Sunday August 20, 2017

Donate
News Feeds:

 

مېنىڭ پەرىزىمچە، دۇنيادا ئۆز ۋەتىنىنىڭ نامىنى ئاتاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، ئۆز ۋەتىنىنىڭ نامى توغرىسىدا بىر- بىرىگە ئوخشاشمىغان شەخسىي كۆزقاراش ۋە ئىختىلاپلىرىنى بىمالال بايان قىلالايدىغان، ئۆز ۋەتىنىنىڭ نامىنى تۈرلۈك شەكىلدە ئاتايدىغان بىردىن- بىر خەلق --  ئۇيغۇرلار بولسا كېرەك. ئەلۋەتتە، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ نامىنى ئاشكارا ئاتاش ھەققى خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاتالمىش ھاكىمىيەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن"شىنجاڭ" دېگەن بۇ يات ئىسىم ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن ھۆكۈم سۈرمەكتە. لېكىن، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىنىڭ "شەرقىي تۇركىستان" دېگەن بۇ نامىنى ئاتاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟!

مېنىڭچە، بۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى - - خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ نامى بولغان "شەرقىي تۈركىستان" دېگەن بۇ ئاتالغۇنى سىياسىي ئۇقۇمغا ئىگە بىر سوز يەنى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ ئاتىلىشى دەپ شەرھىلىشىدە. شۇڭا، بېيىجىڭ ھۆكۈمېتى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئاتالمىش "شىىنجاڭ"نى شەرقىي تۇركىستان دەپ ئاتىماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ شۇنداقلا بۇنداق ئاتاشنىڭ جوڭخۇۋا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر دۆلەت سۈپىتىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۈز يەتكۈزگەنلىك، زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، مەشھۇر 11-سەنتەبىر تېرورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، بېيىجىڭ ھوكۈمېتى "شەرقىي تۈركىستان" دېگەن بۇئاتالغۇنى "خەلقئارا تېرورىزم" ئۇقۇمىغا باغلاپ، ئاتالمىش "شەرقىي تۈركىستان تېرورىستلىرى" سەپسەتىسىنى كوتۈرۈپ چىقتى. بۇ سەپسەتە تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك سىياسىي نەتىجىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان:

 1. شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى "خەلقئارا تېرورىزىم"نىڭ بىر تەركىۋى قىسمى سۈپىتىدە دۇنياغا ئېلان قىلىش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەزكۇر ھەرىكەتنى قوللاپ قېلىشىدەك ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاڭا قارىتا قانۇنىي ئاساس ئويدۇرۇپ چىقىش.

 2. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا پىسخىك ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا "شەرقىي تۈركىستان" دېگەن ئاتالغۇ بىلەن "تېرورىزم" دېگەن ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر سىياسىي ئېڭىدا قالايمىقانچىلىق ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك دۇنياسىدا "شەرقىي تۇركىستان" دېگەن بۇ سوزگە نىسبەتەن بىر خىل سەلبىي سەزگۈرلۈك ۋە ئېھتىياتچانلىق تۇيغۇسىنى مۇقىملاشتۇرۇش.

ئەمدى، خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان بۇ ئىككى تۈرلۈك سىياسىي نەتىجىنىڭ ئەمىلىلىشىش ئەھۋالىنى كۈزىتىپ باقايلى:

 90- يىللارنىڭ ئاخىرى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن قۇرۇلغان "ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى"نىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمى ۋەتىنىمىزنىڭ نامى "شەرقىي تۈركىستان"نى، يۇقۇرىنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن، "ئۇيغۇر دىيارى" ياكى"ئۇيغۇر ئېلى" دەپ قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى. 2002- يىلى، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتى "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى"نى ئوزلىرىنىڭ "تېرورىزم تىزىملىكى"گە كىرگۈزدى. بۇ كۈتۈلمىگەن ھادىسە تۈپەيلىدىن، خەلقئارا جەمئىيەتتە بىر پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە نىسبەتەن بىر خىل ئېھتىياتچان كەيپىيات شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن، غەرپ دولەتلىرىنى ئاساس قىلغان دۇنيا ئەللىرى، بولۇپمۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ھوكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارغا بولغان دىققىتىنى پەقەتلا ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگىلا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بەرمىدى ياكى ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى تارتتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەلۇم بىر ئەزاسى ھەتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئوخشاش ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنى "خەلقاراتېرورىزم"غا باغلاش ئۈچۈن مەزكۇر پارلامېنتتا سىياسىي ھەركەت قوزغاشقائۇرۇندى.

ئۇيغۇرلارچۇ؟

 2004- يىلى، گېرمانىيەدە "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى" قۇرۇلدى. بۇ قۇرۇلتاي 1992- يىلى تۇركىيەدە ئېچىلغان 1-نۆۋەتلىك "شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى" ۋە 1999- يىلى گېرمانىيەدە ئېچىلغان 2- نوۋەتلىك "شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى"نىڭ 3- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىمۇ  ياكى مۇستەقىل بىر تەشكىلاتمۇ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس ئىدى. لېكىن، ئېنىق بولغىنى "شەرقىي تۈركىستان" دېگەن سۆز "ئۇيغۇر" دېگەن سۆزگە ئالماشتى. شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەققىللىق ھەرىكىتىدىكى بۇ تارىخىي ئۆزگۈرۈش ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان بىر خىل ئەنئەنىنى ياراتتى، ئۇ بولسىمۇ: "ئۇيغۇر" دېگەن بىر خەلقنىڭ نامى "شەرقىي تۈركىستان" دېگەن بىر دۆلەت نامىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىشىدۇر! شۇنىڭ بىلەن، ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ نامىدا "شەرقىي تۈركىستان"نىڭ ئورنىغا "ئۇيغۇر"نى ئىشلەتتى. ھەتتاكى، بىر ئەسىردىن ئارتۇق سىياسىي تارىخىمىزدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان "شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتى" دېگەن ئاتالغۇ "ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى" دېگەن ئاتالغۇغا، "شەرقىي تۈركىستان داۋاسى" "ئۇيغۇر داۋاسى"غا ئۆزگەردى. 2005- يىلى، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتى تۈرمىسىدىن ئامېرىكىغا سۈرگۈن قىلىنغان مەنىۋىي ئانىمىز رابىيە قادىر خانىممۇ ئۆزى قۇرغان تەشكىلاتنىڭ نامىغا "شەرقىي تۈركىستان" ئەمەس "ئۇيغۇر"نى ئىشلەتتى (خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى) شۇنداقلا بۇتارىخىي شەرقىي تۈركىستانچىمىز "ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ لېدىرى" دەپ سۈپەتلەندى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئەمەس!

شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، ئاتالمىش "ئۇيغۇر مەسىلىسى" ياكى "ئۇيغۇر داۋاسى" ھەرگىزمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ياكى داۋاسى دېگەنلىك ئەمەس."شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى" — خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ سىياسىي مەسىلىسىدۇر. ئەمما، "ئۇيغۇر مەسىلىسى" (ياكى داۋاسى) ھەرگىزمۇ بۇ ئۇقۇمنى ئىپادىلىمەيدۇ. مېنىڭچە، ئاتالمىش "ئۇيغۇر مەسىلىسى" ياكى"ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى" دېگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلارنى ياراتقۇچىلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىستىمەكچى بولغىنى كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت دېمەكچى بولسا كېرەك. ھەقىقەتەنمۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ، بىراق، بۇ ئۇلارنىڭ مىللىي مەسىلىسى ئەمەس، ئۇلارنىڭ مىللىي مەسىلىسى — مۇستەملىكە شەرقىي تۇركىستاننىڭ قايتا مۇستەقىللىق مەسىلىسىدۇر، ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس!

ياكى، بىزنىڭ بۇنداق ئۇيغۇرلىرىمىز ۋە تەشكىلاتلىرىمىز "شەرقىي تۈركىستان"،"مۇستەقىللىق” دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ "تېرورىزم" بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ ئويلامدىغاندۇ؟! ياكى بولمىسا، ئۇلارمۇ جوڭخۇۋا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر دۆلەت سۈپىتىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۈز يەتكۈزمەسلىكنى، زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى، ئىچكى ئىشلىرىغائارىلاشماسلىقنى خالامدىغاندۇ؟! ئۆزلىرى توۋلاۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق شۇئارىدا بىرخەلقنىڭ ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققى دەيدىغان خەلقئارالىق قانۇننىڭ بارلىقىنى، مەزكۇر قانۇننىڭ ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلىمەكچى بولغان خەلقنىڭ مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قايتا قولغا كەلتۈرۈشىنى، بۇ يولدا ھەتتاكى قوراللىق كۆرەش قىلىشقىمۇ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدىكىنە؟! شۇنداق ئىكەن، نېمە ئۈچۈن يەنە"شەرقىي تۈركىستان"، "شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى" دېگەن سۆز - ئىبارىلەرنى خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا ئاشكارا ئېلان قىلىشتىن ئەنسىرىشىدۇ؟!

دېمەك، ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىنىڭ "شەرقىي تۈركىستان" دېگەن بۇ نامىنى ئاتاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. چۈنكى، بۇ نام، خۇددى خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتى ئېيتقاندەك سىياسىي نامدۇر، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆتكەن ئەسىردە ئارقا- ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرگەن مۇبارەك دۆلىتىنىڭ نامىدۇر. ئەگەر، بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋەنىنىمىزنىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ مۇقەددەس نامىنى ئۆزىمىزنىڭ ئالدىدا، خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتى ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا دادىللىق بىلەن ئەسكەرتەلمىسەك، ھەمدە ئۆزىمىز قۇرغان تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئىسىملىرىدا، سىياسىي پروگراممىلىرىمىزدا، يازمىلىرىمىزدا، شۇئارلىرىمىزدا زىكرى قىلىپ تۇرمىساق، "شەرقىي تۈركىستان" دېگەن بۇ ئۇقۇم ھەتتاكى تارىخنىڭ يادىكارلىقلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالالمايدۇ، شۇنداقلا، شەرقىي تۈركىستانلىقلار پۇتۇنلەي جوڭگۇلۇقلارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ياكى ھېچ بولمىغاندا، جوڭگۇنىڭ ھەقىقىي بىر ئازسانلىق مىللىتى سۈپىتىدە خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ئوخشاش بىر تەغدىرنى ياشايدۇ.

سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا، شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەنكى، يەھۇدىلار تارىختا تۇنجى دۆلىتىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى1250- يىلى قۇرغان بولۇپ، نامى ئىسرائىلىيە ئىدى. مىلادىدىن بۇرۇن 586- يىلى بابىل دۆلىتىنىڭ خاقانى نەبۇخەز ناسسارنىڭ قولىدا ئىسرائىلىيە دۆلىتى غۇلىغاندىن تارتىپ تاكى مىلادىيە 1947- يىلغىچە، يەھۇدىلار ۋەتەنسىز ياشىدى. بىراق، ئۇلار 1947- يىلى مىللىي دۆلىتىنى قايتا قۇرغاندا، نامىنى يەنىلا ئىسرائىلىيە دەپ ئاتىدى. قاراڭلار،"يەھۇدىستان"مۇ ئەمەس، "يەھۇدىيە"مۇ ئەمەس، بەلكى ئىسرائىلىيە! چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ غۇلىغان دۆلىتىنى تەخمىنەن 2500 يىلدىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كەلتۈردى. بىز ئۇيغۇرلارچۇ؟! ئاخىرقى قېتىم غۇلىغىنىغا ئەمدىلا 60 يىل بولغان دۆلىتىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامىنى ئاتاشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىمىز،جۈرئەت قىلالىغانلىرىمىز "ئۇيغۇرىستان"، "ئۇيغۇرىيە" دېگەندەك بىرنېمىلەرنى دەپ جۆيلۈيمىز تېخى، خۇددى سىياسىي تارىخىمىزدا شۇنداق ئىسىملاردىكى دۆلەتلىرىمىز قۇرۇلۇپ باققاندەك.

ئەي، ئۇيغۇرلار، ئەي، ئاتالمىش "شەرقىي تۇركىستان تېرورىستلىرى! سىلەرنىڭمۇ "تېرورىزم" ئۇقۇمىغا بېرىدىغان ئۆزەڭلارغا خاس تەبىرىڭلار يوقمۇ؟! شەرقىي تۈركىستان دېگەن مىللىي دۆلىتىڭلارنى غۇلاتقان، ۋەتىنىڭلارنى مۇستەملىكە قىلغان، سىلەرنى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي مەۋجۇتلۇققا ئىگە بىر پۈتۈن خەلق سۇپىتىدە يوقىتىش ئۈچۈن خەلقئارا قانۇنلار چەكلىگەن ۋەھشىي ۋاستىلەرنى ئىشلىتىشتىن يالتايمىغان خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزى ئەسلىدە تېرورىست ئەمەسمۇ؟!

 

2007- يىل

 مېنىڭ پەرىزىمچە، دۇنيادا ئۆز ۋەتىنىنىڭ نامىنى ئاتاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، ئۆز ۋەتىنىنىڭ نامى توغرىسىدا بىر- بىرىگە ئوخشاشمىغان شەخسىي كۆزقاراش ۋە ئىختىلاپلىرىنى بىمالال بايان قىلالايدىغان، ئۆز ۋەتىنىنىڭ نامىنى تۈرلۈك شەكىلدە ئاتايدىغان بىردىنبىر خەلق --  ئۇيغۇرلار بولسا كېرەك. ئەلۋەتتە، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئۆزۋەتىنىنىڭ نامىنى ئاشكارا ئاتاش

Read more here

                                                        

 خىتايچە < شىنجاڭ > دېگەن بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچىغا ئەينەن تەرجىمە قىلساق، < يېڭى چېگرا > دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى بولسا بۇ ئاتالغۇنى، < يېڭىدىن قوشۇۋېلىنغان زېمىن > دەپ ئىزاھلاپ كەلمەكتە. گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى < شىنجاڭ > دەپ ئاتاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئاتالغۇدىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئاساسى جەھەتتىن  

                                                                                                                                                                 Read more here

 

خىتايچە < شىنجاڭ > دېگەن بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچىغا ئەينەن تەرجىمە قىلساق، < يېڭى چېگرا > دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى بولسا بۇ ئاتالغۇنى، < يېڭىدىن قوشۇۋېلىنغان زېمىن > دەپ ئىزاھلاپ كەلمەكتە. گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى < شىنجاڭ > دەپ ئاتاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئاتالغۇدىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئاساسى جەھەتتىن خەۋىرى يوق. بۈگۈن كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان دۇنيا خەرىتىلىرىدە، خىتاي تەرىپىدىن < شىنجاڭ > دەپ ئاتالغان بۇ رايون، < شەرقىي تۈركىستان >، < تۈركىستان >، < ئۇيغۇرىستان >، < ئۇيغۇرىيە > دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ كېلىنمەكتە.

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ۋە غەرپ مەتبۇئاتلىرىدا بولسا، < شەرقىي تۈركىستان > دەپ ئاتاش ئوموملاشقان بولۇپ، ئۇلار، < شەرقىي تۈركىستان > دېگەن بۇ سۆزنىڭ يېنىغا تىرناق ئېچىپ، < خىتاي ھۆكۈمېتى تەرىپىدىن "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى"  دەپ ئاتىلىدۇ > دەپ ئىزاھات بېرىپ قويىدۇ.

چۈنكى ئۇلارنىڭ خىتايغا ئوخشاش دۆلەت ۋە يەر – جاي ناملىرىنى سىياسىي ئېھتىياجىغا قاراپ خالىغانچە ئۆزگەرتىدىغان خۇيى يوق، بەلكى تارىخىي مەنبە ۋە ئاساسقا تايىنىدۇ، شۇ جۇغراپىيەدە ياشاۋاتقان ۋە شۇ تۇپراقنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ھېساپلانغان خەلقلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇلار قوبۇل قىلمىغان ئىسىم ياكى ئاتالغۇنى ئۇلارغا زورلاپ تاڭمايدۇ.

بەزى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە چەتەللەردە تەخمىنەن بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ياشىماقتا، ئۇلارنىڭ ئەڭ قاتتىق نەپرەت قىلىدىغىنى، < شىنجاڭ> دېگەن بۇ كەلىمە بولۇپ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ، < شىنجاڭ > دەپ ئاتىلىشىنى، < ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئەڭ زور ھاقارەت > دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ كەلىمە مانجۇ ۋە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تېڭىلغان نام بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ ئىسىمنى ھېچ بىر زامان قوبۇل قىلغىنى يوق ۋە ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئەسلىدىكى شەرەپلىك نامىغا قايتا ئېرىشىش ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە.

مەسىلەن، 1933 - يىلى قەشقەردە ۋە 1944 - يىلى ئىلىدا قۇرۇلغان ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ، < شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى > دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ نام - شەرىپىگە بولغان ئارزۇ ۋە ئىنتىلىشلىرىنى ئوچۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

شۇڭا ھازىر چەتەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، < شىنجاڭ > دېگەن بۇ كەلىمىنى تەلەپپۇز قىلىشنى، < ۋەتەن - مىللەتكە قىلىنغان خىيانەت > دەپ قارايدۇ، ئۇلار ئارىسىدا ۋەتەننىڭ نامى ھەققىدە، < شەرقىي تۈركىستان >، < ئۇيغۇرىستان > دىگەن ئاتالغۇ كەڭ ئوموملاشقان ۋە < شىنجاڭ > كەلىمىسى ھېچ بىر زامان تەلەپپۇز قىلىنمىغاچقا، چەتەللەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭمۇ < شىنجاڭ> دېگەن بۇ ئاتالغۇدىن خەۋىرى يوق.

چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدىمۇ < شىنجاڭ> دېگەن بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە كۆپلىگەن تالاش – تارتىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا.

مەسىلەن، مەشھۇر خىتاي دېموكرات يازغۇچىلىرىدىن ۋاڭ لى شوڭ ئەپەندى ،< سېنىڭ شەرقىي تۈركىستىنىڭ، مېنىڭ شىنجاڭىم > دېگەن ماۋزۇدىكى ئەسىرىدىمۇ، <شىنجاڭ > دېگەن بۇ نامنىڭ پەقەتلا خىتايلارغا خاس ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نامنى ھېچ بىر زامان قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ۋە < شىنجاڭ> نىڭ خىتايلارغا، < شەرقىي تۈركىستان > نىڭ بولسا ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شۇنچە نەپرىتىنى قوزغاۋاتقان بۇ < شىنجاڭ> دېگەن نام قاچان ۋە قانداق پەيدا بولغان؟

خۇددى تارىخىي مەنبەلەردە بايان قىلىنغىنىدەك، ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ قەدىمى ۋە ئەڭ مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىدى، مىلادى 6 - ئەسىردىلا ئۇيغۇرلار ھازىرقى تاشقى موڭغۇلنىڭ ئورخۇن ۋادىسىنى مەركەز قىلغان قۇدىرەتلىك ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان، ئەينى چاغدىكى خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسىمۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشكەن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسيانلارنى باستۇرۇشتا ئۇيغۇر خانلىقى كۆپ ياردەم بەرگىنى ئۈچۈن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن 3 مەلىكىسىنى ئۇيغۇر خانلىرىغا ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر خانلىقى تەركىبىدىكى قىرغىز قەبىلىسىنىڭ ئىسيانى تۈپەيلىدىن مىلادى 840 - يىلى ئۇيغۇر خانلىقى گۇمران بولۇپ، ئۇيغۇرلار غەرىپتىكى، يەنى ھازىرقى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرىقداشلىرىنىڭ قېشىغا كۆچۈپ بارغان ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئاساسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغىنى ئۈچۈن، بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار تۇرپاننى مەركەز قىلغان ئېدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنى، قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىلار دۆلىتىنى، خوتەننى مەركەز قىلغان ئۇدۇن دۆلىتىنى قۇرغان ئىدى. كېيىن قاراخانىلار دۆلىتى ئېدىقۇت دۆلىتى بىلەن ئۇدۇن دۆلىتىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن بۈيۈك خانلىقىنى قايتىدىن ۋۇجۇتقا چىقارغان ئىدى.

گەرچە كېيىن بۇ رايون موڭغۇل، قىتان، مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىستىلاسىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى تامامەن يوقۇتۇپ قويمىغان، مەسىلەن، چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى، يەركەنت خانلىقى ۋە ئاخىرقى قەشقەرىيە ئۇيغۇر دۆلىتى قاتارلىقلار بۇنىڭ جانلىق ئۆرنەكلىرى ئىدى. 1881 - يىلى شەرقىي تۈركىستان رايونى چىڭ سۇلالىسىنىڭ، يەنى مانجۇ ئىمپىراتورلۇقىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىستىلاسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، 1884 -  يىلى بۇ رايوننىڭ نامى < شىنجاڭ > دەپ ئۆزگەرتىلىپ، خىتاينىڭ بىر مەمۇرى ئۆلكىسى قىلىۋېلىندى.

 "ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى"  تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلىپ تارقىتىلغان، < ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەققىدە قىسقىچە ئوقۇشلۇق > دېگەن كىتاپتا بايان قىلىنىشىچە، مانجۇ ئىمپىراتورلۇقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، يېڭىدىن ئىشغال قىلىنغان جايلارنىڭ ھەممىسى < شىنجاڭ> دەپ ئاتالغان، 1762 - يىلىغا كەلگەندە مانجۇ ئىمپىراتورلۇقى ھازىرقى يۈننەن، گۇيجۇ، سىچۇەن، شىڭخەي، گەنسۇ ئۆلكىلىرىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى قوشۇپ، < شىنجاڭ > دەپ ئاتىغان. 1884 - يىلىغا كەلگەندە باشقا < شىنجاڭ> لارنىڭ ھەممىسىگە نام قويۇلۇپ مەمۇرى ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇلۇپ بولۇنغىنى ئۈچۈن، < شىنجاڭ> دېگەن بۇ نام شەرقىي تۈركىستانغا "مىراس" قالغان ئىدى. يەنى، ئەگەر بۇ رايون يۇقۇرىدا دەپ ئۆتۈلگەن بەش < شىنجاڭ > دىن بۇرۇن چىڭ سۇلالىسىنىڭ مەمۇرى ئۆلكىسىگە ئايلانغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ نامىمۇ باشقىچە ئاتالغان بولاتتى.

گەرچە مانجۇ ئىمپىراتورلۇقى بۇ زېمىنغا < شىنجاڭ > دېگەن ئىسىمنى قويغان بولسىمۇ، بۇ ئىسىمغا ئۆزلىرىمۇ كۆنەلمىگەن، تاكى چىڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغان 1911 - يىلىغا قەدەر مانجۇلار بۇ رايوننى < خۇيجاڭ>، يەنى، < موسۇلمانلار رايونى > دەپ ئاتاپ كەلگەن ئىدى.

مانجۇلارنىڭ 200 نەچچە يىل مۇستەملىكە قىلىشىغا ئۇچرىغان خىتايلار، 1911 -  يىلى دوكتۇر سۇن جۇڭسەننىڭ باشلامچىلىقىدا مانجۇ ئىمپىرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ، < خىتاي جۇمھۇرىيىتى > نى قۇردى.

جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىلا، ئىلگىرى مانجۇ ئىمپىراتورلۇقى تەرىپىدىن قويۇلغان ۋە خىتاي مىللىتى ئۈچۈن ھاقارەت ۋە مۇستەملىكە تۈسىنى ئالغان يەر – جاي ناملىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزگەرتىلگەن ۋە بۇرۇنقى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما < شىنجاڭ > دېگەن بۇ ئىسىم شۇ پېتى قېلىۋەردى.

ئەمما گو مىنداڭ ھۆكۈمېتى ئىچىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى تاكى 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىشغال قىلغانغا قەدەر < خۇيجاڭ >، يەنى، < موسۇلمانلار رايونى >، < بىيەنجاڭ >، يەنى < چەگرا رايون > دەپ ئاتاش ئادەتكە ئايلانغان ئىدى. خىتايدا < شىنجاڭ > كەلىمىسىنىڭ رەسمىي يوسۇندا ئوموملاشقان مەزگىلى دەل كوممۇنىست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىدىن كېيىن بولدى.

دېمەك، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىگلىرى ئۆز مىللىتىنى 200 نەچچە يىل مۇستەملىكە قىلغان مانجۇ ئىمپىراتورلۇقىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتا گو مىنداڭ ھۆكۈمېتىدىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن ئىدى.

  "ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم"  تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان ۋە ناھىيە دەرىجىلىك كادىرلارغىلا تارقىتىلغان، ھەتتا باشقا تىللارغا تەرجىمنە قىلىنىشىمۇ چەكلەنگەن خىتايچە، < مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدە تاللانما > ناملىق كىتاپتا بايان قىلىنىشىچە، 1955 – يىلى < شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى > قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامىنى بەلگىلەش ھەققىدە ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمېتى ئوتتۇرىسىدا جىددى تالاش – تارتىش مەيدانغا كەلگەن، سەيپىدىن ئەزىزى، ئىمىنوپ باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، < ئۇيغۇرىستان رېسپوبلىكىسى > دەپ ئاتاش تەكلىۋىدە بولغان، خىتاي تەرەپ بولسا، < شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى > دەپ ئاتاش قارارىدىن ۋاز كەچمىگەن. نەتىجىدە خىتاي كوممۇنىستلىرى، مانجۇ ئىمپىراتورلۇقى مەزگىلىدە ئۇرۇپ – سوقۇپ قويۇلغان < شىنجاڭ > دېگەن بۇ نامنى ئاخىرىدا چۆگىلىتىپ كېلىپ يەنە < ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى > دېگەن ئىسىمنىڭ ئالدىغا قوشۇۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىمپىرىيالىستىك ئەپتى - بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.

تېخىمۇ يىرگىنىشلىك يېرى شۇكى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ پىشىۋالىرىنىڭ بىرى ۋە سابىق باش مىنىستېرى جۇ ئېن لەي1957 - يىلى 8 -  ئاينىڭ 4 - كۈنى چىڭداۋ شەھرىدە چاقىرىلغان < مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى > دا قىلغان سۆزىدە، "ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلار رايونىغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن خەنزۇلارغا بولغان تەسىرىدە ياخشى تەرەپلىرىمۇ بولغان. مەسىلەن، مانجۇلار پەقەتلا نەچچە مىليون نوپوسقا ئىگە، ئەمما ئۇ قۇرغان چىڭ سۇلالىسى جۇڭگوغا 200 نەچچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى، بۇ، ئۇلارنىڭ بىڭسى بار مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ. بۈگۈن دۆلىتىمىزنىڭ خەرىتىسىنىڭ بۇنچىۋالا كەڭ بولۇشىمۇ، ئەنە شۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ مىراسىدىن ئىبارەت. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول، نوپوسى كۆپ، ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىمكى، بۇنىڭدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ تۆھپىسى بار، چىڭ سۇلالىسىنىڭ بەزى سىياسەتلىرىنىڭمۇ خەلقىمىزگە پايدىسى بار ..." دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ماھىيىتىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئوچۇقچە كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.

 

 

(«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنىڭ ئۇپۇقلىرى ۋە خىرسلار» تېمىسىدىكى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان موھىم نۇقتىلار)

 

موھىم ئەسكەرتىش: مەزكۈر خىتاپنامىدا تىلغا ئېلىنغان نۇقتىلار ئىككى تىپتا بولۇپ، بىرى، سىياسىي دەۋانى يۈرگۈزۈشتە پايدىلىنىشقا بولىدىغان يول، مېتودلار؛ يەنە بىرى مەيلى تەشكىلات، مەيلى شەخس، بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەلەپپۇزنى بىرلىككە كەلتۈرمىسە بولمايدىغان تەبىئىي ئېلىمېنتلار بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق ئەمەل قىلمىسا بولمايدىغانلىقى شۇنى كۆرسۈتۈدۇكى، بۇلار مەلۇم دۇنيا قاراش، سىياسىي قاراش، تەشكىلىي قاراشقا مەنسۇپ بولمىغان شەيئىلەردۇر. ئومۇمەن، بۇ ماتىرىيالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلار ھېچقانداق تەشكىلاتنىڭ كۆز قارىشى، غايىسى ئەمەس، شۇنداقلا ھىچقانداق بىر تەشكىلاتنىڭ خاس مۈلكىمۇ ئەمەس. بۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن نۇقتىلار شەرقىي تۈركىستان سىياسىي دەۋاسى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسى يولىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ھەرخىل تەشكىلاتلار، مۇستەقىل سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن ئورتاق بولۇپ، كىم پايدىلىنىشنى خالىسا ئۆز مۈلكى ھىسابىدا قوللانسا بولىدۇ.

 

1. پىرىنسىپال مەسىلىلەر

 

1.1

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك ئاساسىنى بەلگىلەشتە چوقۇم بىلىشىمىز كېرەك بولغان يېتەكچى پىرىنسىپ شۇكى: بىزنىڭ نىشانىمىز، يېڭىدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ئەمەس، مۇستەقىللىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. چۈنكى بىزنىڭ ۋەتىنىمىز، خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئەمەس، بەلكى بېسىۋېلىنغان زېمىن. مانا بۇ مىللىي ۋە سىياسىي سەزگۈرلىكى يوقۇرى بولغان نۇقتىنى ئۆز نىزامنامىسىدە ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان تەشكىلاتلا خەلقنىڭ ئىرادىسىگە، ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا غايىلەرنى ئالدىغا قويغان تەشكىلاتلار بۇنداق ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ھەر خىل تەشكىلاتلارنىڭ بولۇشى، ھەر خىل ئۇسۇل، ھەر خىل پىلان، پروگراممىلارنى ئالدىغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ياكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر قىسىم مەنپەئەتلىرىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇشى ھەقلىق ھىساپلىنىدۇ ۋە ئۇلارنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ.

 

2.1

ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشىدا يېتەكچى قىلىشىمىز زۆرۈر بولغان ئامىل ئېتىقادىمىز بولۇپ، ئاساسىي نوپۇسى مۇسۇلمان بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىدېئولوگىيىسى ئىسلام دىنىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسا ياكى دىنىمىزنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ بولسا، خەلقىمىز بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

 

3.1

بۇ ئىدىئولوگىيە «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمغا ئۇيغۇن بولۇشى، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ بىر پۈتۈنلۈك سۈپىتىدە قوينىغا ئالغان ھالدا تۈزۈلۈشى كېرەك. دۈشمەن ئېنىق بەلگىلىنىشى بۇ دۈشمەندىن باشقا «قوشۇمچە دۈشمەن»، «يېڭى دۈشمەن» پەيدا قىلىدىغان مەزمۇنلاردىن ساقلىنىشى كېرەك.

 

2. يول ۋە مېتودلار (تەۋسىيىلەر)

 

1.2

دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ئەركىن سايلام قوللىنىشقا بولىدىغان بىر قورالدۇر. بۇ قورالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدىغان پارتىيەلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

كونكرېت ئۇسۇللار: سايلام ھارپىسىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئاۋازنى بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ نىسبەتەن كۆپرەك نوپۇسىمىز بولغان دۆلەتلەردە ئۆز ئاۋازىمىز بىلەن، نوپۇسىمىز ئاز بولغان جايلاردا قېرىنداش ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى ئۆزىمىزگە تارتىش ئارقىلىق ئاۋازدىن ئىبارەت بۇ «كوزېر»نى قولغا كەلتۈرۈش؛ بۇ كوزېر ئارقىلىق غالىپ كېلىش ئىھتىمالى كۈچلۈك بولغان پارتىيىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش مۇھىتى يارىتىش.

غايە: ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدىغانلاردىن قولغا كەلتۈرۈش كۈتىلىدىغان نىشانلار شۇلار بولۇشى مۈمكىن: تەشكىلاتلار ئۈچۈن ئىقتىسادىي مەنبە ھەل قىلىش؛ خەلقىمىزنىڭ ئەسلى ئارزۇسىنى داۋاملىق تەلقىن قىلىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي مەيدانىغا ئەگىشىشتىن، مىللىي كۆرىشىمىزنىڭ ئەسلى غايىسىغا ئاساسەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، مۈمكىن بولغان دائىرىدە خەلقىمىزنىڭ ئارزۇسىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا، ھىچ بولمىغاندا توغرا تونۇيدىغان، كۆڭلۈمىزدىكىنى چۈشىنىدىغان قىلىشقا تىرىشىش. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازىنى چەتئەللىكلەرنىڭ تىلى بىلەن ئاڭلىتىش.

 

2.2

مىدىيا ۋە تەشۋىقاتتا يېڭى يول ئېچىشىمىز كېرەك.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئۆز ئىچىمىزگە، غەرب ۋە باشقا دولەتلەرگە ئاڭلىتىپلا قالماي، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە قارشى خىتايلارغا شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ پىرىنسىپال مەسىلىلىرىدە يول قويماسلىق شەرتى ئاستىدا مەلۇم دەرىجىدە ھەمكارلىشىش.

 

3.2

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق كۆرىشىنىڭ سىستېمىلىق، پىلان-پروگراممىلىق ئېلىپ بېرىلىشىنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن، بارلىق تەشكىلاتلار قوبۇل قىلالايدىغان، ئەسلىدە كۆز قاراش، تونۇش ئوخشىماسلىقلىرىغا مۇناسىۋەتسىز بەزى نۇقتىلاردا ئورتاق بىر يولنى بويلاپ مېڭىش ئۈچۈن "شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدىكى ئىدىيىۋىي مەسىلىلەر" توغرىسىدا بىر پارچە كىتاب بىلەن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ‹ئاقتاشلىق كىتاب›ى»نى تۈزۈپ چىقىش. بۇنداق بىر قوللانما تۈزۈپ چىقىش ئىشىغا بارلىق تەشكىلاتلار مۇتىخەسىس قاتناشتۇرغاندىن باشقا، مۇستەقىل سىياسىي پائالىيەتچىلەر، سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئىستراتېگىيىچىلەرمۇ قاتنىشىش.

 

4.2

ئاقتاشلىق كىتاپقا يانداشقان ھالدا بىر «كرىزىس گورۇپپىسى» قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيا ۋەزىيىتى، تەشكىلاتلىرىمىز تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتى، خىتاي سىياسىتىنى داۋاملىق كۈزۈتۈپ تۇرۇش، مۇلاھىزە قىلىپ تۇرۇش، تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە روھىي تەييارلىقىمىز بولۇشىنى تەمىن ئېتىش، تەشكىلاتلارنى كېرەكلىك تەدبىر ئېلىشتا ئاساس بىلەن تەمىنلەش. (كرىزس گورۇپپىسى قۇرۇش ئىشىدا، چەتئەللەردىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئورتاق بىر گورۇپپا قۇرۇپ چىقىش ئەڭ بۈيۈك غايە، ئەگەر بولمىغاندا ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ باياناتچى (سۆزچى)لىرى ئارا ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، جانىجان مەنپەئەتىمىزگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە چوقۇم بىرلىكنى ساقلاش كېرەك).

 

5.2

خەلقئارالىق قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ، خىتاي مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقىغا چەك قويۇشقا تىرىشىش بىلەن بىرگە، بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتچىلەر ئۈستىدىن خەلقئارا ئادالەت سوتى ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز سۇنۇش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتوم بومبىسى سىناقلىرى تۈپەيلىدىن رادىئاتسىيدىن زەھەرلەنگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تۆلەم تۆلىتىش.

 

6.2

تەلەپپۇز ئورتاقلىقى بولۇشى شەرت بولغان مەسىلىلەردە قەتئىي تۈردە تەلەپپۇزنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. بۇ شەرقىي تۈركىستان مىللىي دەۋاسىنىڭ ساپا مەسىلىسى بولۇپ، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ باياناتچىلىرى ۋە مۇستەقىل پائالىيەتچىلەر ئوخشاش مەسىلە ئۈسىتىدە ھەر خىل ئىنكاس قايتۇرۇشتەك ساپاسىزلىقنى تۈگۈتۈپ، باشقىلارنىڭ دەۋايىمىزنى كۈلكە قىلىۋېلىشىغا يوچۇق قالدۇرماسلىق ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان موھىم مەسىلە.

 

1.6.2

تارىخىي ۋەقە-ھادىسىلەرنى توغرا ئىسىملاندۇرۇش مەسىلىسى. مەسىلەن: «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»نى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى» ياكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» دەپ ئاتاش. بۇندىن باشقا، بارىن، غۇلجا، ئۈرۈمچى.... دە بولۇپ ئۆتكەن قارشىلىق ھەركەتلىرى، قەتلىئاملارنى ئۆز خاراكتېرىگە، ھەجمىگە، كۆلىمىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئاتاش ۋە بۇ ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ خىتايلار تەرىپىدىن كەمسىتىش تەلەپپۇزىدا، كىچىكلىتىپ كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئاتالغان «... ۋەقەسى» دېگەننى قوللانماسلىق.

 

2.6.2

مىللىي كىملىكىمىزنىڭ ئاساسىي ئېلىمېنتى بولغان مىللىي شۇئارىمىز بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك. مەسىلەن: مىللىتىمىز ئۇيغۇر، دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان، دۈشمىنىمىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى. نامايىش، يىغىلىش ۋە باشقا ئاممىۋىي پائالىيەتلەردە توۋلايدىغان شۇئارلارمۇ تۈپ مىللىي شۇئارىمىزغا ئۇيغۇن تۈزۈلۈشى كېرەك.

 

3.6.2

ئىسىملاردا ئەكس ئېتىدىغان مىللىيلىكنى تەكىتلەش، ئەسلىگە سادىق بولۇشقا دىققەت قىلىش. مىللەت نامىمىزنىڭ خىتاي تىلىدىكى خەتلىرىنىڭ ھاقارەت مەنىسى بارلىقىنى ئاساس قىلىپ، بۇنىڭغا قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈش. كىملىك ھۆججەتلىرىدە ئۇيغۇر ئىسىملىرىنى خىتاي تەلەپپۇزى بىلەن ئېلىشقا قارشى تۇرۇش ۋە چەتئەل كىملىكلىرىدە ئىسىملىرىمىزنىڭ ئەسلىگە سادىق تەلەپپۇزىنى قوللۇنۇشقا ماقۇل كەلتۈرۈش. چەتئەل كىملىكلىرىمىزدىكى تۇغۇلغان جايى، دۆلىتى (مىللىتى) گراپىلىرىنى «خىتاي» دەپ تولدۇرۇشقا ئورتاق قارشىلىق بىلدۈرۈش. مۇشۇنداق ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك.

 

4.6.2

جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلار. ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ۋەتىنىمىزدىكى ھادىسىلەر خەۋەر قىلىنسا يەر ئىسىملىرى خىتايلارنىڭ پىنيىن يېزىقى ئاساسىدىكى تەلەپپۇزى ئاساس قىلىنماقتا. بۇ بىز ئۈچۈن ھاقارەت بولۇش بىلەن بىرگە، تەدرىجىي كۆندۈرۈش ئۇرۇنۇشىغا يول قويۇش بولۇپمۇ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا، مەتبۇئاتلار بىلەن ئالاقە ئورنۇتۇپ، ئۇلارنىڭ توغرا قوللۇنۇشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەنلا قالماي، بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلدۇرۇپ، توغرىسىنى قوللۇنۇشقا زورلاش.

 

5.6.2

تارىخىي كۈنلەرنى تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئاتاش مەسىلىسى. ھازىر چەتئەللەردە «خىتايلار قاچان بېسىۋالغان؟» دېگەندەك سوئاللارغا دۇچ كەلگىنىمىزدە بىر تەشكىلات ئىچىدىكى ئىككى ئادەم ئىككى خىل جاۋاپ بېرىدىغان ئەھۋاللار دايىملا كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا تارىخىي كۈنلەرنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلگەندە چوقۇم تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن بولغان ھالدا، بىرلىككە كەلگەن بىر كۈننى دېيىشىمىز شەرت (بۇلارنى تۈزۈپ چىقىلىدىغان قوللانمىدا تەپسىلىي بايان قىلىش كېرەك).

 

6.6.2

ئىستاتىستىكىلىق سانلار ھەققىدە بىرلىككە كېلىش. يەر كۆلىمىمىز ۋە نوپۇسىمىز.

مەۋجۇت ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار بىلىم ئادەملىرىمىز بۇ ئىككى مەسىلىدە قوللىنىشقا بولىدىغان بىر سان ئوتتۇرىغا قويسا ۋە بۇنى ھەممىمىز، ھەر يەردە ئورتاق قوللۇنۇشىمىز كېرەك. يەر كۆلىمىمىز ئۆزگەرمەيدىغان بولغاچقا، شۇ بىر ساننى دايىم ئەستە تۇتساقلا بولۇدۇ. نوپۇس ئۆزگۈرۈشچان بولغاچقا، نوپۇس ئىلمىنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن بىر كۆپۈيۈش كويفىنسېنتى بېكىتىپ، ھەر يىلى مۇشۇ كويفىنسېتقا كۆپەيتىپ قوللۇنۇش كېرەك.

 

 

2014-يىلى، 8-سىنتەبىر، تورونتو، كانادا

Copyright © 2017. East Turkistan Government-in-Exile. Designed by