىپى بىلەن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ ئەركىن سايلام شەكلىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك بىرلەشتۈرگەنلىكى؛

- ئەسىرلەردىن كېيىن ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك روھىنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقى؛

- باشقىلارنىڭ «قۇچىقىدا» ئولتۇرماي، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ساپ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆزلىرى پىلانلاپ، ئۆزلىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك قۇرۇپ چىققانلىقى.

ئەمدى يوقۇرىدا دېيىلگەن موھىم نۇقتىلار ھەققىدە بىر ئاز تەپسىلات بېرىشكە تىرىشىپ كۆرەي:

1. يېمىرىلمەس دەلىل بولۇش ئالاھىدىلىكى. جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى — دۆلەت ئاتىسى — سابىت داموللا شۇ چاغدىلا كۆرۈپ يېتەلىگەن ۋە ئېنىق بىلگەن ۋە شۇنداق مەخسەتنى كۆزدە تۇتقىنىدەك، بۈگۈن ۋە كەلگۈسىدىكى سىياسىي داۋامىزنىڭ دەستىكى بولغانلىقى، ھازىرقى زامان دۆلەتلىرى شەكىللەنگەن، مىللىي چېگرالار ئاساسەن مۇقىملاشقان بىر تارىختا بارلىققا كېلىشى تۈپەيلى، قەدىم ياكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى مۇقىمسىز دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن سىياسىي داۋامىزنىڭ پولاتتەك دەلىلى بولۇپ قالغانلىقى ئەڭ ئاساسلىق ئەھمىيىتىدۇر. سابىت داموللا سەبداشلىرى، قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش غايىسى ھەققىدە سورالغاندا «بۇ بىر ياخشى پۇرسەت، بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن بىر دەلىل يارىتىپ قويۇمىز، چۈنكى بۈگۈنكى سىياسىي ۋە جۇغراپىيىۋىي شەرتلەر ئاستىدا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىمىزنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىمىز... » دېگەنىدى. بىز بۇ ئىپتىخارلىق دۆلەت ئاتىمىزنىڭ سىياسىينى نەقەدەر چۈشۈنۈدۇغانلىقىنى ئۇنىڭ قىلغان سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنەلەيمىز.

«تارىخي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كېيىنكىلەرگە دەلىل يارىتىپ قويۇش» دېگىنىگە يارىشا، بۇ قىسقا ئۆمۈرلۈك دۆلەتنى دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە فونكىسەلىك قۇرۇلمىلىرى تولۇق، بىر دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ھەممە ئورگانلىرى، بەلگىلىرى، ئالامەتلىرى بولغان مۇكەممەللىككە ئىگە قىلغان. 4 ئايچە قىسقا مۇددەت ئۆمۈر كۆرگەن بىر دۆلەت ئۈچۈن بۇنداق مۇكەممەللىك ھەقىقەتەنمۇ مۆجىزە دېگۈدەكلا بىر ئىش.

2. "بىرلىكتە" لىكىمىزنىڭ «مۇما»سى. دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بەلگىسى، پۇل، پاسپورت قاتارلىقلار بۈگۈن بىز ئۈچۈن قىممەتلىك دەلىل بولۇپلا قالماي، بۇلاردىن دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت بەلگىسى —ئۇزۇن مەزگىل مۇستەملىكە كەچمىشى ئىچىدە كوللىكتىپ ئېڭى بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچرىغان، تەربىيىسىز قالغان، مەلۇم ئىشتا بىرلىككە كېلىشى تەس بولغان مىللىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ بولمىغاندىمۇ مەلۇم «بىرلىكتەلىك» ياراتقان. ئەگەر بايرىقىمىز، دۆلەت بەلگىمىز بىرىنچى جۇمھۇرىيەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ، «بىرلىك» يارىتىلمىغان بولسا ئىدى، كىم بىلىدۇ، بۈگۈن ھەر توپىمىز ئۆز خىيالىمىز بىلەن بىردىن بايراق، بىردىن دۆلەت بەلگىسى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئاساسىي ئىش بىر ياندا قېلىپ، يىللار-يىلى بۇنى تالاشمايتۇق دېيەلمەيمىز. مانا بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ بىر دەلىل بولۇپلا قالماي، مۇتلەق بولۇشقا تېگىشلىك «بىرلىكتەلىك»نىڭ «خامىنىدىكى مۇما» بولۇپ قالماقتا.

3. ئىسلامنىڭ كېڭەش پىرىنسىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن جۇمھۇرىيەت. سابىت داموللا چەتئەللەردە مۇھاجىرلىق ھاياتى كەچۈرگەن يىللار ئىچىدە ئوقۇش بىلەنلا قالماي، دۆلەت تۈزۈلمىلىرىنى تەتقىق قىلغان. ھەر خىل سىياسىي تۈزۈملەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن. گەرچە ئۇ دىنىي زات بولسىمۇ خەلىپىلىك قاتارلىق دىنىي تۈسى قويۇق بولغان سىياسىي تۈزۈمنى بۈگۈنكى شەرتلەر ئاستىدا تېخىمۇ تېز دۈشمەنلىك تۇغدۇرۇدۇغان تەرىپىدىن ئۇيغۇن كۆرمىگەن؛ چۈنكى زومىگەر دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقداشلىقى ئاستىدا يېڭىلا ئوتتۇرىدىن قالدۇرۇلغان خەلىپىلىك — ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئېچىنىشلىق خارابىسى تېخى ئۇنچە كونارمىغان ئىدى. ئەمما تۈركىيەنىڭكىدەك لائىك (ئىلمانىيە) تىپىدىكى دۆلەتنى بولسا ئومۇمىي نوپۇسى دېگۈدەك مۇسۇلمان بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قوبۇل قىلدۇرغىلى بولمايتى. شۇڭا داموللا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ خەلق رايى بىلەن ئەركىن سايلام ئارقىلىق ئۆز رەھبەرلىرىنى تاللايدىغان ئەۋزەللىكى بىلەن ئىسلامنىڭ كېڭەش روھى ئارىسىدا بىر باغلىنىشنى بايقىدى. ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە «(ئىشتا) ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن» دەپ بۇيرۇغان؛ رەسۇلۇللاھمۇ ئۆزىدىن كېيىنكى خەلىپىنى بەلگىلەپ قويۇش تەلەپ قىلىنغاندا ساھابى كراملارغا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياقتۇرغان بىرىنى تاللاپ خەلىپە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن چەكلەنگەن. يەنى، مونارخىيىلىك شەكىلدە ۋارىس بەلگىلەشنى ئىسلامنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كۆرمىگەنىدى. مانا بۇ تەرەپلىرى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەركىن سايلام ئاساسىدا بارلىققا كېلىدىغان رەھبەرلىك سىستېمىسى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقاپ، بىزنىڭ تارىخىمىزدىلا ئەمەس، دۇنيا تارىخىدىمۇ تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى.

4. دۆلەتچىلىك روھىمىزنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقى. باشقىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ، ئەسىرلەر ئۆتكەندە ئۇيغۇرلارنىڭ قولى بىلەن تۇنجى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زامانىۋىي دۆلەت تۈزۈلمىسىنى تەدبىق قىلىپ قۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۆلەتچىلىك ئېڭى، ئازاتلىق ئىستىكى، مۇستەقىللىق روھىنىڭ تېخى ئۆلمىگەنلىكىنى ياكى باشقا تۈرلۈك قىلىپ ئېيتساق قايتا تىرىلگەنلىكىنى جاكارلاپ، دۈشمەنلىرىمىزنىڭ يۈرىكىنى ساقايماس جاراھەت قىلىۋەتكەنلىكى، كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزغا بولسا بىزنىڭمۇ دۆلەت قۇرالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئۈمىت ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلغانلىقىنى دېيىشىمىز مۈمكىن.

5. باشقىلارنىڭ قونچىقى بولماي، پۈتۈنلەي شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەقلى ۋە كۈچىگە تايانغانلىقى. بىرىنجى جۇمھۇرىيەت مۇستەقىل تۈردە ئۆز خەلقىمىز، ئۆز مىللىتىمىز تەرىپىدىن لايىھىلەنگەن دۆلەت بولۇپ، دۆلەتنى قۇرغۇچىلار دەل دۆلەتنىڭ بېشىدىكىلەر ئىدى. يەنى، كۆپ ھاللاردا ئاجىز مىللەتلەرنىڭ ئازاتلىق يولىدا دايىم ئۇچراپ تۇرۇدۇغان «باشقىلارنىڭ قۇچىقىدىكى بوۋاق» بولمىغان ئىدى. مەسىلەن ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتتىكىدەك ھەممىنى باشقۇرۇدۇغان، قارار چىقىرىش ھوقۇقىنى قولىدا تۇتقان «فىتاروي دوم» (ئىككىنچى ئۆي) دېگەندەكلەر بولمىغان.

 گەرچە، بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا پەردە ئارقىسىدا چەتئەل كۈچلىرى بارىدى، دېگەندەك ئىغۋالار بولسىمۇ، بۇنىڭغا ھازىرغىچە كىشىنى قايىل قىلالىغۇدەك دەلىل كۆرسۈتۈلمىدى. شۇنداقلا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقە-ھادىسىلەر، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاقىۋىتى قاتارلىق ئەمەلىيەتمۇ، بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا ھىچقانداق چەتئەل كۈچلىرىنىڭ بولمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ھازىرغىچە دەلىل سۈپىتىدە كۆرسۈتۈلۈۋاتقان بۇ كۈچلەردىن بىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش تۈركلەرنىڭ بولشىۋىكلار بىلەن قارشىلىشىپ، تاكى 1927-يىلغىچە تىركەشكەن، «باسمىچى» ئاتالغان كۈچلىرىدىن بىر بۆلۈكى ئىلاجىسىز ئەھۋالدا شەرقىي تۈركىستانغا سېغىنغان بولۇپ، بۇلاردىن سېتىۋالدىجاننىڭ كۆپ ئۇرۇش كۆرگەن، جەڭدە پىشقان بىر پولك كۈچى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىق ھەربىي كۈچ بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىدى. ئەمما سېتىۋالدىجان نە دۆلەتنىڭ پەردە ئارقىسىدا، نە پەردە ئالدىدا ھاكىمىيەت بېشىدا ئەمەس ئىدى. بىر قەدەم ئارقىغا يېنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «باسمىچىلىق ھەركىتى»گە نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇلار ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىلگىرى-ئاخىر قۇرۇلغان قوقەن جۇمھۇرىيتى، بۇخارا جۇمھۇرىيىتى،... قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيىسى ئىدى. بۇ دۆلەتلەر بولسا «جەدىتچىلىك» ھەركىتىنىڭ ئىدىلوگىيىسىدە غايە قىلىنغان ئاخىرقى سىياسىي نىشانلاردىن ئىدى. «جەدىتچىلىك» بۈگۈنگىچە پەقەتلا مائارىپ ئىسلاھاتى، جەمىيەتتىكى قالاقلىقلارغا قارشى ئىلغارلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچى، دىننى ئىلمىي شەرھىيلەش، بىدئەتلەرگە قارشى تۇرۇش،... جەھەتلەردىكى بىر ھەركەت سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتىدۇ (ئۇيغۇرلاردا)، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تېخىمۇ ئاساسلىق غايىسى مۇنقەرزلىككە پاتقان ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ غۇۋالاشقان دۆلەتچىلىك ئېڭىنى تىرىلدۈرۈش ۋە مۇستەقىل بۈيۈك تۈركىستان قۇرۇش ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ شۇئار «تىلدا، پىكىردە بىرلىك» بولغان، نەشىر ئەپكارلىرىنىڭ تۆرىگە «مىللىتىمىز تۈرك، دىنىمىز ئىسلام» دېگەندەك سۆزلەر يېزىلغان. يەنى جىمى تۈركلەردە دىنىمىز بىر، تىلىمىز بىر، غايىمىز بىر دەيدىغان ئورتاق ئاڭنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىلەن، كېيىنكى زاماندا بولشىۋىكلار بۆلگەن ئاتالمىش «مىللەتلەر»نى ئېتىراپ قىلمايتى. دەل شۇنداق بولغاچقا، ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇرۇلغان ئاشۇ جۇمھۇرىيەتلەردە بۇنداق ئايرىمچىلىق بولمىغان، مەسىلەن: قوقان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇررەئىس، باش مىنىستېرلىرى باشقۇرت، تاتار، ئۆزبەك، قازاقلاردىن بولغان، ۋاھاكازا. دەل شۇ غايە تۈپەيلى، كېيىن بولشىۋىكلار بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان قىيىنچىلىق يىللىرىدىمۇ، شەرقىي تۈركىستانغا قۇربېشىلار ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا ئەسكەرلەرنى ئەۋەتكەن. ھەتتا بەزى مۇزاكىرىلىرىدە، غەربىي تۈركىستاننى قۇتقۇزالمىدۇق، ئەمدى شەرقىي تۈركىستاننى بولسىمۇ قۇتقۇزۇپ قالايلى، دېگەن مەسلىھەتلەردە بولۇشقان ئىدى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، سېتىۋالدىجاننى چەتئەل كۈچلىرى ھىساپلاشقا، ئۇنىڭ باشقىچە غەرىزى بار ھىساپلاشقا قىلچە ئورۇن يوق. ئۇ تامامەن ئۆز غايىسى يولىدا، ئاڭلىق ۋە خالىس ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقىنى ئۆز ئىشى بىلىپ، بۇ ئىشقا پىدائيلىق بىلەن قاتناشقان. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئۆز قوزغۇلاڭچىلىرىمىزغا قارىغاندا ئاڭلىق، بېشىدىن كۆپ ئىش ئۆتكەن قوماندان ئىدى.

چەتئەل كۈچلىرى ھىسابىدا كۆرسۈتۈلگەنلەردىن يەنە بىرى تۈركىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغان ئوسمانلى شاھزادىلىرىدىن بىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇشىغا قاتناشقانلىقى ھەققىدىكى مىش-مىشتۇر. بۇ شاھزادە ئۆزىنى سىغدۇرالماي يۈرگەن ۋەزىيەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ نە ئەسكىرى نە ئىقتىسادىي كۈچى بولماي تۇرۇپ، بۇ دۆلەتنى پەردە ئارقىسىدا كونترول قىلىش ئىھتىمالى نۆلگە يېقىن دېيىشكە بولۇدۇ.

يەنە بىر «چەتئەللىك» — مەجىددىن دەلىل (دوختۇر) بولۇپ، ئەسلى تاشكەنتتە تۇغۇلغان ئۆزبىك، (مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرى)، ئەسلى بولشىۋىك ئىستىلاسىدىن بىر ئاز ئاۋال چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان، يۇرتنى كوممۇنىستلار باسقاندىن كېيىن قايتىپ كەتمەي، ھىجرەت قىلغان لىدېرلار (زەكى ۋەلىدى توغان، مۇستاپا چوقاي،... قاتارلىقلار) قۇرغان ياش تۈركىستان تەركىبىدىكى تۈرك ياشلار بىرلىكىدە خىزمەت قىلىپ قالغان. كېيىن بۇ تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1931-يىلى قۇمۇلدىن باشلانغان مىللىي ئىنقىلابىمىزنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى راھەت تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن. بۇلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولۇدۇكى، ئۇنىڭدىمۇ دۆلەتنى كونترول قىلىۋالغۇدەك كۈچ ۋە ئۇنداق نىيەت يوق ئىدى.

 

يوقۇرىقىلاردىن باشقا، دۆلەت ئاتىمىز سابىت داموللا ھەققىدىمۇ شۇنى دېيىشىمىز مۈمكىن: بۇ مىللەتتە ئاڭلىق تەبىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، سىياسىي داۋامىزنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭقۇر چۈشۈنۈلۈدۇ ۋە بۇ چۈشۈنۈلگەنسېرى سابىت داموللىنىڭ تارىخىمىزدىكى ئورنى كۆتۈرۈلۈپ بارىدۇ. ئۇ بىزنىڭ بۈگۈن چۈشەنگىنىمىزدىن خېلى زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن ئاڭ ۋە روھقا ئىگە قەھرىمان. خەلقىمىزنىڭ كۆزى ئېچىلغانسېرى ئۇنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يېتىدۇ.

 

Hits: 1696
Copyright © 2017. East Turkistan Government-in-Exile. Designed by