Wednesday April 26, 2017

Donate
News Feeds:

 

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتىنىڭ  2015-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن  16- كۈنىگىچە ياپونىيەدە ئېچىلغان يىغىنى مىللىي داۋايىمىزدىكى ئالاھىيدە بىر سەھىپە بولۇپ قالدى.

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتىنىڭ بۇ يىغىنىدا كانادا خىتاي دېموكراتىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خې جۈن ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ھەققانىي كۆرىشىگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتىنىڭ بۇ يىغىنىدا سۆز قىلغان سىياسىيون خې جۈن  ئەپەندى قىسقا ئەمما بۇ مۇھىم نۇتقىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى رەسمىي شەكىلدە قوللىغان خىتاي تارىخىدىكى تۇنجى شەخس بولۇپ قالدى.

ئىشىنىمىزكى خې جۈن ئەپەندىنىڭ بۇ نوتۇقى ئۇزاققا قالماي بارلىق خىتاي خەلقىنىڭ جۈملىدىن خىتاي سىياسەتچىلىرىنىڭ كۆز قارىشىغا ئايلىنىپ، ئارىمىزدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىمىزگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان مىللىي مۇناپىقلارغا ۋە خەلقارادىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي دۈشمەنلىرىگە قاتتىق ئېغىر زەربە بولۇپ قالىدۇ.

 

بىز شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خې جۈن ئەپەندىگە چىن قەلبىمىزدىن رەخمەت ئېيتىمىز ۋە بارلىق خىتاي خەلقىنىڭ جۈملىدىن خىتاي سىياسىيون ۋە ئالىملىرىنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىنى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتىمىزگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقىنى، ئىككى مىللەت خەلقىنىڭ تارىختىن كەلگەن زىددىيەتلىرىگە ئەمەس، ئەكسىچە دوستلۇق ۋە تەقدىرداشلىق ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى، خىتاي مىللىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا تېنچلىق، دوستلۇق ۋە ئىناق خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ يېڭىدىن ئىنشا قىلىنىشىنى ئۈمىت قىلىمىز!

Hits: 1169
Copyright © 2017. East Turkistan Government-in-Exile. Designed by