Tuesday March 28, 2017

Donate
News Feeds:

 

 

(«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنىڭ ئۇپۇقلىرى ۋە خىرسلار» تېمىسىدىكى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان موھىم نۇقتىلار)

 

موھىم ئەسكەرتىش: مەزكۈر خىتاپنامىدا تىلغا ئېلىنغان نۇقتىلار ئىككى تىپتا بولۇپ، بىرى، سىياسىي دەۋانى يۈرگۈزۈشتە پايدىلىنىشقا بولىدىغان يول، مېتودلار؛ يەنە بىرى مەيلى تەشكىلات، مەيلى شەخس، بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەلەپپۇزنى بىرلىككە كەلتۈرمىسە بولمايدىغان تەبىئىي ئېلىمېنتلار بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق ئەمەل قىلمىسا بولمايدىغانلىقى شۇنى كۆرسۈتۈدۇكى، بۇلار مەلۇم دۇنيا قاراش، سىياسىي قاراش، تەشكىلىي قاراشقا مەنسۇپ بولمىغان شەيئىلەردۇر. ئومۇمەن، بۇ ماتىرىيالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلار ھېچقانداق تەشكىلاتنىڭ كۆز قارىشى، غايىسى ئەمەس، شۇنداقلا ھىچقانداق بىر تەشكىلاتنىڭ خاس مۈلكىمۇ ئەمەس. بۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن نۇقتىلار شەرقىي تۈركىستان سىياسىي دەۋاسى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسى يولىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ھەرخىل تەشكىلاتلار، مۇستەقىل سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن ئورتاق بولۇپ، كىم پايدىلىنىشنى خالىسا ئۆز مۈلكى ھىسابىدا قوللانسا بولىدۇ.

 

1. پىرىنسىپال مەسىلىلەر

 

1.1

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك ئاساسىنى بەلگىلەشتە چوقۇم بىلىشىمىز كېرەك بولغان يېتەكچى پىرىنسىپ شۇكى: بىزنىڭ نىشانىمىز، يېڭىدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ئەمەس، مۇستەقىللىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. چۈنكى بىزنىڭ ۋەتىنىمىز، خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئەمەس، بەلكى بېسىۋېلىنغان زېمىن. مانا بۇ مىللىي ۋە سىياسىي سەزگۈرلىكى يوقۇرى بولغان نۇقتىنى ئۆز نىزامنامىسىدە ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان تەشكىلاتلا خەلقنىڭ ئىرادىسىگە، ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا غايىلەرنى ئالدىغا قويغان تەشكىلاتلار بۇنداق ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ھەر خىل تەشكىلاتلارنىڭ بولۇشى، ھەر خىل ئۇسۇل، ھەر خىل پىلان، پروگراممىلارنى ئالدىغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ياكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر قىسىم مەنپەئەتلىرىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇشى ھەقلىق ھىساپلىنىدۇ ۋە ئۇلارنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ.

 

2.1

ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشىدا يېتەكچى قىلىشىمىز زۆرۈر بولغان ئامىل ئېتىقادىمىز بولۇپ، ئاساسىي نوپۇسى مۇسۇلمان بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىدېئولوگىيىسى ئىسلام دىنىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسا ياكى دىنىمىزنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ بولسا، خەلقىمىز بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

 

3.1

بۇ ئىدىئولوگىيە «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمغا ئۇيغۇن بولۇشى، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ بىر پۈتۈنلۈك سۈپىتىدە قوينىغا ئالغان ھالدا تۈزۈلۈشى كېرەك. دۈشمەن ئېنىق بەلگىلىنىشى بۇ دۈشمەندىن باشقا «قوشۇمچە دۈشمەن»، «يېڭى دۈشمەن» پەيدا قىلىدىغان مەزمۇنلاردىن ساقلىنىشى كېرەك.

 

2. يول ۋە مېتودلار (تەۋسىيىلەر)

 

1.2

دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ئەركىن سايلام قوللىنىشقا بولىدىغان بىر قورالدۇر. بۇ قورالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدىغان پارتىيەلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

كونكرېت ئۇسۇللار: سايلام ھارپىسىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئاۋازنى بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ نىسبەتەن كۆپرەك نوپۇسىمىز بولغان دۆلەتلەردە ئۆز ئاۋازىمىز بىلەن، نوپۇسىمىز ئاز بولغان جايلاردا قېرىنداش ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى ئۆزىمىزگە تارتىش ئارقىلىق ئاۋازدىن ئىبارەت بۇ «كوزېر»نى قولغا كەلتۈرۈش؛ بۇ كوزېر ئارقىلىق غالىپ كېلىش ئىھتىمالى كۈچلۈك بولغان پارتىيىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش مۇھىتى يارىتىش.

غايە: ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدىغانلاردىن قولغا كەلتۈرۈش كۈتىلىدىغان نىشانلار شۇلار بولۇشى مۈمكىن: تەشكىلاتلار ئۈچۈن ئىقتىسادىي مەنبە ھەل قىلىش؛ خەلقىمىزنىڭ ئەسلى ئارزۇسىنى داۋاملىق تەلقىن قىلىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي مەيدانىغا ئەگىشىشتىن، مىللىي كۆرىشىمىزنىڭ ئەسلى غايىسىغا ئاساسەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، مۈمكىن بولغان دائىرىدە خەلقىمىزنىڭ ئارزۇسىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا، ھىچ بولمىغاندا توغرا تونۇيدىغان، كۆڭلۈمىزدىكىنى چۈشىنىدىغان قىلىشقا تىرىشىش. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازىنى چەتئەللىكلەرنىڭ تىلى بىلەن ئاڭلىتىش.

 

2.2

مىدىيا ۋە تەشۋىقاتتا يېڭى يول ئېچىشىمىز كېرەك.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئۆز ئىچىمىزگە، غەرب ۋە باشقا دولەتلەرگە ئاڭلىتىپلا قالماي، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە قارشى خىتايلارغا شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ پىرىنسىپال مەسىلىلىرىدە يول قويماسلىق شەرتى ئاستىدا مەلۇم دەرىجىدە ھەمكارلىشىش.

 

3.2

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق كۆرىشىنىڭ سىستېمىلىق، پىلان-پروگراممىلىق ئېلىپ بېرىلىشىنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن، بارلىق تەشكىلاتلار قوبۇل قىلالايدىغان، ئەسلىدە كۆز قاراش، تونۇش ئوخشىماسلىقلىرىغا مۇناسىۋەتسىز بەزى نۇقتىلاردا ئورتاق بىر يولنى بويلاپ مېڭىش ئۈچۈن "شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدىكى ئىدىيىۋىي مەسىلىلەر" توغرىسىدا بىر پارچە كىتاب بىلەن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ‹ئاقتاشلىق كىتاب›ى»نى تۈزۈپ چىقىش. بۇنداق بىر قوللانما تۈزۈپ چىقىش ئىشىغا بارلىق تەشكىلاتلار مۇتىخەسىس قاتناشتۇرغاندىن باشقا، مۇستەقىل سىياسىي پائالىيەتچىلەر، سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئىستراتېگىيىچىلەرمۇ قاتنىشىش.

 

4.2

ئاقتاشلىق كىتاپقا يانداشقان ھالدا بىر «كرىزىس گورۇپپىسى» قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيا ۋەزىيىتى، تەشكىلاتلىرىمىز تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتى، خىتاي سىياسىتىنى داۋاملىق كۈزۈتۈپ تۇرۇش، مۇلاھىزە قىلىپ تۇرۇش، تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە روھىي تەييارلىقىمىز بولۇشىنى تەمىن ئېتىش، تەشكىلاتلارنى كېرەكلىك تەدبىر ئېلىشتا ئاساس بىلەن تەمىنلەش. (كرىزس گورۇپپىسى قۇرۇش ئىشىدا، چەتئەللەردىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئورتاق بىر گورۇپپا قۇرۇپ چىقىش ئەڭ بۈيۈك غايە، ئەگەر بولمىغاندا ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ باياناتچى (سۆزچى)لىرى ئارا ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، جانىجان مەنپەئەتىمىزگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە چوقۇم بىرلىكنى ساقلاش كېرەك).

 

5.2

خەلقئارالىق قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ، خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقىغا چەك قويۇشقا تىرىشىش بىلەن بىرگە، بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتچىلەر ئۈستىدىن خەلقئارا ئادالەت سوتى ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز سۇنۇش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتوم بومبىسى سىناقلىرى تۈپەيلىدىن رادىئاتسىيدىن زەھەرلەنگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تۆلەم تۆلىتىش.

 

6.2

تەلەپپۇز ئورتاقلىقى بولۇشى شەرت بولغان مەسىلىلەردە قەتئىي تۈردە تەلەپپۇزنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. بۇ شەرقىي تۈركىستان مىللىي دەۋاسىنىڭ ساپا مەسىلىسى بولۇپ، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ باياناتچىلىرى ۋە مۇستەقىل پائالىيەتچىلەر ئوخشاش مەسىلە ئۈسىتىدە ھەر خىل ئىنكاس قايتۇرۇشتەك ساپاسىزلىقنى تۈگۈتۈپ، باشقىلارنىڭ دەۋايىمىزنى كۈلكە قىلىۋېلىشىغا يوچۇق قالدۇرماسلىق ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان موھىم مەسىلە.

 

1.6.2

تارىخىي ۋەقە-ھادىسىلەرنى توغرا ئىسىملاندۇرۇش مەسىلىسى. مەسىلەن: «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»نى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى» ياكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» دەپ ئاتاش. بۇندىن باشقا، بارىن، غۇلجا، ئۈرۈمچى.... دە بولۇپ ئۆتكەن قارشىلىق ھەركەتلىرى، قەتلىئاملارنى ئۆز خاراكتېرىگە، ھەجمىگە، كۆلىمىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئاتاش ۋە بۇ ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ خىتايلار تەرىپىدىن كەمسىتىش تەلەپپۇزىدا، كىچىكلىتىپ كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئاتالغان «... ۋەقەسى» دېگەننى قوللانماسلىق.

 

2.6.2

مىللىي كىملىكىمىزنىڭ ئاساسىي ئېلىمېنتى بولغان مىللىي شۇئارىمىز بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك. مەسىلەن: مىللىتىمىز ئۇيغۇر، دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان، دۈشمىنىمىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى. نامايىش، يىغىلىش ۋە باشقا ئاممىۋىي پائالىيەتلەردە توۋلايدىغان شۇئارلارمۇ تۈپ مىللىي شۇئارىمىزغا ئۇيغۇن تۈزۈلۈشى كېرەك.

 

3.6.2

ئىسىملاردا ئەكس ئېتىدىغان مىللىيلىكنى تەكىتلەش، ئەسلىگە سادىق بولۇشقا دىققەت قىلىش. مىللەت نامىمىزنىڭ خىتاي تىلىدىكى خەتلىرىنىڭ ھاقارەت مەنىسى بارلىقىنى ئاساس قىلىپ، بۇنىڭغا قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈش. كىملىك ھۆججەتلىرىدە ئۇيغۇر ئىسىملىرىنى خىتاي تەلەپپۇزى بىلەن ئېلىشقا قارشى تۇرۇش ۋە چەتئەل كىملىكلىرىدە ئىسىملىرىمىزنىڭ ئەسلىگە سادىق تەلەپپۇزىنى قوللۇنۇشقا ماقۇل كەلتۈرۈش. چەتئەل كىملىكلىرىمىزدىكى تۇغۇلغان جايى، دۆلىتى (مىللىتى) گراپىلىرىنى «خىتاي» دەپ تولدۇرۇشقا ئورتاق قارشىلىق بىلدۈرۈش. مۇشۇنداق ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك.

 

4.6.2

جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلار. ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ۋەتىنىمىزدىكى ھادىسىلەر خەۋەر قىلىنسا يەر ئىسىملىرى خىتايلارنىڭ پىنيىن يېزىقى ئاساسىدىكى تەلەپپۇزى ئاساس قىلىنماقتا. بۇ بىز ئۈچۈن ھاقارەت بولۇش بىلەن بىرگە، تەدرىجىي كۆندۈرۈش ئۇرۇنۇشىغا يول قويۇش بولۇپمۇ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا، مەتبۇئاتلار بىلەن ئالاقە ئورنۇتۇپ، ئۇلارنىڭ توغرا قوللۇنۇشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەنلا قالماي، بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلدۇرۇپ، توغرىسىنى قوللۇنۇشقا زورلاش.

 

5.6.2

تارىخىي كۈنلەرنى تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئاتاش مەسىلىسى. ھازىر چەتئەللەردە «خىتايلار قاچان بېسىۋالغان؟» دېگەندەك سوئاللارغا دۇچ كەلگىنىمىزدە بىر تەشكىلات ئىچىدىكى ئىككى ئادەم ئىككى خىل جاۋاپ بېرىدىغان ئەھۋاللار دايىملا كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا تارىخىي كۈنلەرنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلگەندە چوقۇم تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن بولغان ھالدا، بىرلىككە كەلگەن بىر كۈننى دېيىشىمىز شەرت (بۇلارنى تۈزۈپ چىقىلىدىغان قوللانمىدا تەپسىلىي بايان قىلىش كېرەك).

 

6.6.2

ئىستاتىستىكىلىق سانلار ھەققىدە بىرلىككە كېلىش. يەر كۆلىمىمىز ۋە نوپۇسىمىز.

مەۋجۇت ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار بىلىم ئادەملىرىمىز بۇ ئىككى مەسىلىدە قوللىنىشقا بولىدىغان بىر سان ئوتتۇرىغا قويسا ۋە بۇنى ھەممىمىز، ھەر يەردە ئورتاق قوللۇنۇشىمىز كېرەك. يەر كۆلىمىمىز ئۆزگەرمەيدىغان بولغاچقا، شۇ بىر ساننى دايىم ئەستە تۇتساقلا بولۇدۇ. نوپۇس ئۆزگۈرۈشچان بولغاچقا، نوپۇس ئىلمىنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن بىر كۆپۈيۈش كويفىنسېنتى بېكىتىپ، ھەر يىلى مۇشۇ كويفىنسېتقا كۆپەيتىپ قوللۇنۇش كېرەك.

 

 

2014-يىلى، 8-سىنتەبىر، تورونتو، كانادا

Hits: 1141
Copyright © 2017. East Turkistan Government-in-Exile. Designed by