Friday May 26, 2017

Donate
News Feeds:

 

مۇشۇ يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان 12-، 13-، 14-، ۋە 15-نويابىر كۈنلىرى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتېيى ياپونىيەنىڭ باشبالىقى توكيودا ئېچىلدى. شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەركىتىنىڭ باشلامچىلىرىنىڭ بىرى،  شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيسىنىڭ ئەزاسى، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتىنىڭ سابىق جۇمھۇر رەئىسى (2004 - 2015) مۆھتەرەم ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى مۇھىم نوتۇق سۆزلىدى.

پىشقەدەم ئىنقىلاپچى، ھارماس ئۇستاز، داڭلىق سىياسەتچى ئۆزىنىڭ نوتۇقىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيەتچى سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىت قىلدى، خەلقارا جەمىيەتتىن مەزلۇم شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم قىلىشنى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەرەپتە تۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلىدى.

ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىتاپ قىلىپ كۈرىشىمىزنىڭ ھەققانىيلىقىنى، تاجاۋۇزچىلارنىڭ چوقۇم مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى، مىللىي روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ مىللىي مۇستەقىللىق يولىدا ھارماي-تالماي كۆرەش قىلىشنىڭ بىردىنبىر توغرا يول ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ياپونىيە خەلقىنىڭ مىللىي ئىنقىلاۋىمىزغا قىلغان ياردەملىرى، قوشقان تۆھپىلىرى  ئۈچۈن بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن چىڭ كۆڭلىدىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

ئەخمەت ئىگەمبەردى ۋە ئۇنىڭ ئۆمۈر سەبداشلىرىدىن ئالىم سۇلتان ماھمۇت كاشگارلى بىرقانچى يىلاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مىللي ھەركىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشتا ياش، قابىلىيەتلىك  ۋە يېڭى كۈچلەرنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.

ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىندا ئالدىنقى بىر ئەۋلات مىللىي ئىنقىلاپچىلىرىمىزغا باشلامچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېقىن سەبداشلىرىدىن مىللىي ئىنقىلاپچى،   داڭلىق ئەدىپ ۋە ئالىم سۇلتان ماھمۇت كاشگارلى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى مىللىتىمىزنىڭ قۇتسال ئامانىتى سۈپىتىدە ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئېغىر سىناقلاردىن ئۆتكەن، مىللىي ئىنقىلاۋىمىز سېپىدىكى  ياش بىر ئەۋلات ئىزباسارلارغا جۈملىدىن داۋا قوشۇنىدىكى يېڭى بىر ئەۋلات  ئاكتىپ كۈچلەرگە تاپشۇردى. 

جانابىي ئاللاھ ئۇنلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي داۋادىكى بارلىق ئۆمۈر سەبداشلىرىنىڭ تېنىنى سالامەت، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي. جانابىي ئاللاھ ھەممىمىزنى رەزىل كۈچلەرنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراتمىغاي!

Hits: 2549
Copyright © 2017. East Turkistan Government-in-Exile. Designed by