Tuesday March 28, 2017

Donate
News Feeds:

 

خىتايچە < شىنجاڭ > دېگەن بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچىغا ئەينەن تەرجىمە قىلساق، < يېڭى چېگرا > دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى بولسا بۇ ئاتالغۇنى، < يېڭىدىن قوشۇۋېلىنغان زېمىن > دەپ ئىزاھلاپ كەلمەكتە. گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى < شىنجاڭ > دەپ ئاتاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئاتالغۇدىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئاساسى جەھەتتىن خەۋىرى يوق. بۈگۈن كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان دۇنيا خەرىتىلىرىدە، خىتاي تەرىپىدىن < شىنجاڭ > دەپ ئاتالغان بۇ رايون، < شەرقىي تۈركىستان >، < تۈركىستان >، < ئۇيغۇرىستان >، < ئۇيغۇرىيە > دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ كېلىنمەكتە.

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ۋە غەرپ مەتبۇئاتلىرىدا بولسا، < شەرقىي تۈركىستان > دەپ ئاتاش ئوموملاشقان بولۇپ، ئۇلار، < شەرقىي تۈركىستان > دېگەن بۇ سۆزنىڭ يېنىغا تىرناق ئېچىپ، < خىتاي ھۆكۈمېتى تەرىپىدىن "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى"  دەپ ئاتىلىدۇ > دەپ ئىزاھات بېرىپ قويىدۇ.

چۈنكى ئۇلارنىڭ خىتايغا ئوخشاش دۆلەت ۋە يەر – جاي ناملىرىنى سىياسىي ئېھتىياجىغا قاراپ خالىغانچە ئۆزگەرتىدىغان خۇيى يوق، بەلكى تارىخىي مەنبە ۋە ئاساسقا تايىنىدۇ، شۇ جۇغراپىيەدە ياشاۋاتقان ۋە شۇ تۇپراقنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ھېساپلانغان خەلقلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇلار قوبۇل قىلمىغان ئىسىم ياكى ئاتالغۇنى ئۇلارغا زورلاپ تاڭمايدۇ.

بەزى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە چەتەللەردە تەخمىنەن بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ياشىماقتا، ئۇلارنىڭ ئەڭ قاتتىق نەپرەت قىلىدىغىنى، < شىنجاڭ> دېگەن بۇ كەلىمە بولۇپ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ، < شىنجاڭ > دەپ ئاتىلىشىنى، < ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئەڭ زور ھاقارەت > دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ كەلىمە مانجۇ ۋە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تېڭىلغان نام بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ ئىسىمنى ھېچ بىر زامان قوبۇل قىلغىنى يوق ۋە ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئەسلىدىكى شەرەپلىك نامىغا قايتا ئېرىشىش ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە.

مەسىلەن، 1933 - يىلى قەشقەردە ۋە 1944 - يىلى ئىلىدا قۇرۇلغان ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ، < شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى > دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ نام - شەرىپىگە بولغان ئارزۇ ۋە ئىنتىلىشلىرىنى ئوچۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

شۇڭا ھازىر چەتەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، < شىنجاڭ > دېگەن بۇ كەلىمىنى تەلەپپۇز قىلىشنى، < ۋەتەن - مىللەتكە قىلىنغان خىيانەت > دەپ قارايدۇ، ئۇلار ئارىسىدا ۋەتەننىڭ نامى ھەققىدە، < شەرقىي تۈركىستان >، < ئۇيغۇرىستان > دىگەن ئاتالغۇ كەڭ ئوموملاشقان ۋە < شىنجاڭ > كەلىمىسى ھېچ بىر زامان تەلەپپۇز قىلىنمىغاچقا، چەتەللەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭمۇ < شىنجاڭ> دېگەن بۇ ئاتالغۇدىن خەۋىرى يوق.

چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدىمۇ < شىنجاڭ> دېگەن بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە كۆپلىگەن تالاش – تارتىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا.

مەسىلەن، مەشھۇر خىتاي دېموكرات يازغۇچىلىرىدىن ۋاڭ لى شوڭ ئەپەندى ،< سېنىڭ شەرقىي تۈركىستىنىڭ، مېنىڭ شىنجاڭىم > دېگەن ماۋزۇدىكى ئەسىرىدىمۇ، <شىنجاڭ > دېگەن بۇ نامنىڭ پەقەتلا خىتايلارغا خاس ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نامنى ھېچ بىر زامان قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ۋە < شىنجاڭ> نىڭ خىتايلارغا، < شەرقىي تۈركىستان > نىڭ بولسا ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شۇنچە نەپرىتىنى قوزغاۋاتقان بۇ < شىنجاڭ> دېگەن نام قاچان ۋە قانداق پەيدا بولغان؟

خۇددى تارىخىي مەنبەلەردە بايان قىلىنغىنىدەك، ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ قەدىمى ۋە ئەڭ مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىدى، مىلادى 6 - ئەسىردىلا ئۇيغۇرلار ھازىرقى تاشقى موڭغۇلنىڭ ئورخۇن ۋادىسىنى مەركەز قىلغان قۇدىرەتلىك ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان، ئەينى چاغدىكى خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسىمۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشكەن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسيانلارنى باستۇرۇشتا ئۇيغۇر خانلىقى كۆپ ياردەم بەرگىنى ئۈچۈن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن 3 مەلىكىسىنى ئۇيغۇر خانلىرىغا ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر خانلىقى تەركىبىدىكى قىرغىز قەبىلىسىنىڭ ئىسيانى تۈپەيلىدىن مىلادى 840 - يىلى ئۇيغۇر خانلىقى گۇمران بولۇپ، ئۇيغۇرلار غەرىپتىكى، يەنى ھازىرقى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرىقداشلىرىنىڭ قېشىغا كۆچۈپ بارغان ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئاساسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغىنى ئۈچۈن، بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار تۇرپاننى مەركەز قىلغان ئېدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنى، قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىلار دۆلىتىنى، خوتەننى مەركەز قىلغان ئۇدۇن دۆلىتىنى قۇرغان ئىدى. كېيىن قاراخانىلار دۆلىتى ئېدىقۇت دۆلىتى بىلەن ئۇدۇن دۆلىتىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن بۈيۈك خانلىقىنى قايتىدىن ۋۇجۇتقا چىقارغان ئىدى.

گەرچە كېيىن بۇ رايون موڭغۇل، قىتان، مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىستىلاسىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى تامامەن يوقۇتۇپ قويمىغان، مەسىلەن، چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى، يەركەنت خانلىقى ۋە ئاخىرقى قەشقەرىيە ئۇيغۇر دۆلىتى قاتارلىقلار بۇنىڭ جانلىق ئۆرنەكلىرى ئىدى. 1881 - يىلى شەرقىي تۈركىستان رايونى چىڭ سۇلالىسىنىڭ، يەنى مانجۇ ئىمپىراتورلۇقىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىستىلاسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، 1884 -  يىلى بۇ رايوننىڭ نامى < شىنجاڭ > دەپ ئۆزگەرتىلىپ، خىتاينىڭ بىر مەمۇرى ئۆلكىسى قىلىۋېلىندى.

 "ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى"  تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلىپ تارقىتىلغان، < ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەققىدە قىسقىچە ئوقۇشلۇق > دېگەن كىتاپتا بايان قىلىنىشىچە، مانجۇ ئىمپىراتورلۇقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، يېڭىدىن ئىشغال قىلىنغان جايلارنىڭ ھەممىسى < شىنجاڭ> دەپ ئاتالغان، 1762 - يىلىغا كەلگەندە مانجۇ ئىمپىراتورلۇقى ھازىرقى يۈننەن، گۇيجۇ، سىچۇەن، شىڭخەي، گەنسۇ ئۆلكىلىرىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى قوشۇپ، < شىنجاڭ > دەپ ئاتىغان. 1884 - يىلىغا كەلگەندە باشقا < شىنجاڭ> لارنىڭ ھەممىسىگە نام قويۇلۇپ مەمۇرى ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇلۇپ بولۇنغىنى ئۈچۈن، < شىنجاڭ> دېگەن بۇ نام شەرقىي تۈركىستانغا "مىراس" قالغان ئىدى. يەنى، ئەگەر بۇ رايون يۇقۇرىدا دەپ ئۆتۈلگەن بەش < شىنجاڭ > دىن بۇرۇن چىڭ سۇلالىسىنىڭ مەمۇرى ئۆلكىسىگە ئايلانغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ نامىمۇ باشقىچە ئاتالغان بولاتتى.

گەرچە مانجۇ ئىمپىراتورلۇقى بۇ زېمىنغا < شىنجاڭ > دېگەن ئىسىمنى قويغان بولسىمۇ، بۇ ئىسىمغا ئۆزلىرىمۇ كۆنەلمىگەن، تاكى چىڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغان 1911 - يىلىغا قەدەر مانجۇلار بۇ رايوننى < خۇيجاڭ>، يەنى، < موسۇلمانلار رايونى > دەپ ئاتاپ كەلگەن ئىدى.

مانجۇلارنىڭ 200 نەچچە يىل مۇستەملىكە قىلىشىغا ئۇچرىغان خىتايلار، 1911 -  يىلى دوكتۇر سۇن جۇڭسەننىڭ باشلامچىلىقىدا مانجۇ ئىمپىرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ، < خىتاي جۇمھۇرىيىتى > نى قۇردى.

جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىلا، ئىلگىرى مانجۇ ئىمپىراتورلۇقى تەرىپىدىن قويۇلغان ۋە خىتاي مىللىتى ئۈچۈن ھاقارەت ۋە مۇستەملىكە تۈسىنى ئالغان يەر – جاي ناملىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزگەرتىلگەن ۋە بۇرۇنقى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما < شىنجاڭ > دېگەن بۇ ئىسىم شۇ پېتى قېلىۋەردى.

ئەمما گو مىنداڭ ھۆكۈمېتى ئىچىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى تاكى 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىشغال قىلغانغا قەدەر < خۇيجاڭ >، يەنى، < موسۇلمانلار رايونى >، < بىيەنجاڭ >، يەنى < چەگرا رايون > دەپ ئاتاش ئادەتكە ئايلانغان ئىدى. خىتايدا < شىنجاڭ > كەلىمىسىنىڭ رەسمىي يوسۇندا ئوموملاشقان مەزگىلى دەل كوممۇنىست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىدىن كېيىن بولدى.

دېمەك، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىگلىرى ئۆز مىللىتىنى 200 نەچچە يىل مۇستەملىكە قىلغان مانجۇ ئىمپىراتورلۇقىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتا گو مىنداڭ ھۆكۈمېتىدىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن ئىدى.

  "ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم"  تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان ۋە ناھىيە دەرىجىلىك كادىرلارغىلا تارقىتىلغان، ھەتتا باشقا تىللارغا تەرجىمنە قىلىنىشىمۇ چەكلەنگەن خىتايچە، < مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدە تاللانما > ناملىق كىتاپتا بايان قىلىنىشىچە، 1955 – يىلى < شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى > قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامىنى بەلگىلەش ھەققىدە ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمېتى ئوتتۇرىسىدا جىددى تالاش – تارتىش مەيدانغا كەلگەن، سەيپىدىن ئەزىزى، ئىمىنوپ باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، < ئۇيغۇرىستان رېسپوبلىكىسى > دەپ ئاتاش تەكلىۋىدە بولغان، خىتاي تەرەپ بولسا، < شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى > دەپ ئاتاش قارارىدىن ۋاز كەچمىگەن. نەتىجىدە خىتاي كوممۇنىستلىرى، مانجۇ ئىمپىراتورلۇقى مەزگىلىدە ئۇرۇپ – سوقۇپ قويۇلغان < شىنجاڭ > دېگەن بۇ نامنى ئاخىرىدا چۆگىلىتىپ كېلىپ يەنە < ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى > دېگەن ئىسىمنىڭ ئالدىغا قوشۇۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىمپىرىيالىستىك ئەپتى - بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.

تېخىمۇ يىرگىنىشلىك يېرى شۇكى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ پىشىۋالىرىنىڭ بىرى ۋە سابىق باش مىنىستېرى جۇ ئېن لەي1957 - يىلى 8 -  ئاينىڭ 4 - كۈنى چىڭداۋ شەھرىدە چاقىرىلغان < مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى > دا قىلغان سۆزىدە، "ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلار رايونىغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن خەنزۇلارغا بولغان تەسىرىدە ياخشى تەرەپلىرىمۇ بولغان. مەسىلەن، مانجۇلار پەقەتلا نەچچە مىليون نوپوسقا ئىگە، ئەمما ئۇ قۇرغان چىڭ سۇلالىسى جۇڭگوغا 200 نەچچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى، بۇ، ئۇلارنىڭ بىڭسى بار مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ. بۈگۈن دۆلىتىمىزنىڭ خەرىتىسىنىڭ بۇنچىۋالا كەڭ بولۇشىمۇ، ئەنە شۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ مىراسىدىن ئىبارەت. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول، نوپوسى كۆپ، ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىمكى، بۇنىڭدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ تۆھپىسى بار، چىڭ سۇلالىسىنىڭ بەزى سىياسەتلىرىنىڭمۇ خەلقىمىزگە پايدىسى بار ..." دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ماھىيىتىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئوچۇقچە كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.

Hits: 998
Copyright © 2017. East Turkistan Government-in-Exile. Designed by