Tuesday March 28, 2017

Donate
News Feeds:

 

1964-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ 1996-يىلغىچە بولغان 32 يىلدا، خىتاي ھۆكۈمېتى شەرقىي تۈركىستان لوپنۇردا ئاتوم سىناقلىرى ئېلىپ باردى. خىتاي ھۆكۈمېتى 46 قېتىم سىناق قىلدۇق دەپ رەسمىي ئېلان قىلغان بولسىمۇ،كىچىك تىپتىكى سىناقلارنىمۇ قوشقاندا ئاتۇم سىناقلىرىنىڭ سانى 50 قېتىمدىن ئاشىدۇ.

Read more: مۇراجىئەتنامە

 

Kırım Türkleri Kültür ve Yardımlaşma Derneği’nde, Sürgünde Doğu Türkistan gerçeği küresel açıdan önemi ve temel sorunları masaya yatırıldı.

Doğu Türkistan Sürgün Hükümeti Başbakanı ve Türkçe Konuşan Ülkeler Uluslararası Gazeteciler Derneği (TKÜUGD) Başkan Vekili İsmail Cengiz, yoğun katılımın olduğu konferansta tarihsel gelişimi içinde Doğu Türkistan davasının anlattı. Kırım Türkleri Kültür ve Yardımlaşma Derneği İstanbul Şubesi Başkanlığı tarafından düzenlenen konferansa, Kırım Türkleri Kültür ve Yardımlaşma Derneği İstanbul Şubesi Başkanı Celal İçten, Terekeme-Karapapak Türkleri Derneği Başkanı Engin Aybirdi, Başkan Yardımcısı Mustafa Yıldız, Genel Sekreter Ferhat Uzuncayir, Kazak Türkleri Eğitim ve Araştırma Derneği Başkanı Serkan Dinçtürk, Türkmeneli İnsan Hakları Derneği Başkanı Savaş Avcı, Nogay Türkleri Derneği Başkanı Veysel Demir, Bulgaristan Türklerinden Eğitimci Nesrin Kıratlı ile Doğu Türkistan Sürgün Hükümeti Başbakan Yardımcısı Yakup Can katıldı. Konferansta, Doğu Türkistan’da yaşanan sorunların çözümü için Çin yönetimi yetkililerini diyalog konferansları düzenlemeye davet eden İsmail Cengiz, Pekin Hükümeti’ne Kırım Türkleri meselesinde Rusya’ya karşı tavır koyma çağrısında bulundu

“YAŞAM MÜCADELESİ VERİLİYOR”

Cengiz, “1949 yılında Komünist Çin’in egemenliğine giren Doğu Türkistan, Türklerin anayurdu olarak bilinen coğrafyanın merkezini oluşturur. Divan-ı Lügat-it Türk’ün yazarı Kaşgarlı Mahmut’un, Kutadgu Bilig’in yazarı Yusuf Has Hacip’in, Ali Şir Nevai’nin memleketi, İslamiyet’i ilk kabul eden Abdülkerim Saltuk Buğra Han’ın hüküm sürdüğü, Çin’in kuzey-batısında yer alan bölgede çoğunluğunu Uygurların oluşturduğu 30 milyon Müslüman Türk yaşam mücadelesi vermektedir. Dini ve milli kimliklere yönelik baskıların devam etmesi ile bu defa bölgenin kuzeyindeki sayıları 1 milyon 200 bin civarında olan Kazak Türkleri Osman Batur liderliğinde ayaklanır. Güney’de Uygurların da ayaklanmasıyla 1944 yılı Kasım ayında Gulca’da Ali Han Töre liderliğinde ikinci defa “Doğu Türkistan Cumhuriyeti” kurulmuştur. Dini ve milli açıdan hem Türkiye olarak hem de diğer Bağımsız Türk cumhuriyetleri olarak yakından ilgilenmemiz gereken, sahiplenmemiz gereken bir vatan parçasıdır. Çünkü bugün Doğu Türkistan’a hakim olan “Sarı Tehlike”nin esas hedefi, yakın gelecekte Sibirya ve Kazakistan üzerinde kuracağı “nüfus hakimiyeti” ile “küresel lider” olmak ve dünyayı yönetmektir.Bölgedeki Türklerin temel arzusu ise, kendi topraklarında örf-adetleriyle, inançlarıyla, dini ve milli kimlikleriyle insanca ve özgürce yaşayabilecekleri bir ortamın hazırlanmasıdır. 2004 yılında kurulan Doğu Türkistan Sürgün Hükümeti de dünya barışı için, bölgenin huzuru için, insani sorunların çözümü noktasında Ankara’nın desteğiyle elini taşın altına koymaya hazırdır” dedi.

 

İsmail Cengiz’e konferansın ardından Kırım Türkleri Kültür ve Yardımlaşma Derneği İstanbul Şubesi adına Timur Berk tarafından katılım beratı ve Kırım Tatar bayrağı takdim edildi. Derneğin konferans salonunda gerçekleştirilen toplantının ardından Merhume Emine Hacıoğlu anısına ikram yapıldı.

 

 

ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمنىڭ ياپونچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىككى شېئىرلار توپلىمى "ئاھ، ئۇيغۇر  تۇپرىقى" ۋە "ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى" نەشردىن چىققاندىن كېيىن ياپونىيەدىكى ھەرقايسى نوپۇزلۇق گېزىت-ژورناللاردا بەس -بەس بىلەن ئوبزور ۋە باھالار يېزىلماقتا.

بۇ قېتىم، "كاناگاۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوبزورى" دېگەن نوپۇزلۇق ۋە چوڭ ھەجىملىك كىتاپ ژورنىلىنىڭ 2015 -يىلى يىل ئاخىرىلىق 82-سانىغا ياپونىيە شېئىرىيىتىگەۋەكىللىك قىلىدىغان داڭلىق شائىرە ھورىبا كيوكو خانىمنىڭ ئوبزورى بېسىلغان.  ياپونلۇق دوستلىرىمىز ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىلۋېلىنغان بىز زېمىن ئىكەنلىكىنى، مۇستەقىل بولۇشى كېرەكلىكىنى ھەققانىيەت مەيدانىدا تۇرۇپ قوللايدۇ. ھورىبا خانىم مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمگە بولغان ھورمېتى ھەم ئوخشاش شائىر بولغانلىقى ئۈچۈن ۋەتىنىدىن ئايرىلغان بىرسەپدىشىغا بولغان ئۆزىنىڭ ھەقىقي ھېسسىياتىنى بۇ ئوبزورغا سىڭدۇرىۋەتكەندەك ھېس قىلدىم.

" ئاھ، ئۇيغۇر تۇپرىقى" غا باھا

ھورىبا كيوكو

ئۇيغۇر شائىرنىڭ شېئىرلار توپلىمى ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم ياپونچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. كانادانىڭ تورونتو شەھرىدە تۇرۇشلۇق شائىرنىڭ ئەسەرلىرى ئۆز ئانا ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان (خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى)دا نەشر قىلىنىشتىن چەكلەنگەن! لېكىن ، شائىر ئۆزى قەتئىيلىك بىلەن جاكارلايدۇ: "ھازىرقى دەۋرنى ھەقىقىي ياشاپ ماڭالىساقلا ، چوقۇم ئەركىن بولالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىپ شېئىر يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم"، "دىن ، ئىرق ۋە چېگرا-پاسىللاردىن ھالقىپ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ماھىيىتى ۋە ئەركىنلىكنى كۈيلەپ شېئىر يېزىپ كەلدىم".

توپلامنى ۋاراقلىساق، "ئاي"، "دېڭىز''، "ئېسىنى يوقاتقان قۇياش" قاتارلىق شېئىر ۋە مىسرالار ناخشا ساداسى بولۇپ قۇلىقىمىزغا ئاڭلىنىدۇ.

"مەڭگۈلۈكنىڭ قولۋىقى" دېگەن تېمىدىكى شېئىرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇناي:

 

نە سۇ

نە ھاۋا

نە توپا

نە ئاتەش...

ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچى ئارىسىدىن

كۆتۈرۈلگەن ھەسەن -ھۈسەن ئاستىدىن

مەڭگۈلۈكنىڭ قولۋىقى ئۆتەر

 

ياش ۋاقىتلىرىمدا، مەن لوپنۇر كۆلىنىڭ تىلسىملىرىغا ئىنتىلگەن. تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى يوللىرى ئارقىلىق غەرپنىڭ ماللىرى تۆگە كارۋانلىرى ئارقىلىق يۆتكەلگەن يىپەك يولى ، بىز ياپونىيەلىكلەر ئۈچۈن چۈش ۋە ئارزۇلۇرىمىز كېلىدىغان يول ئىدى. لېكىن ھازىر شۇ يەرنى ئاتۇم يادرو سىناقلىرى پارتلاتتى... خىتاينىڭ يېرىدا ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ زېمىنىنى...!

لوپنۇر ئەتراپىدىكى مالەن دېگەن جايدا، 1964-يىلدىن باشلاپ 46 قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىلدى.  ئەتراپتا ئولتۇراقلىق ئاھالىلەر ناھايىتى پاجىئەلىك غەيرى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولدى.

مەندەك سىياسەتنى بىلمەيدىغان بىر ئادەم قارىسىمۇ، جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن بولامدۇ، مەدەنىيەت ياكى ئىرق جەھەتتىن بولامدۇ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مۇستەقىل بولۇشى تەبىئى بىر ئەھۋال! لېكىن بەزى دۆلەتلەر ئۆزىنى كېڭەيتىش بىلەن ئاۋارە. شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت يەر ئاستى بايلىقلىرى مول بولغاچقا خىتاي ئاسان قويىۋەتمەيدۇ دېگەن گەپلەرمۇ بار!

مۇستەقىللىق ئىرادىلىرى باستۇرۇلۇپ، بەك جىق ئادەملەر تۈرمىگە تاشلاندى. ئىسلام دىنى چەكلىنىپ، قۇرئان ئوقۇغان بىر ياش تۇتىۋېلىنىپ پۈتۈن بەدىنى كۆك يارا ھالەتتىكى جەسەت بولۇپ قايتۇرۇلدى. دەردتىن ساراڭ بولاي دېگەن ئانىسىغا "ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى" دېگەن قەغەزغە مەجبۇرىي قول قويدۇرۇلۇپ ،ئەتىسىلا كۆمۈۋېتىلدى! بۇ - بىر ياپونىيەلىك تەتقىقاتچىنىڭ دوكلاتى. سوزلەش، يېزىش ئەركىنلىكىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس!

 ئون تۆت يېشىدا تۇنجى شېئىرىنى ئېلان قىلغان تالانتلىق شائىر، ئۇيغۇر ۋە ئەرەب تىللىرىدا 9 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلدۇرغان.  ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن يىراقتىكى يات يۇرت تورونتودا ياشىشى ھەم ئۆز ۋەتىنىدە شېئىر توپلاملىرىنىڭ چەكلىنىشى يۇقارقى ئىشلار بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.

قانداقلا بولمىسۇن، دۇنيانىڭ نەرىدە ياشىمىسۇن، شائىر كۆكتە باقىدىغان ئاي، تەڭرىتاغنىڭ چوققىلىرىدىن ھالقىغان ئاشۇ ئاي، شائىرنىڭ يۈزىنى سىلاپ ئۆتىدىغان شاماللار ، ۋەتىنىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقلىرىدىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ ھىدلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزىدىغان ئاشۇ شاماللار... كىتاپنىڭ ماۋزۇسى بولغان" ئاھ،ئۇيغۇر تۇپرىقى" دېگەن مۇشۇ  سۆز شائىرنىڭ قەلبىنى بىزگە يەتكۈزۈپ، ئوقۇرمەنلەرنى مەس قىلىدۇ. 

ئەمىلىيىتىمىزدىكى توساقلاردىن ھالقىغان شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئەركىنلىك ئۇيغۇر روھى بىلەن ياپون روھى ئارىسىدا گۇزەل ھەم مەڭگۇلۇك بىر ھەسەن- ھۈسەن كۆۋرۈكى سالدى.

 Kırım Türkleri Kültür ve Yardımlaşma Derneği’nde, Sürgünde Doğu Türkistan gerçeği küresel açıdan önemi ve temel sorunları masaya yatırıldı.Doğu Türkistan Sürgün Hükümeti Başbakanı ve Türkçe Konuşan Ülkeler Uluslararası Gazeteciler Derneği (TKÜUGD) Başkan Vekili İsmail Cengiz, yoğun katılımın olduğu konferansta tarihsel gelişimi içinde Doğu Türkistan davasının anlattı.

  Read more...

 ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمنىڭ ياپونچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىككى شېئىرلار توپلىمى "ئاھ، ئۇيغۇر  تۇپرىقى" ۋە "ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى" نەشردىن چىققاندىن كېيىن ياپونىيەدىكى ھەرقايسى نوپۇزلۇق گېزىت-ژورناللاردا بەس -بەس بىلەن ئوبزور ۋە باھالار يېزىلماقتا

 Read more...

Copyright © 2017. East Turkistan Government-in-Exile. Designed by