بېسىپ چىقىرىش
يوللانما تۈرى: بارلىق يوللانمىلار
چېكىلىش سانى: 3330

 

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى جۇمھۇررەئىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكىي مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش، مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىش، كىرىزىسقا قارشى تەدبىر ئېلىش  مەخسىدىدە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭتوندا چاقىرىلغان پەۋقۇلئاددە يىغىن 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 20 -كۈنى ئېچىلىپ، 21-كۈنى كۆزلەنگەن مەخسەتلىرىگە مۇۋەپپىقىيەتلىك يېتىپ ئاخىرلاشتى.

يىغىنغا ئامېرىكا ۋە كانادىن 25 ئادەم قاتناشتى، ياۋروپادىن 8 مىللەت ۋەكىلى تور ئارقىلىق ئىشتراك قىلدى.

يىغىن 20-ئاپرىل ئەتتىگەن سائەت 9:00 دا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گېمىنىنىڭ ھەيۋەتلىك، جۇشقۇن ساداسى بىلەن باشلاندى. كۈنتەرتىپ بويىچە جۇمھۇررەئىسنىڭ ئېچىلىش سۆزىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغۇنۇش ھەركىتىنىڭ رەئىسى سالىھ خۇدايار ئۆزىنىڭ تىلەك ۋە ئۈمىتلىرىنى بىلدۈرۈپ، قىسقىچە تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. ئارقىدىن مۇئاۋىن باش مىنىستىر ھاجى مامۇت ئەپەندى تەبرىك نۇتقى سۆزلىدى. ئاندىن تور ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى پارلامېنت رەئىسى كۆرەش ئاتاخان سەبداشلىرىغا ئوتلۇق سالاملىرىنى يوللاش بىلەن بىللە ئالىي تىلەكلىرى، موھىم مەسلىھەت-تەكلىپلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكىلىق ۋەكىللەرنىڭ سايلام رىياسەتچىسىنىڭ  مىللەت سايلىمى ھەققىدىكى ئىزاھاتى، شۇنداقلا يىغىنغا تەبرىك، تىلەكلىرىدىن كېيىن تارقىتىپ بېرىلگەن سايلام بىلىتى ئارقىلىق، يېڭى سايلام سىستېمىنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان بۇ تۇنجى ھەقىقىي دېموكراتىك ئاۋاز بېرىشكە باشلاندى. يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە 9 نەپەر يېڭى مىللەت ۋەكىلى سايلام چىقىلدى.

سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سايلانغان مىللەت ۋەكىللىرىدىن باشقا ئىشتراكچىلار يىغىن مەيدانىدىن ئايرىلدى. چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكىي يىغىنى باشلاندى. ئاۋال ئاساسىي قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈش كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلۈپ، مەۋجۇت ئاساسىي قانۇن ماددىمۇ-ماددا ئوقۇپ چىقىلىپ، ھەر بىر ماددىغا قارىتا پىكىر ئېلىندى. شۇنداقلا ماددىمۇ - ماددا ئاۋازغا قويۇلۇپ، ۋەكىللەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلدى. شۇنداق قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ مەسىلە بار دەپ قارالغان ماددىلىرىغا تۈزۈتۈش، تولۇقلىما بېرىلدى. بىر ماددا چىقىرىپ تاشلاندى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمىزگە جىددىي ئالاقىلىق بولمىغان، ئازات شەرقىي تۈركىستان مۇھىتىغىلا ئۇيغۇن ماددىلارغا تېگىلمىدى. ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىنىڭ بىر ئېغىزدىن ماقۇللۇشى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

21-ئاپرىل ئەتتىگەندىن باشلاپ داۋام قىلغان يىغىن، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىليار شەمسىددىن تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئاساسىي قانۇنغا قوشۇمچە نىزامنامە كۈنتەرتىپكە كەلدى.

نىزامنامىمۇ ماددىمۇ-ماددا ئوقۇلۇپ، ھەربىر قاتناشقۇچىنىڭ پىكرى ئېلىندى. تولۇقلاش، تۈزۈتۈشلەردىن كېيىن بېكىتىلدى. ئاخىرىدا نىزامنامە ھەققىدە ۋەكىللەرنىڭ ئاۋازى ئېلىندى. نەتىجىدە تولۇق ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

ئارقىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ۋەكىللەر رىيال، قوللۇنۇشقا يارايدىغان، بۈگۈنلا قارار چىقىرىپ، زىددىيەتلەرگە، قۇتۇپلۇشۇشلارغا خاتىمە بېرىشكە قادىر، كۈچلۈك تەدبىر سۇنۇشقا چاقىرىلدى. ئاخىرىدا جۇمھۇررەئىس ئىككى تاللاش سۇنۇپ، بۇ ئىككى تاللاشتىن بىرنى تاللاش ئارقىلىقلا بۇ زىددىيەتلەرنىڭ ھەل بولۇدۇغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچىسى: جۇمھۇررەئىس ئۆزىنىڭ ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆپچۈلۈك بۇ تاللاشنى قوبۇل قىلمىغان تەقدىردە باش مىنىستىرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدىن باشقا چارە بىلەن تۈزەشكە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋەكىللەر جۇمھۇررەئىسنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلمدى. باش مىنىستىر ئىسمائىل چىڭگىزنىڭ جىددىي خاتالىرى تۈپەيلىدىن ئىسمائىل چىڭگىزنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تاللىدى ۋە بىر ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 32 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قارار قوبۇل قىلىندى.

ئارقىدىن يېڭىدىن مىللەت ۋەكىلى بولۇپ سەپكە قېتىلغان ئۈمىتلىك ياشلىرىمىزدىن سالىھ خۇدايارنىڭ ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ تەسىرى بولغان بىر سالاھىيەت بېرىشنى مۇۋاپىق تېپىپ، سالىھ خۇدايارغا سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكىدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلەشنى تولۇق ئاۋاز بىلەن قارار قىلدى.

ئاندىن ئەركىن ئابلىمىتنى سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ فرانسىيىدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلەشنىمۇ تولۇق ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلدى.

ئالدىمىزدىكى چوڭ قۇرۇلتاينىڭ ئورنىنى بېكىتىۋېتىشنىمۇ مۇشۇ يىغىندا قارار قىلىپ تۈگۈتۈۋېتىش ھەققىدىكى پىكىرلەرگە كۆرە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان فرانسىيە، گېرمانىيە، ھوللاندىيە، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇلۇپ، ئاخىرىدا ئامېرىكىدا ئېچىشنى قارار قىلدى.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئالىي كېڭىشىگە ئادەم تولۇقلاپ، رەتكە سېلىش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەكىللەر قاينام تاشقىنلىققا چۆمۈپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى ئۆزئارا تەبرىكلەشتى. يىغىننىڭ ئاخىرلاشقانلىقى جاكارلىنىپ ۋەكىللەر يىغىن زالىدىن چىقىپ، ئاقساراي ئالدىغىچە پىيادە بېرىپ، ئاقسارايغا سۈرگۈندى ھۆكۈمەت نامىدىن ماسساج بېرىپ قويۇش ئۈچۈن قىسقا مۇددەت شۇئار توۋلاپ، مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى جاكارلىدى. سالىھ خۇدايار  ۋە دىنىي ئىشلار مىنىستىرى ئابلەھەت نۇر قىسقا نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن يىغىن ۋە پائالىيەت ئاخىرلاشتى. ۋەكىللەر تولۇق مەنۇنىيەت بىلەن كەلگەن مەنزىللىرىگە تارقاشتى.

Comments powered by CComment