Monday December 18, 2017

Donate
News Feeds:

  

 9-ئاينىڭ 25-كۈنى نەشردىن چىققان "ياپونىيە تىنىقى" دېگەن داڭلىق ژورنالغا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى پرېزىدېنتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىم توغرۇلۇق "ئەدەبىيات ۋە مۇزىكا دۆلىتى -- شەرقىي تۈركىستان / شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسماندىن ئاڭلايلى" سەرلەۋھىلىك 8 بەتلىك چوڭ ھەجىملىك سۆھبەت ئېلان قىلىنغان. "ياپونىيە تىنىقى " ژورنىلى ياپونىيەدە تۆت تۈمەنگە يېقىن تۇراقلىق ئوقۇرمىنى بار ياپونىيەنىڭ پادىشاھى ۋە ئابې شېنزو باش مىنىستېردىن تارتىپ ياپونىيەدىكى سىياسىي زاتلارغىچە، جۈملىدىن ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت ئەزالىرى چوقۇم ئوقۇيدىغان بىر ژورنال.

ژورنالنىڭ بىرىنچى بېتىگە ياپونىيەنىڭ ھازىرقى ئاكىھىتو پادىشاھنىڭ سۆزى بىلەن سۈرىتى بېرىلگەن. 24-بەتتىن32-بەتكىچە بولسا بىزنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان رەسمىي دۆلەت نامى بىلەن ۋە شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمنىڭ سۆزى بىلەن بېرىلگەن.

بۇ ژورنال چەتئەل مېدىئاسىدا تۇنجى قېتىم ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت نامى ۋە سۈرگۈن ھۆكۈمەت پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىم بىلەن ئۆتكۈزىلگەن سۆھبەت رەسمى ھالدا بېرىلگەن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ژورنال! بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنى مۇبارەكلەيمەن!

مەزكۇر سۆھبەت "ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان دۇنياۋىي شائىر نىمە ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن دەس تۇردى؟ ئۇيغۇرلار بىلەن ياپونلاردىكى ھازىرغىچە بىز تېخى بىلمىگەن يېقىنلىق دېگىنىمىزچۇ"دېگەن سوئال بىلەن باشلىنىپ، ئاتاقلىق ژورنالىست ۋە تەھرىر ساكاموتو ئەپەندىم بىلەن ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمنىڭ بەلگىلەنگەن سەككىز تېمىدىكى سوئال-جاۋاپ خاراكتېرىدىكى سۆھبىتىدە قانات يايدۇرۇلغان.

تېمىلار:

 1. ياپونىيە ئاتاقلىق يازغۇچىسى مىشىما يۇكىئو ۋە نورۇز گۈلى

 2. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى توغرىسىدا

 3. غۇلجا ۋەقەسى ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسى ماھىيىتىدىكى ئوخشاشلىق بىلەن پەرق

 4. ئىككى يول-- مۇستەقىللىق كۈرەش يولى ۋە شائىرلىق يولى

 5. ئۆزلۈككە بولغان ئىزدىنىشنى توختاتمىغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

 6. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى پاجىئەسىنى ئاسىيانىڭ ئەتىسى قىلماسلىق ئۈچۈن

 7. ياسۇكۇنى بۇزرۇكخانىسىدا كۆرگەنلەر

 8. ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئاتوم يادرو سىنىقى

يۇقۇرىدىكى سەككىز تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان مەزمۇنى چوڭقۇر ۋە ئەھمىيەتلىك شۇنداقلا قىزىقارلىق دوستانە سۆھبەتنىڭ بىرىنچى تېمىسى"مىشىما يۇكىئو ۋە نورۇز گۈلى"دىكى سوئال-جاۋاپلار، شۇنداقلا، ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ باشلامچىسى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمگە تەسىر كۆرسەتكەن ياپونىيە يازغۇچىسى مىشىما يۇكىئو ۋە يۈرەكتە ئېچىلىدىغان گۈزەل نورۇز گۈلى ھەققىدىكى ئاساسلىق مەزمۇننى ھوزۇرىڭلارغا سۇنىمەن.

 

بىرىنچى تېما: مىشىما يۇكىئو ۋە نورۇز گۈلى

  

ساكاموتو تەھرىر: ياپونىيەگە قانچىنجى قېتىم كېلىشىڭىز؟

ئەخمەتجان ئوسمان: تۆتىنجى قېتىم كېلىشىم، ئەڭ دەسلەپتە كەلگەن ۋاقتىم 2015-يىلى 3-ئاي.

ساكاموتو تەھرىر: تۇنجى قېتىم ياپونىيەگە كەلگەن ۋاقىتتىكى تەسىراتىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ئەخمەتجان ئوسمان: مەن بۇرۇندىن ياپونىيە ئەدەبىياتىنى ياخشى كۆرەتتىم. ياپونىيەگە كېلىشتىن بۇرۇنقى ياپون تەسىراتىم ياپونىيە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىكى گۈزەل ياپونىيە ئىدى. ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى مېنىڭ ياپونىيەگە بېرىش ھەۋىسىم بار ئىدى. ياپونىيە تۇپرىقىغا دەسسىگەن ئاشۇ دەقىقىدە مەن ئۆزۈم تەلپۈنگەن ياپونىيە يازغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئويلىدىم. شۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان كىتاپلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالغاندەك ھېسسىياتتا بولدۇم.

ساكاموتو تەھرىر:سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ياپونىيە يازغۇچىسى كىم؟

ئەخمەتجان ئوسمان: ماڭا ئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن يازغۇچى مىشىما يۇكىئو،ئۆزەمنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئۇستازلىرىمنىڭ بىرى دەپ قاراپ ھۆرمەت قىلىمەن. مىشىما يۇكىئو ئەپەندىم ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۆزىنىڭ  ھاياتى ئارقىلىق ياپانىيە روھى يەنى ياماتو روھىنى ماڭا كۆرسەتتى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ياپونىيەنى، ياپونىيە روھىنى قوغداشنى بىزگە نامايەن قىلدى. مەنمۇ مىشىما يۇكىئوغا ئوخشاش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىل -مەدەنىيىتى ۋە روھى ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېغىشلاش ئىرادىسىگە كەلگەن ئادەم. شۇڭلاشقا مىشىما يۇكىئونى چوڭقۇر چۈشىنىمەن ۋە ئورتاقلىق ھېس قىلىمەن شۇنداقلا ھۆرمەت قىلىمەن.

ساكاموتو تەھرىر: مىشىما يۇكىئو ئەلەمدىمۇ، قەلەمدىمۇ تەڭ مېڭىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان يازغۇچى.

ئەخمەتجان ئوسمان: ئۇنىڭ تەسىرىدە ياپونىيەنىڭ سامۇراي روھى مېنى ئۆزىگە بەك جەلپ قىلىدۇ . ئۆزىنى يېڭىدىغان ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلالايدىغان روھ؛ غايە ۋە ئېتىقاد ئۈچۈن قورقماستىن ئالدىغا ئىلگىرىلەيدىغان روھ! مانا مۇشۇ روھلارنىڭ جۇغلانمىسى ياپونلاردىكى ياماتو روھى!

ساكاموتو تەھرىر: مىشىما يۇكىئونىڭ ئەسەرلىرىنى قايسى تىلدا ئوقۇدىڭىز؟

ئەخمەتجان ئوسمان: ئەرەبچە تەرجىمىسىنى ئوقۇدۇم. ئەرەب دۇنياسىدىمۇ مىشىما يۇكىئو ناھايىتى داڭلىق يازغۇچىلاردىن بىرى! مىشىما ئەسەرلىرىدىكى نورۇز گۈلىنىڭ تەسۋىرى كۈچلۈك بولغاچقا بىر كۈنى ياپونىيەگە بېرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن نورۇز گۈلىنى كۆرۈپ باققىم بار ئىدى. دەسلەپتە ياپونىيەگە كەلگىنىمدە بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى. مەن ئۇچىنجى ئاينىڭ ئاخىرىدا ياپونىيەگە كەلدىم، نورۇز گۈلى تولۇق ئېچىلغان پەسىل ئىكەن! ھازىرغىچە مېنىڭ قەلبىمدە ئېچىلغان نورۇز گۈللىرىنى كۆز ئالدىمدا ئەمىلىيەتتە كۆردۈم.شۇ چاغدىكى ھاياجىنىمنى تەسىراتىمنى مەن بىر كېچە-كۈندۈز سۆزلىسەمممۇ تۈگىمەيدۇ!

***

بىرىنجى تېمىنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ يەردە تۈگەيدۇ. ئەمدى ساكاموتو تەھرىر بىلەن ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەرجىمىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى توغرىلىق ، يەنى ھۆكۈمەتنىڭ رولى ۋە ماھىيىتى شۇنداقلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش زۆرۈرىيىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلىشنى خالايدىغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە تۆۋەندىكى سۆھبەت مەزمۇنىدىن جاۋاپ تاپالايسىز.

 

ئىككىنجى تېما: شەرقى تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى توغرىسىدا

 

ساكاموتو تەھرىر: يۇقۇرىدا ئەدەبىياتنىڭ كۈچى توغرىلىق سۆزلەپ ئۆتتۇق، ئەمدى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى توغرىلىق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ئەخمەتجان ئوسمان: شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە 1933-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان. 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلىرى ماۋزېدوڭ تەرىپىدىن سۆھبەتكە چاقىرىلىپ بېيجىڭغا بېرىش سەپىرىدە ئايرۇپىلان ۋەقەسىگە ئۇچراپ ھەممىسى ۋاقىتسىز قازا قىلدى. بۇ بىر سۈيقەست بولسىمۇ ھازىرغىچە سىر پېتىچە قېلىۋاتىدۇ. ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى مانا مۇشۇ مۇستەقىل بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ روھى ۋە خىتاي تەرىپىدىن سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرىۋېتىلگەن رەھبەرلەرنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا 2004-يىلى 9-ئايدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سەككىز تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يىغىلىپ قۇرۇلغان. مەن شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنجى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى.

ساكاموتو تەھرىر: تۇنجى قېتىملىق پرېزىدېنت ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ئەخمەتجان ئوسمان: ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى قېتىملىق پرېزىدېنتى ۋەتەن سۆيەر ئۇستاز ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىم ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن بېغىشلىغان ئالىجاناپ ئىنسان، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاتاقلىق زىيالىسى. 1969-يىلدىن باشلاپ 1982-يىلغىچە خىتاينىڭ تۈرمىسىدە 13 يىل ياتتى. ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن جاپا تارتتى. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن پاناھلىق تىلەپ ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتىدۇ. كېلەر يىلى 80 ياشقا كىرىدۇ. تۇغۇلغان كۈنىنى قىزغىن بىر تەبرىكلەش ئويۇم بار. ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا توكيودا ئېچىلغان 7-نوۋەتلىك يىغىنىمىزغا قاتنىشىش ئۈچۈن توكيوغا كەلدى. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا مەن سايلام ئارقىلىق پرېزىدېنتلىققا سايلاندىم.

ساكاموتو تەھرىر: سىزنىڭ ياپونىيە توكيودا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا سايلىنىشىڭىز بىر تەقدىر پىشانە بولسا كېرەك! بۇ ياپونىيە ۋە ياپونىيە خەلقى بىلەن سىزنىڭ ئوتتۇرىڭىزدىكى ئالاھىدە ۋە كۈچلۈك بىر باغلىنىشنىڭ بىشارىتى! سۈرگۈن ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىلىق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ئەخمەتجان ئوسمان: سۈرگۈن ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىنلا ئاساسى قانۇننى تۈزۈپ چىقتى. شۇنداقلا مۇستەقىللىق داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق تىرىشىپ ھەرىكەت قىلىپ كەلدى. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ماھىيىتى مۇستەقىللىق داۋاسى،شۇنداقلا مۇستەملىكىچىلەرنى بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قايتىدىن قولغا ئېلىش داۋاسى. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ ھېساپلىنىمىز. خىتاي ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىچى ۋە تېشىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقنى توختاتماي كېلىۋاتىدۇ. سۈرگۈن ھۆكۈمەت ھازىرغىچە خىتاينىڭ كۆپ قېتىم بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ كەتتى. ھازىر مانا مۇشۇ ئىشلارنى ئوڭشاش ۋە قايتىدىن رەتكە سېلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىمىز.

بىزنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشىمىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ھەر بىر ئۇيغۇر،ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ قەلبىدىكى مۇستەقىللىق نىداسىنى قايتىدىن ياڭرىتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتىدىن قولىمىزغا ئالىمىز دېگەن غايە ۋە نىشان ئۈچۈن بىر يۆنۇلۇش ۋە بىر يولنى كۆرسىتىپ بېرىش. شۇنداقلا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىرلىشىپ خەلقارا جەمئىيەتكە بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ۋەتىنىمزدىن تاجاۋۇزچىلارنى چوقۇم قوغلاپ چىقىرىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆزىمىز قولغا ئالىمىز دەپ جاكارلاش. بۇ بىزنىڭ نۆۋەتتە قىلمىساق بولمايدىغان ئىشىمىز.

ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان داۋاسىنى يېتەرلىك دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاي ئىچىدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مەسىلىسى دەپ بۇرمىلاپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق داۋاسىنى خەلقئارادىكى ئاتالمىش ئىسلام تېرورچىلىقى بىلەن باغلاپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياۋاتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان داۋاسى -- بېسىۋېلىنىپ مۇستەملىكە بولغان زېمىنىمىزدىكى خەلق دەس تۇرۇپ تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا بەل باغلىغان مۇستەقىللىقنىڭ ھەققانىي داۋاسى! ھەرگىزمۇ خىتاي بىلجىرلاۋاتقاندەك ئاتالمىش ئىسلام تېرورچىلىقى ھەرىكىتى ئەمەس ! مەن بۇ ھەقىقەتنى دۇنياغا جاكارلاپ ماڭىمەن.

***

ئىككىنجى تېمىدىكى سوئال-جاۋابلار مۇشۇ يەردە تۈگەيدۇ.  كېيىنكى سۆھبەت مەزمۇنى"غۇلجا ۋەقەسى بىلەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ماھىيەت جەھەتتىكى پەرقى ۋە ئوخشاشلىق". بۇ ئىككى ۋەقە خەلقىمىزنىڭ تېز پۈكمەس روھىنى، ئۆچمەس ئىرادىسىنى شۇنداقلا خىتاينىڭ قانخور مۇستەبىتلىقىنى دۇنياغا جاكارلىغان ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئىككى چوڭ ۋەقە! خەلقئارا مەتبۇئاتتا ئۆزىمىزنىڭ پرېزىدېنتى تەرىپىدىن رەسمىي ئانالىز قىلىنىپ بېرىلىشىمۇ تۇنجى قېتىم! غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىزگە زادى نېمىلەرنى قالدۇردى؟ تۆۋەندىكى سۆھبەت مەزمۇنىدىن كۆرۇڭ.

 

ئۈچىنجى تېما: غۇلجا ۋەقەسى ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ماھىيىتىدىكى پەرق ۋە ئوخشاشلىق

 

ساكاموتو تەھرىر: سىز قاچاندىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىدە ؟ يەنى قاچاندىن باشلاپ سىياسىي سەھنىدە؟

ئەخمەتجان ئوسمان: 2009-يىلى 7-ئايدا ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەردى، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مەن سىياسى سەھنىگە كىرىپ، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىگە قاتناشتىم. ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىلىق ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا سۆزمۇ بەردىم. ئۆتكەن يىلى بولسا، ئابىياتىن سىزگە دېگىنىمدەك، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ 7-قېتىملىق سايلىمىدا پرېزىدېنت بولۇپ سايلاندىم. ئۆتكەن يىل ۋە بۇ يىلدا ئامېرىكىدا بىر شېئىرلار توپلىمىم، ياپونىيەدە ئىككى شېئىرلار توپلىمىم نەشر قىلىندى.

ساكاموتو تەھرىر: 1997-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا  غۇلجا ۋەقەسى بولدى. ئۇرۇمچى ۋەقەسى بىلەن غۇلجا ۋەقەسىنى تەڭ مەۋقىئەدە قاراشقا بولامدۇ؟

ئەخمەتجان ئوسمان: ھەر ئىككىسى چوڭ ۋەقەلەر،لېكىن ئۇرۇمچى ۋەقەسىنىڭ سىياسىي تۈسى ناھايىتى قويۇق دەپ قارىشىمىز كېرەك.

ساكاموتو تەھرىر:چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ئەخمەتجان ئوسمان: 1997-يىلدىكى غۇلجا ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قارشىلىق ھەرىكىتى،ئۇيغۇرلاردىكى تاجاۋۇزچىلارغا ھەرگىز تېز پۈكمەيدىغان روھنى خىتايغا قايتىدىن كۆرسەتكەن ۋەقە! خىتاي ھاكىمىيىتى قوراللىق ھەربىي كۈچ بىلەن بۇ ۋەقەنى باستۇردى. 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولسا چەتئەللىكلەر تارتقان ۋېدىئولار توردا كەڭ تارقالغان بولغاچقا ھەممىمىز كۆردۇق! قوراللىق ھەربىي-ساقچىلارغا قوشۇلۇپ ئادەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىىرى قولىغا قىلىچ-پىچاق ۋە تۆمۇر- كالتەكلەرنى ئېلىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بۇ قاتىللىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دېگەن قىپقىزىل يالغاننى دۇنياغا كۆرسەتتى.

ساكاموتو تەھرىر: مەن توردا كۆرۈپ تىترەپ كەتتىم.

ئەخمەتجان ئوسمان: دېمەكچىمەنكى ، بۇ ۋەقە خىتاي ۋە ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي دۆلىتى دېگەن ناھايىتى ئېنىق چېگرا ھەممىمىزنىڭ قەلبىگە سىزىلىپ بولغان بىر ۋەقە دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ۋەقەدە ھەتتا خىتاينىڭ بىرقەدەر ياخشى ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ بىرقەدەر ياخشى ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي خەلقى ۋە خىتاي دۆلىتى بىلەن چەك-چېگرىنى ئاجراتتى ياكى ئاجراتمىساق بولمايدىكەن دېگەن ئېنىق بىر ئويغا كەلدى. ھەمىمىز شەرقىي تۈركىستانلىق ئىكەنمىز، ئۇيغۇر ئىكەنمىز دېگەننى يەنە بىر قېتىم يۈرىكىدە تونۇغان ۋەقە بولدى!

ساكاموتو تەھرىر: ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىچۇ؟

ئەخمەتجان ئوسمان: ئۇيغۇرلاردىن ئەھۋال سورىسىڭىز، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىزنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىمىز بوغۇلىۋاتىدۇ دېيىشى مۇمكىن، يەنە بەزىلىرى مەدەنىيىتىمىز ۋە تىلىمىزنى يوقىتىۋاتىدۇ دېيىشى مۇمكىن! يەنە كۆپلىگەن گۇناھسىز ئۇيغۇرلار قولغا ئېلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلىنىۋاتىدۇ، قەبىھ ئۇسۇللاردا ئۆلتۈرۈلۈپ ئىچكى ئەزالىرى سېتىلىۋاتىدۇ، ئۆز ۋەتىنىمىزدە ياشاپ تۇرۇپمۇ ئىنسانلىقىمىز چەيلىنىپ ياشاشقا ئامالسىز قالدۇق دەپ چەتئەللەرگە مۇساپىر بولۇپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار بار. ياش قىزلىرىمىز بولسا مەجبۇرىي ياكى ئالدىنىپ خىتايلار بىلەن تويلاندۇرۇلۇپ مىللەتنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن ھەركەتلەر ئېلىپ بەرىلىۋاتىدۇ.

مەسىلىنىڭ ماھىيىتى شۇكىى، ۋەتىنىمىز مۇستەملىكە قىلىنىپ تاجاۋۇزچىلارنىڭ قولىدا بولغانلىقى ئۈچۈنلا خەلقىمىزنىڭ بېشىغا مۇشۇنداق كۈنلەر كېلىۋاتىدۇ!

مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنى، ئەركىنلىكىنى،مۇستەقىللىقىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ھەق- ھوقۇقى بار. خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى بۆلگۈنچىلەر، تېرورىستلار دەپ تەشۋىق قىلىپ دۇنيانى ئالدىماقتا! ئۆز زېمىنىدىن تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىش كۈرىشى ھەرگىزمۇ تېرور ئەمەس! بۇ بىزنىڭ ھوقۇقىمىز! مەن خەلقئارا جەمئىيەتتىن بۇ ھەققانىي كۈرىشىمىز ۋە ھوقۇقىمىزنى قوغداشنى تەلەپ قىلىمەن.

***

ئۇچىنجى تېما مەزمۇنى ئاخىرلاشتى. ئەمدىكى تېما "ئىككى يول -- مۇستەقىللىق كۈرەش يولى ۋە شائىرلىق يولى (ئەخمەتجان ئوسمان شېئىر دۇنياسى)" نىڭ مەزمۇنىنى ھوزۇرىڭلارغا سۇنۇشتىن ئىلگىرى قېرىنداشلارنى ياپونىيەدىكى سۆيۈپ ئوقۇلىدىغان تور بەت "ئەخمەتجان ئوسمان دېس پرېس"كە يېزىلغان ياپونلارنىڭ ئەخماتجان ئوسمان شېئىرلىرىغا بولغان ئىنكاسىنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن،شۇنداقلا، ئەخمەتجان ئوسمان ياپونچە شېئىرلار توپلىمىنىڭ ياپونىيەدىكى ئەڭ ئاساسلىق گېزىت-ژورناللىرىنىڭ ھەممىسىدە ئوبزور يېزىلغانلىقىدىن ئىبارەت مىللەت ئۈچۈن شەرەپلىك نەتىجىلەرنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالماسلىقنى سەمىڭلارغا ahmatjanosman.jpسالىمەن! تور بەت ئادرېسى

 

تۆتىنجى تېما: ئىككى يول -- مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش يولى ۋە شائىرلىق يولى (ئەخمەتجان ئوسمان شېئىر دۇنياسى)

 

ساكاموتو تەھرىر: پرېزىدېنتنىڭ ھەر ئىككى شېئىرلار توپلىمىنى مەن قايتا-قايتا ئوقۇدۇم. شېئىرلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە مېنىڭ ئەڭ زوق ئالىدىغان شېئىرلاردىن بىرى "ئۇيغۇر قىزى لېرىكىسى"، مەن بۇ شېئىردىن ئۇيغۇرلارنىڭ قان-قېنى،تېگى-تەكتىدىن ئۇرغۇپ تۇرىدىغان گۈزەللىكنى، ئۇيغۇرلاردىكى ھەسرەتنى ۋە ئىپادىلىگۈسىز ئىزتىراپنى ھېس قىلىپ يۈرىكىم سىقىلدى. مەن ئەمدى پرېسىدېنت ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمنىڭ شائىرلىق يۈزىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىق كۆرسىتەي دېگەن ئويدا سىزدىن سوئال سورايمەن. تۇنجى شېئىرنى قانچە ياشتا يازغان ئىدىڭىز؟شېئىر يېزىشقا تۈرتكە بولغان نەرسە نىمە؟

ئەخمەتجان ئوسمان: 13 يېشىمدا يازدىم. دادامنىڭ دوستلىرىنىڭ ئىچىدە بىر شائىر دوستىمۇ بار ئىدى،دادام مەن يازغان شېئىرنى ئۇنىڭغا كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇ ماڭا شېئىر دېگەندە قاپىيە، ۋەزىن ۋە تۇراق بولىدۇ دەپ ئۆگىتىپ قويدى. مەن ئۆگەنگىنىم بويىچە شېئىرنى ۋەزىن، قاپىيە ۋە  تۇراققا چۈشۈرۈپ يازدىم. لېكىن كۆڭلۈمدە بىر كۈنى چوقۇم شېئىردىكى ۋەزىن، قاپىيە ۋە تۇراقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ "ئۆزۈمنىڭ"شېئىرىنى يازىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.

ساكاموتو تەھرىر: سىزدىكى ئىسيانكارلىق روھى كىچىك ۋاقتىڭىزدىن باشلاپ بار ئىكەندە؟

ئەخمەتجان ئوسمان: شۇنداق! ھەم ئويلىغىنىمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.

ساكاموتو تەھرىر: ئەڭ دەسلەپكى ئەسىرىڭىز"مومام ئېيتقان ھېكايە" توغرىلىق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ئەخمەتجان ئوسمان: مېنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا يازغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار ئەدەبىياتى ۋە شېئىرلىرى تۈرىگە كىرىدۇ. مەن "موما" جىق رىۋايەت-ھېكايىلەرنى بىلىدۇ، جىق نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ قويالايدۇ دېمەكچى ئىدىم. مېنىڭ ئۆزەمنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەم موماممۇ ماڭا ھېكايە ئېيتىپ بەردى. لېكىن مەن ئاساسلىقى ئانامدىن جىق ھېكايىلەرنى ئاڭلىدىم. ئانام ماڭا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چۆچەك، ئەپسانە، رىۋايەتلىرىنى جىق ئېيتىپ بەردى. ئانام ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ھېكايىلەر مېنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇمنىڭ ۋە مىللىي كىملىكىمنىڭ ئاساسى ۋە ھۇلى!

ساكاموتو تەھرىر: "گىرىم چۆچەكلىرى" گېرمانىيە تارىخىنىڭ مۇستەقىللىق روھىنىڭ جۇغلانمىسى بولالىغىنىدەك، مىللىي ھېكايە، چۆچەك ۋە رىۋايەت-ئەپسانىلىرىمىز بىزنڭمۇ مۇستەقىللىقىمىزنىڭ ئاساسىي ھۇلىنى تەشكىللەپ بېرەلەيدۇ.

ئەخمەتجان ئوسمان: شۇنداق! خەلق ئەغىز ئەدەبىياتى بىزنىڭ روھىمىز ۋە ھايات كەچۇرۇش ئۇسۇلىمىزىڭ ئاساسىي دىسەكمۇ بولىدۇ.

ساكاموتو تەھرىر: ئۆزىڭىزگە تەسىر قىلغان ھېكايىلەردىن بىرەرنى كونكىرت مەزمۇنى بىلەن دەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ئەخمەتجان ئوسمان: بۇرۇن بىر ئاكا-ئۇكا بولۇپ، ئۇلار سەپەرگە چىقىپتۇ. يول يۈرسىمۇ مول يۈرۈپ بىر ئاچىماق يولغا يېتىپ كەپتۇ. بۇ يولنىڭ بىرى بارسا كېلەر يول، يەنە بىرى بارسا كەلمەس يول ئىكەن. ئۇلارنىڭ بىرى بارسا كېلەر يولغا. يەنە بىرى بارسا كەلمەس يولغا قاراپ مېڭىپتۇ! قىزىقارلىق يېرى بۇ ھېكايە مۇشۇ يەردە تۈگەيدۇ!

ساكاموتو تەھرىر: ئاپلا، چاتاق يەردە تۈگەپ قالدى، بىراق بىزدە چاتاق يوق! يەنى ئەنسىرەش يوق! ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى سىزنىڭ سۆزىڭىزدىن ئاڭلايمىز ئەمىسە.

ئەخمەتجان ئوسمان: مەن بالىلىقىمدىن باشلاپلا بۇ ھېكايە توغرىلىق ئويلىنىپ كەلدىم. بارسا كېلەر يولغا ماڭغان ئادەمغۇ قايتىپ كېلەر، لېكىن بارسا كەلمەس يولغا ماڭغىنى نەگە بېرىپ نېمە ئىش قىلار؟ نېمىشقا بۇ يول بارسا كەلمەس يولدۇر؟ نىمىشقا بۇنداق يولنى تاللىغاندۇر؟ بۇ سوئاللار بەلكى ماڭا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىغان سوئاللار.

مەن بەلكىم ھەر ئىككى يولنى بىر ۋاقىتتا تاللاپ ماڭغان ھەم ئىلگىرىلەۋاتقان بىر ئادەم. مەن شائىرلىق يولىدا بەلكىم بارسا كەلمەيدىغان بىر يولدا كېتىۋاتىمەن! لېكىن مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش يولىدا مەن بارسا كېلىدىغان بىر يولدا ئىلگىرلەۋاتىمەن.  مەن ھازىر ئانام ماڭا دەپ بەرگەن مۇشۇ ھېكايىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك ھېس قىلىمەن.

مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش يولى نېمە ئۈچۈن بارسا كېلەلەيدىغان يول دېگىنىمدە، بىز چوقۇم بىر كۈنى مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىمىز دېگەن بۇ ئىرادە ۋە ئىشەنچ مېنىڭ ئىچىمدە تەۋرىنىپ باققىنى يوق! ۋەتىنىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ قولىغا ئالىدىغان كۈن چوقۇم كېلىدۇ! لېكىن شېئىر ۋە شائىرلىق دۇنياسىدا مەن مەڭگۈلۈك بىر سۈرگۈن يەنى سەرگاردان.

ساكاموتو تەھرىر: مەن بۇرۇنلا مۇقەددەس مۇئەللىمدىن شەرقىي تۈركىستان ئەدەبىيات ۋە مۇزىكا دۆلىتى ، ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىدا ئەجداتتىن ئەۋلاتقا قالدۇرۇلغان مۇزىكا بىلەن ئەدەبىياتنىڭ قېنى بار دەپ ئاڭلىغان ئىدىم! بۈگۈن بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىگە قايتىدىن چۈشەندىم. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەقىقەتەن چوڭقۇر ھەم قالتىس ئىكەن!

***

تۆتىنجى تېمىنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ يەردە تۈگەيدۇ. ئاخىرىدا ساكاموتو تەھرىر تەرىپلىگەن ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمنىڭ "ئۇيغۇر قىزى لېرىكىسى" ناملىق شېئىرىنىڭ بىر قىسمىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن:

 

ئوڭ قولۇڭدا كېپەنسىز قەبرىلەر

ئۇندا چۆچەك

ئولتۇرىدۇ دۇئا قىلىپ

سول قولۇڭدا بۆشۈكلەر

ئۇندا ئانا

تەۋرىتىدۇ ئەللەيلىتىپ

 

سەن كۆز يۇمساڭ

كۆتۈرىدۇ تۆت پەسىل جىنازاڭنى

يىغلاپ كېلەر تاۋۇت كەينىدە

بارچە دەرەخلەر

 

ئۇيغۇر قىزى

قەبرەڭ قۇياشتا!

 

بەشىنجى تېما: ئۆزلۈككە بولغان ئىزدىنىشنى توختاتمىغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

 

سۆھبەت مەزمۇنىغا كىرىشتىن بۇرۇن، كۆپچىلىككە ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرىيىتى توغرىلىق چەتئەللەردە بېرىلگەن باھا-ئىنكاسلارنىڭ بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي! كورىيە سېئول ئۇنىۋېرسىتىتى ئەدەبىيات پروفېسسورى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىم شېئىرىيىتى توغرىلىق "ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئۆزلۈككە تىكىلىشى" ناملىق ماقالە يېزىپ ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرىدا مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىگە يۇقۇرى باھا بەرگەن. ياپونىيەدىكى داڭلىق ئۇيغۇرشىناسلارمۇ "ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا سۈپەتسىز يازمىلار ۋە تەرجىمىلەر ئەۋج ئېلىپ كەينىگە چېكىنىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى ،ئۇيغۇر تىلىنى قەدىمقى پارلاق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سەۋىيەسىگە كۆتىرەلىگەن ۋە قەدىمقى شانلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى،ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرىسىدىكى قانالنى تۇتاشتۇرغان ئۇلۇغ شائىر " دەپ باھا بەرگەن! ساكاموتو تەھرىر ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىم توغرىسىدىكى خەلقئارالىق باھالارنى ناھايىتى ياخشى بىلگەچكە ئۆز ئەدەبىياتىمىز توغرىلىق بىلىشكە تېگىشلىك بۇ چوڭقۇر سوئال-جاۋاپ مەزمۇنى مەيدانغا كەلدى (تەرجىماندىن).

ئەخمەتجان ئوسمان: ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە كۆپ خىل دىنلارنىڭ رەڭگارەڭ ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ جەۋھىرىنى ئۆزىگە قالدۇرغان بىر ئۇيۇلما! يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادا قەدىمدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن تۈرك قەۋملىرى مەدەنىيىتىگە ،پارىس ، ھىندىستان ۋە ئەرەپ ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قاتارلىق ئەتراپتىكى مەدەنىيەتلەر ئېقىپ كىرىپ قوشۇلغان. دىنىي جەھەتتىن بولسا شامانىزم، بۇددىزم ۋە ئىسلامدىن ئىبارەت ھەر خىل دىنلار تەسىر قىلغان كۆپ قاتلاملىق بىر ئۇيۇلما.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھازىرغىچە ئۆزلۈككە بولغان ئىزدىنىشنى توختىتىپ باقمىغان بىر ئەدەبىيات. ئۆزىگە بولغان ئىزدىنىش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم تېما، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا غەرب ۋە شەرق ئەدەبىياتىنىڭ ئامىللىرى كۆپلەپ تەسىر قىلدى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ ئۇلاردىكى ياخشى ئامىللارنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ ئالدى. لېكىن ئۆزىگە بولغان ئىزدىنىش روھى ئۆزگەرمىدى. بۇ روھ ئۆزىگە ئۆزى سوئال قويۇش ۋە ئوزىدىن جاۋاپ تېپىش روھى.

ساكاموتو تەھرىر: بىز ياپونلارمۇ "ياپونلۇقلار نەزەرىيىسى"نى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز ۋە قوغلىشىمىز. شۇنداقلا بىز زادى كىم؟ ياپونلۇقلار نەدىن كەلگەن دېگەن سوئالنى داۋاملىق ئۆزىمىزگە قويۇپ تۇرىمىز. بۇ جەھەتتىن ئورتاقلىقىمىز بار ئىكەن.

ئەخمەتجان ئوسمان: ھەئە،مىشىما يۇكىئونىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىمەن.

ساكاموتو تەھرىر: پرېزىدېنتنىڭ شېئىرلار توپلىمىدا كائىنات،ئاي،يۇلتۇز،شامال قاتارلىق تەبىئەت كۆپ تەسۋىرلىنىدۇ. تەبىئەت بىلەن ئىناق ئىجىل بولۇپ بىر گەۋدىدە ياشاشمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ياپونلاردىكى يەنە بىر ئورتاقلىق دەپ ھېس قىلدىم.

ئەخمەتجان ئوسمان: ئۇيغۇرلار ۋە ياپونلاردا ناھايىتى يېقىن بىر مەدەنىيەت بار. مېنىڭ ئىسې بۈيۈك ئىلاھ سارىيىغا بېرىپ كۆرۈپ باققۇم بار. چۈنكى ياپونىيە شۇ يەردىن باشلانغان.

ساكاموتو تەھرىر:چوقۇم بارايلى. ئىسە ئارىلى گ 7 دۆلەت باشلىقلىرى باش قوشۇش يىغىنىغا كەلگەن پرېزىدېنتلارمۇ باردى ھەم ئىسې بۈيۈك ئىلاھ سارىيىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن  ماسلىشىش،تېنچلىق،جىمجىتلىق دېگەن سۆزلەرنى قالدۇردى.

ئەخمەتجان ئوسمان: سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ مېنىڭ تېخىدىنمۇ بارغۇم كەلدى.

ساكاموتو تەھرىر: چوقۇم بارىمىز! شېئىرلىرىڭىزدا سازمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى مۇزىكا توغرىلىق مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز.

ئەخمەتجان ئوسمان: ئۇيغۇرلار مۇزىكىنى سۆيىدىغان، مۇزىكا ئىچىدە ياشايدىغان مىللەت. ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ زېمىنى،تەبىئەت،تارىخى ۋە سەنئىتى ھەتتا سىياسىينىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مۇزىكىسى تۇغۇلۇپ ۋايىغا يېتىدۇ. بىزنىڭ مۇزىكىمىزنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ بارلىقىمىز، تەجرىبىمىز ، ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىمىز، ھەسرىتىمىز، سويگۈمىز ۋە خوشاللىق،ئۈمىد-ئارزۇلىرىمىز ئەكس ئەتكەن.

مۇزىكىمىزدىمۇ ئەدەبىياتىمىزغا ئوخشاش ئۆزلۈكىمىزگە بولغان ئىزدىنىش مۇھىم بىر تېما. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىدىن ئۇيغۇرغا خاس ئۆزگىچە بىر مۇڭ ياڭراپ تۇرىدۇ. بۇ ئۆزلىكىمىزدىكى مۇڭ، ئۇيغۇرلۇقىمىزدىكى مۇڭ. بىز دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولساقمۇ ئۆزىمىزنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىساق ئۆزلۇكىمىزدىكى مۇڭنى، تارىخىمىزنى شۇنداقلا ئۆزىمىزنى ھېس قىلىمىز. ھازىرىمىزنى ئويلاپ كېلىچىكىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز. مەن ياپون مۇزىكىلىرىنى ئاڭلىساممۇ ناھايىتى تونۇش بىر مۇڭنى ھېس قىلىمەن. بۇ ئوخشاشلىقنى تەرىپلەشكە ھېس قىلىشقا تىل كېرەك ئەمەس. بۇ يۈرەكتىن تونۇيدىغان ھېس-تۇيغۇ! شۇڭلاشقا مەن ياپون ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بىرمىكىن دېگەن قاراشنىڭ ئاساسى بار دەپ ئويلايمەن.

ساكاموتو تەھرىر:بىز ياپونلارنىڭ قېنىدىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ قېنى ئاقىدۇ ، بىز شۇ يەردىن شەرققە كۆچكەن. بۈگۈن مەن پرېزىدېنتنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋېتىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېقىملىق رېتىمىدىن، ئىللىقلىقىدىن ناھايىتى ھوزۇرلاندىم. شۇنداقلا يۈرىكىمدە بىر تونۇشلۇق ھېس قىلدىم. سۆزلىرىڭىزدىن بولسا ئىنسانلارنىڭ بەختى ئۆز مىللىتىنىڭ روھى بىلەن بىللە ياشاش دېگەن بىر سىگنالنىمۇ ھېس قىلدىم. ئۆزلۈككە بولغان ئىزدىنىش دېگەن سۆزىڭىزدىن يەنە ئۇيغۇرلار ئۆزىدە ئۇيغۇرلۇقنى ھېس قىلغان چاغدىكى، ياپونلار ئۆزىدىكى مەن نەگە بارسام ياپون دېگەننى ھېس قىلالىغان چاغدىكى تۇيغۇ ھېسسىياتنىڭ نېمىلىكىنى چوڭقۇرلاپ چۈشەندىم ھەمدە بۇ بايقاشنىڭ چوڭ بىر خوشاللىق ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

ئەخمەتجان ئوسمان: دەل شۇنداق،خىتايدىكى چوڭ مىللەتچىلىك مانا بۇ ئۆزلۈكنى ئىزدەشنى بوغىدۇ ۋە يول قويمايدۇ.

ساكاموتو تەھرىر: خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى مىللىي كىملىكنى يوقىتىغان ۋە ئادەملەرنىڭ ھاياتىنىڭ ياشاش مەنىسىنى ئاياق ئاستى قىلىدىغان قىلمىش! ھەرگىز يول قويساق بولمايدۇ!

ئەخمەتجان ئوسمان: ۋەتىنىمدە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىلا ئەمەس ئۇيغۇر تىلىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. شۇنداق سىياسەتلەر ئاشكارا يولغا قويۇلىۋاتىدۇ. ئېچىنىشلىق ھەم ناھايىتى غەزەپلىنەرلىك بىر ئەھۋال. ۋەتەن ئىچىدە تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىنى قوغداپ ساقلاپ قېلىش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. خىتاي بۇنىڭغا قەتئى يول قويمايۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە باشقا ساھەدىكىلەرمۇ چەتئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۇرىۋاتىمىز.

ساكاموتو تەھرىر: ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى،ئەنئەنىنى ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن پرېزىدېنت ۋە سۈرگۈن ھۆكۈمەت ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار قوغداپ ساقلاپ ماڭامسىلەر؟

ئەخمەتجان ئوسمان: چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ بۇ ناھايىتى قىيىن ۋە مۇھىم بىر مەسىلە. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جۇملىدىن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى قوغداپ ساقلاپ مېڭىشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى دەپ قارايدۇ.

***

بەشىنجى تېما مۇشۇ يەردە تۈگەيدۇ. ئەمدى "شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى پاجىئەسىنى ئاسىيانىڭ ئەتىسى قىلماسلىق ئۈچۈن "، "ياسۇكۇنى بۇزرۇكخانىسىدا كۆرگەنلەر"، "ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئاتوم سىنىقى" قاتارلىق ئۈچ مەزمۇن ( قىسقا مەزمۇنلار بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ۋاقىتتا بېرىلىدۇ) ناھايىتى مۇھىم مەزمۇنلۇق تېمىلار. ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ مۇستەقىللىقى ئاسىيانىڭ جۈملىدىن ياپونىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى تېنچلىقى ۋە مۇستەقىللىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.  ياپونىيە ۋە ياپونلۇقلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا قانداق قاراشتا؟ جاۋابىنى تۆۋەندىكى سۆھبەت مەزمۇنىدىن بىلەلەيسىز. بۇ سىز ئۈچۈن ، مەن ئۈچۈن، ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۈچۈن مۇھىم!

ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ تېمىنىڭ مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن يەتتىنجى تېمىدىكى "ياسۇكۇنى بۇزرۇكخانىسىدا كورگەنلەر "توغرىلىق ئىككى چۇشەندۇرۇش بېرىپ ئۆتىمەن.

بىرىنجىسى، بۇ قېتىملىق ياسۇكۇنى بۇزرۇكخانىسىغا بولغان ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمنىڭ زىيارىتى ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلات ياپون قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن شەرقى تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىم سالاھىيىتى بىلەن رەسمىي ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شۇنداقلا ئايرىم ھالدا رەسمىي كۈتىۋېلىشقا ئېرىشتى. بۇزرۇكخانىنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۈتىۋېلىش مېھمانخانا ئۆيىدە ئايرىم كۈتىۋېلىنىپ ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى ۋە مەخسۇس خادىملار تەرىپىدىن بۇزرۇكخانە ئىچى ئايلاندۇرۇلۇپ چۈشەندۈرۈلدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياپون قۇرۇلتىيى ۋە ياسۇكۇنى بۇزرۇكخانىسىغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن.

بۇ ئالاھىدە رەسمىي كۈتىۋېلىشنى بۇ يەرگە يازغىنىم قېرىنداشلارغا ياپونىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى ۋە پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمگە بولغان ھۆرمىتى ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا بولغان ھۆرمىتى ۋە قوللىشى دېگەننى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.

 

 

 (سۈرەتتە: ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى ياسۇكۇنى بۇزرۇكخانىسى ئالاھىدە مېھمانلارنى كۈتىۋېلىش ئۆيىدە پرېزىدېنتلار دەپتىرىگە ئىمزا قويىۋاتىدۇ)

 

ئىككىنجىسى، خىتاي ياپونىيە-خىتاي ئۇرۇشى توغرىلىق ئۆزىگە پايدىلىق گەپنىلا قىلىپ كەلدى. ياسۇكۇنى بۇزرۇكخانىسى ھەرگىزمۇ خىتاي بىلجىرلىغاندەك ئاتالمىش"ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى"نىڭ مازارلىقى ئەمەس، بەلكى ياپونىيە ئۈچۈن شېھىت بولغان قەھرىمانلارنىڭ قەۋرىستانلىقى!

 خىتاي ئەلمىساقتىن تارىخنى ئۆزىگە پايدىلىق قىلىپ بۇرمىلاپ ياساپ كەلدى. مەسىلەن: مەن ياپونىيەگە كېلىپ تۇنجى قېتىم يىپەكنىڭ بىزنىڭ خوتەندىن خىتايغا ئاندىن ياپونىيەگە كەلگەنلىكىنى بىلدىم. شۇنداقلا ئەتلەسنىڭ بۇ تارىخنىڭ شاھىتى ئىكەنلىكىنى ياپونىيەنىڭ دۆلەتلىك مۇزېيخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ قەدىمىي خوتەن ئەتلىسىدىن بىلدىم. خىتاينىڭ كىتاپلىرىدىن ئۆگەنگەن بىزگە يىپەكنى تاڭ سۇلالىسى مەلىكىسى غەربىي يۇرتقا بارغاندا غوزىنى چېچىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ ئېلىپ بارغان دېگەن ھېكايىنىڭ قىپقىزىل بىر ئويدۇرما دۆلەت يالغانچىلىقى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىنتايىن غەزەپلەندىم.

ياسۇكۇنى بۇزرۇكخانىسى ۋە باشقا خىتايدا ئۆگەنگەن تارىخلار توغرىلىقمۇ مەن قېرىنداشلىرىمنىڭ سوئال بەلگىسى قويۇپ ئېنىقلاپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

ئالتىنجى تېما: شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنىنى ئاسىيانىڭ ئەتىسى قىلماسلىق ئۈچۈن

 

ساكاموتو تەھرىر:سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى قازاقىستان، ئۆزبەكىستان،قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر مۇستەقىل بولدى. ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش تۈرك مىللەتلىرى،ئۇيغۇرلار تېخىچە مۇستەقىل بولمايۋاتىدۇ. سەۋەب نەدە؟

ئەخمەتجان ئوسمان: ئۆز ۋاقتىدا چارروسىيە ۋە بۈيۈك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى ئۇيغۇر زېمىنىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىپ خىتايغا يان باسقان. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە بۈيۈك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى ھازىر جاھانگىرلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تونۇپ يەتتى، يەنى دېموكراتلاشتى. خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تېخىچە مۇستەقىل بولمىغىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تاجاۋۇزچى دۆلەت خاراكتېرىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ۋە مەدەنىيەتسىز ، قالاق دەۋردىن قالغان مۇستەبىت بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشىرىسىنى دۇنياغا ئاشكارىلايدۇ.

خىتاي ھاكىمىيىتى ۋەتىنىمىزنى بېسىۋېلىپ زېمىن ۋە بايلىقىمىزنى تالان-تاراج قىلىپلا قالماي يەنە ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن قانخور قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ، ئىننسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى!

ساكاموتو تەھرىر: خىتاي ھازىرغىچە 70 يىل بۇرۇن ياپونىيە خىتاينى بېسىۋالغان ئىشلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بىزنى ئەيىپلەيدۇ.  ئۇ بۇرۇنقى ئىش ، ھازىرقى ياپونىيە دېموكراتىك ۋە تېنچ دۆلەت. خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتلەرنى بېسىۋېلىغلىق تاجاۋۇزچى!

ئەخمەتجان ئوسمان: تېخى تاجاۋۇزچىلىق قولىنى جەنۇبىي دېڭىزغا ئۇزىتىۋاتىدۇ.

ساكاموتو تەھرىر: توغرا، شۇنداق قىلىۋاتىدۇ!

ئەخمەتجان ئوسمان: شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنىنى ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەتىسى قىلماسلىق كېرەك! خىتاي كېڭەيمىچىلىكى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىغا قەتئى يول قويماسلىقىمىز لازىم! شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستانننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا بىلدۈرمىسەك بولمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە ئاسىيانىڭ تېنچلىقى ۋە دېموكراتىيىسى مۇقىملىقىدا ئاساسلىق رول ئوينايدىغان ياپونىيە دۆلىتىدىن مەن ھەقىقىي مەيداندا تۇرۇشتا چوڭ ئۇمىد كۈتىمەن.

 

يەتتىنجى تېما: ياسۇكۇنى بۇزرۇكخانىسىدا كۆرگەنلەر

 

ئەخمەتجان ئوسمان: ئۇيغۇرلار ۋە ياپونلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىشەنچ مەھمۇت قەشقەرىي ياشىغان قاراخانىلار دەۋرىدىن باشلاپ بۇزۇلۇپ باقمىدى. 1933-يىلى ۋە 1944-يىلدىكى ئىككى قېتىملىق مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قۇرۇلىشىدىمۇ ياپونىيەنىڭ تەسىرى بار. مەسىلەن، بىزنىڭ ئۇيغۇر گېنېرال ماھمۇد مۇھىدى ئۆز ۋاقتىدا ياپونىيەگە كەلگەن. ھازىرقى توكيو تاما قەۋرىستانلىقىدا ماھمۇد مۇھىدى بىلەن بىللە ياپونىيەگە كېلىپ تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىسى بار.

ساكاموتو تەھرىر: مۇشۇنداق مۇھىم ئۇيغۇر-ياپونىيە تارىخىي ۋەقەلىرىگىمۇ سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. سوئالىمنى ئۆزگەرتەي: ياسۇكۇنى بۇزرۇكخانىسىدىن ئالغان تەسىراتىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ئەخمەتجان ئوسمان: تۇنجى قېتىم بېرىشىم، ياسۇكۇنى بۇزرۇكخانىسى ئۇرۇشتا ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى بېغىشلىغان قۇربانلارنىڭ روھى ئۈچۈن سېلىنغان مۇقەددەس بۇزرۇكخانا ئىكەن. بۇ يەردە كۆرگەزمە قىلىنغان قەھرىمانلارنىڭ ئاخىرقى خېتىنى ئوقۇپ ئۇلارنىڭ ۋەتەن مىللەتكە بولغان يۈكسەك سۆيگۈسىدىن ۋە ئالىجاناپ ئۆزىنى پىدا قىلىش روھىدىن قاتتىق تەسىرلەندىم. مەن بۇ يەردىكى ۋەتىنى ۋە مىللىتىنى دەپ ھاياتىنى تەقدىم قىلغان روھلارغا دۇئا قىلىمەن، ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇيغۇرلاردىمۇ ۋەتەن مىللىتى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان قەھرىمانلارنى "شېھىد"دەپ ئالاھىدە ھۆرمەتلەيمىز. بۇ يەردىكى ياپونىيە ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان شېھىدلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان شېھىدلارنىڭ روھى مەڭگۈ ياشايدۇ ۋە بىزنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىمىزنى يۆلەيدۇ.

 

سەككىزىنجى تېما: ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئاتوم يادرو سىنىقى

 

ساكاموتو تەھرىر: ئەڭ ئاخىرىدا ياپونىيە ئوقۇرمەنلىرىگە دەيدىغانلىرىڭىز بارمۇ؟

ئەخماتجان ئوسمان: ئاخىرىدا ياپون قۇرۇلتىيىدىكى بارلىق دوستلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۇرىمەن! مەن كۈزدە يەنە ياپونىيەگە كېلىمەن. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر زېمىنىدا ھازىرغىچە كۆپ قېتىم ئاتوم يادرو سىنىقى ئېلىپ باردى. مەن بۇ ئاتوم سىنىقىدا ۋەتىنىم ۋە خەلقىم قانداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، بۇ توغرىلىق ياپونىيەدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچماقچى. ياپونىيە خەلقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاتوم زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قېرىنداش خەلق. خىتاينىڭ ۋەتىنىمدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئاتوم سىنىقى 1964-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلدى. ئەڭ ئاخىرقى ئاتوم سىنىقى 1996-يىلى. مەن 10-ئاينىڭ 16-كۈنىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇسىبەت كۈنى دەپ ئېلان قىلىپ، يۇنېسكونىڭ ئەس مىراسى قىلىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنىمەن. شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدا ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رەسمىي تۈردە خىتاي ھاكىمىيىتىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تۆلەم تۆلەش ئەرزىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنىمەن.!

ساكاموتو تەھرىر:ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ھېروشىماغا كەلدى،خەۋىرىڭىز بار.

ئەخمەتجان ئوسمان: شىجىنپىڭمۇ لوپنۇرغا بېرىپ گۇناھىنى تىلىشى كېرەك! خىتاينىڭ يادرو تەھدىتىنى ياپونىيەدىن باشلاپ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ بىلدۈرۈپ مېڭىش ۋاقىت-سائىتى كەلدى! ياپونىيەلىك دوستلارنىڭ كۆپلەپ يىغىنغا كېلىشىنى ئۈمى قىلىمەن.

ساكاموتو تەھرىر: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتوم يادرو زىيانكەشلىك مەسىلىسىمۇ قوشۇلۇپ، خىتاي ھەقىقەتەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ دۈشمىنى. ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ ئاسمىنىغا قارايدىغان كۈنلەرنىڭ تېزراق يېتىپ كېلىشىنى چىن قەلبىمدىن تىلەيمەن. بۈگۈن سىزگە كۆپ رەھمەت!

***

"ياپونىيە تىنىقى" ژورنىلىغا چىققان ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىم بىلەن بولغان سۆھبەت مەزمۇنىنىڭ تولۇق تەرجىمىسى مۇشۇ يەردە تۈگەيدۇ. دوستلارنىڭ ئوقۇپ بەرگىنىگە رەھمەت!

 

 -- نۇر مۇقەددەس تەييارلىدى.   

 

Hits: 2161
Copyright © 2017. East Turkistan Government-in-Exile. Designed by